شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا دەرسخانىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن مەھمۇت مەمتىمىننىڭ 13 يىللىق كېسىلگەنلىكى دەلىللەندى
2023.05.25

يېقىندا «شاھىت بىز» تورىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى مەھمۇت مەمتىمىننىڭ قاغىلىقتىن كەلگەن ئىككى ساقچى تەرىپىدىن دەرسخانىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغانىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، مەھمۇت مەمتىمىننىڭ 2017-يىلى تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن 13 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى دەلىللەندى.
مۇستەقىل تەتقىقاتچى گېن بونىن ئەپەندىنىڭ فەيسبوك ھېسابىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچۇر-تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى مەھمۇت مەمتىمىن، 1500 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى يۇرتى قاغىلىقتىن كەلگەن ئىككى ساقچى تەرىپىدىن دەرسخانىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. گېن بونىن ئەپەندىنىڭ ئالدىنقى يىلى ئاشكارىلانغان ئۈرۈمچى ساقچى ئارخىپلىرىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن بايان قىلىشىچە، مەزكۇر ۋەقە 2017 -يىلى 7 -دېكابىر كۈنى چۈش سائەت 12 مەزگىلىدە يۈز بەرگەن.
بىز بۇ ھەقتە ئۇچۇر ئېلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالاقىدار بۆلۈم ۋە ئورگانلىرىغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇچۇر تېخنىكا ئىنستىتۇتى خادىمى، مەھمۇت مەمتىمىن مەنسۇپ بولغان سىنىپنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بولغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرلىكتە، بۇ ھەقتە مەكتەپ پارتىيە ۋە مەمۇرىيەت ئىشخانىسىدىن مەلۇمات ئېلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى.
«شاھىت بىز» تورىدا قەيت قىلىنىشىچە، مەھمۇت مەمتىمىن، مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ كومپيۇتېر ئىلمى كەسپىدە ئوقۇغان بولۇپ، ئۇ قول تېلېفونىدا ئىنتېرنېتتا تامدىن ئاتلاش دېتالى ۋ پ ن نى ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن، گۇمانلىق شەخسكە ئايلانغان. مەھمۇت مەمتىمىننى دەرسخانىدىن تۇتۇپ ئېلىپ مېڭىشقا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ساقچىخانىسىنىڭ خادىملىرى ماسلاشقان. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ساقچىخانىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇچۇر تېخنىكا ئىنستىتۇتى نۆۋەتتە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن يۆتكىلىپ كەتكەن بولغاچقا، بۇ ئىنستىتۇتنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى غالىبىيەت ساقچىخانىسىغا ئۆتكۈزۈۋېتىلگەن.
غالىبىيەت ساقچىخانىسى خادىمى، مەھمۇت مەمتىمىننى دەرسخانىدىن ئېلىپ چىقىپ كەتكەن ساقچىلارغا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئابدۇۋەلى ئىسىملىك بىر ساقچى خادىمى ھەمكارلاشقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. مەزكۇر خادىم، مەھمۇت مەمتىمىننىڭ 2017-يىلى تۇتۇلغانلىقىنى دەلىللەش بىلەن بىرلىكتە، ئۇنىڭ 13 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
دېيىلىشىچە، مەھمۇت مەمتىمىن «قانۇنسىز ئۇچۇرلار» نى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت يەتكۈزۈش بىلەن ئەيىبلەنگەن ۋە نۆۋەتتە تۇمشۇق تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتىكەن.