«مەن خىتاينىڭ لاگېرىدىن قېچىپ چىقتىم» ناملىق تېز سىزما كىتاب تارقىلىشقا باشلىدى
2024.02.15

ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق لاگېر شاھىتى، پائالىيەتچى زۇمرەت داۋۇتنىڭ ھاياتى تەسۋىرلەنگەن «مەن خىتاينىڭ لاگېرىدىن قېچىپ چىقتىم» ناملىق تېز سىزما كىتاب نەشر قىلىنىپ، 13-فېۋرالدىن باشلاپ ئامازون ئارقىلىق تارقىتىلىشقا باشلىدى. كىتاب زۇمرەت داۋۇت ھەققىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەر ۋە زۇمرەت داۋۇتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىغا بەرگەن گۇۋاھلىقلىرى ۋە ئۇنىڭ ئاغزاكى بايانلىرى ئاساسىدا ئاپتور ئانتونى دېل كول تەرىپىدىن يېزىلغان، كىتابتىكى رەسىملەر سەنئەتكار فاھىزە ئازىم تەرىپىدىن سىزىلغان.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن كىتابتىكى باش پېرسوناژ زۇمرەت داۋۇت خانىم رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، كىتاب ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
زۇمرەت داۋۇت خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كىتابتا ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا زور كۆلەملىك تۇتقۇن باشلانغان 2016-2017-يىللىرى تۇتقۇن قىلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش» نامىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرىغا قامىلىشى، لاگېردا يولۇققان ئېچىنىشلىق قىسمەتلىرى، پاكىستان گىراژدانى بولغان ئېرىنىڭ پاكىستان ئەلچىخانىسى ئارقىلىق سۈرۈشتۈرۈشى نەتىجىسىدە خىتاي لاگېرىدىن قۇتۇلۇپ پاكىستانغا كېتىش جەريانى، ئۇنىڭ پاكىستاندىن ئامېرىكاغا كەلگەندىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدا بەرگەن گۇۋاھلىقلىرى ۋە تاراتقۇلاردا ئۇنىڭ ھاياتى توغرىلىق ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەر سىزما شەكلىدە سىزىپ چىقىلىپ، رەسىملىك شەكىلدە تەپسىلىي بايان قىلىنغان.
زۇمرەت داۋۇت خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر كىتابنىڭ يەنە 13 مىنۇتلۇق كارتون فىلىم نۇسخىسىمۇ ئىشلەنگەن.
مەزكۇر كارتون فىلىم ئۇنىڭ كۆرۈشىگىمۇ ئەۋەتىپ بېرىلگىنىدە، ئۇ تولىمۇ ھاياجانلانغان.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ، فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ جازا لاگېرىغا قامالغان ئۆزىگە ئوخشاش ئۇيغۇرلارنىڭ قىسمەتلىرىنىڭ بۇنداق بىر ئۇسۇلدا دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تارقالغانلىقىدىن ئىنتايىن مەمنۇن بولغان ۋە تەسىرلەنگەن.
مەزكۇر كىتاب 2022-يىلى ئامېرىكادا ئاخبارات-نەشرىياتچىلىق ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق مۇكاپات «پۇلىتزېر مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن.
زۇمرەت خانىم ئۆزىنىڭ ئەينى چاغدا كىتابنىڭ ئاپتورى ئانتونى دېل كول تەرىپىدىن مۇكاپاتلاش مۇراسىمىغا قاتناشتۇرۇلغىنىدا كىتابقا يۇقىرى باھالار بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
زۇمرەت خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 13-فېۋرال كىتابنىڭ ئامازون بازىرىغا سېلىنغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار بولغان بىر قىسىم ئامېرىكالىق پائالىيەتچىلەر ۋە چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئۆزىگە ۋە كىتاب ئاپتورىغا تېلېفون قىلىپ، رەھمەت بىلدۈرگەن.
سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلايسىلەر.