«مەخمۇت قەشقىرى ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسى» تۈركىيە جۇمھۇرىيەتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىغا بېغىشلاندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2023.03.17
Yaqup-omeroghlu.jpg تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىغا بېغىشلانغان «مەخمۇت قەشقىرى ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسى» دا ياۋرو-ئاسىيا يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياقۇپ ئۆمەرئوغلۇ ئەپەندى سۆزلىمەكتە. 2023-يىلى مارت، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

بۇ يىلقى 7-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق «مەخمۇت قەشقىرى ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسى» 2023-يىلىدا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىغا بېغىشلاندى. مەزكۇر مۇسابىقىنىڭ 7-نۆۋەتلىكى رەسمىي باشلاندى. دوكتور ياقۇپ ئۆمەرئوغلۇ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە مەزكۇر مۇسابىقىگە ئۇيغۇر تىلىدا ھېكايە يېزىپ ئەۋەتسە بولىدىكەن.

ياۋرو-ئاسىيا يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياقۇپ ئۆمەرئوغلۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ تېما تاللىشى ئەركىن بولۇپ، قاتناشقۇچىلار خالىغان تېمىنى خالىغان تۈركىي تىلىدا ھېكايە يېزىپ ئەۋەتسە بولىدىكەن. دۆلەت چەكلىمىسى يوق بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر تىلىدا يازغان ھېكايىلىرىنى 9-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە ئەۋەتسە بولىدىكەن. مۇسابىقىگە ئەۋەتىلگەن ھېكايىلەر باھالىنىپ، 2023-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى ئېلان قىلىنىدىكەن. مۇسابىقىنىڭ خەلقئارالىق مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى 2023-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

بىز «مەخمۇت قەشقىرى ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسى» توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن قىسقارتىلىپ «تۈركسۆي» دەپ ئاتالغان خەلقئارالىق تۈركىي مىللەتلەر مەدەنىيەت تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە مەزكۇر مۇسابىقىنى ئۆتكۈزۈۋاتقان ياۋرو-ئاسىيا يازغۇچىلار جەمئىيىتى باشلىقى ياقۇپ ئۆمەرئوغلۇ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «مەخمۇت قەشقىرى ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسىنىڭ 7-نۆۋەتلىكى تۈركىيە جۇمھۇرىيەتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100-يىللىقى، تۈركسۆي تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىغا بېغىشلاندى. بۇرۇنقى يىللاردىكىگە ئوخشىمايدىغان يەنە بىر تەرىپى بۇ يىل تېخىمۇ كۆپ ساندا تۈركىي خەلقلەردىن كىشىلەر مۇسابىقىگە ئىشتىراك قىلىدۇ دەپ ئويلايمىز. مەخمۇت قەشقىرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىلى بولغان 2008-يىلىدا ئۆتكۈزۈلگەن ۋاقتىدا، ئاز ساندا تۈركىي خەلقلەر ئىشتىراك قىلغانىدى، كېيىنكى يىللاردا كۈنسايىن كۆپىيىپ ماڭدى. بۇ يىل تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ 100-يىلى بولغاچقا تېخىمۇ كۆپ دۆلەت ۋە كىشى ئىشتىراك قىلىدۇ».

«مەخمۇت قەشقىرى ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسى» تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىغا بېغىشلاندى. 2023-يىلى مارت، تۈركىيە.

ياقۇپ ئۆمەرئوغلۇ بۇ مۇسابىقىنىڭ ئەڭ مۈھىم ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرىنىڭ ھېكايىلەرنى ھەرقانداق بىر تۈركىي تىلىدا يازسا بولىدىغانلىقى، يەنى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر تىلىدا، ھەتتا ئۇيغۇرچىنى كېيىن ئۆگەنگەن چەتئەللىكلەرمۇ ئۇيغۇر تىلىدا ماقالە ئەۋەتسە بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۆزى قايسى دۆلەتتە بولسا بولسۇن ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان ھېكايە بىلەن قاتناشسا بولىدۇ. قاتناشقۇچىلارغا قارىتا دۆلەت، ياش ۋە مىللەت چەكلىمىسى يوق. ئۇيغۇرچە بىلىدىغان چەتئەللىكلەرمۇ قاتناشسا بولىدۇ.»

ياقۇپ ئۆمەرئوغلۇ بەرگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ مۇسابىقە ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن ماقالىلەر 17 كىشىدىن تەركىب تاپقان باھالاش ھەيئىتى تەرىپىدىن باھالىنىدىغان بولۇپ، ھېكايىسى بىرىنچى بولۇپ باھالانغان كىشىگە 35 مىڭ تۈرك لىراسى، ئىككىنچىگە 25 مىڭ تۈرك لىراسى، ئۈچىنچى بولۇپ باھالانغان كىشىگە بولسا 20 مىڭ تۈرك لىراسى مۇكاپات پۇلى بېرىلىدىكەن. ئىلھاملاندۇرۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن كىشىگە 10 مىڭ تۈرك لىراسى پۇل بېرىلىدىكەن.

بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىشنى خالىغانلار ھېكايىلىرىنى پوچتا ياكى ئېلېكترونلۇق پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتسە بولىدىكەن. مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ماقالىلەر ئېلان قىلىنمىغان ماقالىلەر بولۇشى كېرەك ئىكەن. ھېكايىنى خالىغان تېمىدا يېزىشقا بولىدىكەن. ماقالە مىڭدىن 10 مىڭ سۆزگىچە بولۇشى كېرەك ئىكەن. ماقالىدە ئاپتورنىڭ تەخەللۇسى يېزىلغان بولۇشى، ئىسمى ياكى ئادرېسى يېزىلماسلىقى كېرەك ئىكەن.

مەلۇم بولغىنىدەك 1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەدەنىي مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بۇ خىل پائالىيەتلەرنى ئىزچىل ھالدا ئۆتكۈزمەكتە. ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلار بۇ خىل پائالىيەتلەرگە قاتنىشالمايۋاتىدۇ. لېكىن چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار قاتناشماقتا. ئىزمىر ئېگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر يازغۇچىلارنى 7-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق «مەخمۇت قەشقىرى ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسى» گە ئاكتىپ قاتنىشىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى «مەخمۇت قەشقىرى ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسى» نىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى تۈرك دۇنياسىغا تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسى مۇئاۋىن رەئىسى دوكتۇر مەغپىرەت كامال خانىم مەزكۇر ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك دۇنياسىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

بۇرۇن مەزكۇر مۇسابىقىگە ئۇيغۇر تىلىدا ھېكايە يېزىپ قاتناشقان تۈركىيە قارابۈك ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات كەسپى دوكتورانتى مامۇتجان ئەركىن ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇرۇنقى مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىش ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى «مەخمۇت قەشقىرى ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسى» گە ئاكتىپ قاتنىشىشقا چاقىردى.

«خەلقئارالىق مەخمۇت قەشقىرى ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسى» نىڭ تۇنجى قېتىملىقىدا تۈركىيەدىن ئاسۇمان گۈزەلجە خانىم 1964-يىلى تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىگە يەرلەشتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچۈش سەرگۈزەشتلىرى تەسۋىرلەنگەن «كۆچ» ناملىق ھېكايىسى بىلەن بىرىنچى بولغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.