لاگېر شاھىتى مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ گۇۋاھلىقى ياپونىيەدە كىتاب بولۇپ نەشر قىلىندى
2020.10.29
ياپونىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى كارتون سىزمىسى ئارقىلىق يورۇتۇپ كېلىۋاتقان ياپونىيەلىك كارتون يازغۇچىسى تومومى خانىمنىڭ لاگېر شاھىتلىرىنىڭ چاتما ھېكايىلىرى تەسۋىرلەنگەن ئەسەرلىرى ئىچىدىكى مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ گۇۋاھلىقى ئاساسىدا ئىشلەپ چىققان كىتابى «مېنىڭ كەچمىشىم-بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ گۇۋاھلىقى» ياپونىيەدە نەشر قىلىنغان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ كىتاب ياپونىيەدىكى «كىشېشا» پەسىل نەشرىياتى تەرىپىدىن قاتتىق تاشلىق كىتاب بولۇپ ئۆكتەبىرنىڭ بېشىدا بېسىلىپ چىققان. مەزكۇر كىتابنىڭ ھەجمى گەرچە39 بەت بولسىمۇ ئەمما، ئوبرازلىق سۈرەتلەرنىڭ ھەر بىرى بىر مىكرو ھېكايىگە ئوخشاش ئىنتايىن ئىخچام ۋە جانلىق ئۇسۇلۇپتا تەسۋىرلەنگەن. بۇ كىتاب دەسلەپكى نەشرىدە3 مىڭ پارچە بېسىلغان.
تومومى خانىمغا تەرجىمان سۈپىتىدە ياردەملىشىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچى گۈلىستان خانىم بۇ ھەقتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇچۇر بەردى. ئۇ نىڭ دېيىشىچە، لاگېر شاھىتى مېھرىگۈلنىڭ لاگېردا بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كەچۈرمىشلىرى ھەققىدىكى بۇ ئەسەر ئىلگىرى تورلاردا كۆپ قېتىم كۆرۈلۈپ، ياپونىيەدە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان ئىكەن. بۇ قېتىم بۇ ئەسەرنىڭ قاتتىق تاشلىق كىتاب بولۇپ نەشر قىلىنىشى تور بىلەن ئالاقىسى بولمىغان ئوقۇرمەنلەرنىڭمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى چۈشىنىشىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئاپتور شىمىزۇ تامومى خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا كىتابنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىگە كۆك رەڭنى تاللىغان ئىكەن.
ياپونىيەدە «مانگا» دەپ ئاتىلىدىغان كارتونلۇق تەسۋىرىي ھېكايە شەكلى ناھايىتى ئومۇملاشقان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ياپونىيەگە ئاڭلىتىشتا مۇھىم رول ئويناپ كېلىۋاتقان ياپونىيەلىك يازغۇچى ۋە كارتونىست تومومى شىمىزۇ خانىم، مەزكۇر كىتابىنى تۇنجى بولۇپ مېھرىگۈلگە سوۋغا قىلىش ئارزۇسى بارلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ كىتاب چىققاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ نۇرغۇن كىشىلەردىن ئىنكاس تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى، تېخىمۇ جىق كىشىلەرنىڭ بۇ كىتابنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىش نىيىتىگە كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكىنى، بۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ تولىمۇ خوش بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ بۇ كىتابىنىڭ ئىنگلىزچە ۋە باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ، نەشر قىلىنىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
تومومى خانىمنىڭ رادىيومىز سورىغان سوئاللارغا بەرگەن ئەستايىدىل جاۋابلىرىنى ياپونىيەدىكى ئاكتىپ پائالىيەتچى گۈلىستان خانىم ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ ئاڭلاتتى.
مەزكۇر كىتابتا «كىشېشا» نەشرىياتىنىڭ باشلىقى كاناخارا كۇنىخېمو ئەپەندىنىڭمۇ بېغىشلىمىسىغا ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، ئۇ بېغىشلىمىسىدا ئۇيغۇر لاگېر شاھىدلىرىنىڭ گۇۋاھلىقى ھەقىقىدە تومومى خانىم تەييارلىغان مەزكۇر كىتابنىڭ نەشر قىلىنىشىنىڭ ئاسانغا توختىمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان نۆۋەتتىكى زۇلۇملارنى ياپونىيەدە ئاڭلىتىشنىڭمۇ ھەر خىل توسالغۇلارغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلغان. ئۇ يەنە بۇ كىتابتىكى قورقۇنچلۇق تەسۋرلەرنىڭ چىن ۋە ھەقىقىي ھېكايە ئىكەنلىكى، شۇنداقلا پاكىتلىق ھۆججەتلەر ئاساسىدا يورۇتۇلغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ بېغىشلىمىسىدا: «ئۇيغۇرلارنىڭ خۇددى يەھۇدىي تۇتقۇنلىرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ناتسىستلار لاگېرلىرىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە ئوخشاش بۈگۈنكى كۈندە خىتاي لاگېرلىرىدا ئۆلتۈرۈلۈشىگە ھەرگىزمۇ يول قويغىلى بولمايدۇ. بۇ بىر قەبىھ جىنايەت،» دەپ يازغان. ئۇ يەنە ياپونلارنى ۋە پۈتكۈل دۇنيادىكى كىشىلەرنى ئىنسان ھەقلىرىگە ھۆرمەت قىلىپ ياشاشقا، ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسسىداشلىقىنى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشقا چاقىرغان.
بۇ كىتاب نەشردىن چىققىلى ئۇزۇن بولمىغان بولسىمۇ، ياپونىيەدە ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ھەر ساھە كىشىلىرىنى تەسرلەندۈرگەنلىكى مەلۇم. بۇ كىتابنى يايونىيەدىكى داڭلىق شەخسلەر سىياسىيونلار، ھەتتا بەزى پارلامېنت ئەزالىرى ھەمدە كىنو چولپانلىرىمۇ سېتىۋالغان. ئۇلار بۇ كىتاب ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى ئىجتىمائىي ئاشكارا بايان قىلىشقان، شۇنداقلا ياپونىيە خەلقىنى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىش ئارقىلىق ئىنسانىي بۇرچىنى ئادا قىلىشقا چاقىرغان. بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلارنىمۇ گۈلىستان خانىم تەرجىمە قىلىپ يەتكۈزدى.
ياپونىيەدە نەشر قىلىنغان «مېنىڭ كەچمىشىم-بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ گۇۋاھلىقى» ناملىق كىتابنىڭ باش قەھرىمانى، ھازىر ئامېرىكادا ياشاۋاتقان لاگېر شاھىتى مېھرىگۈل تۇرسۇنمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ بۇ كىتابنىڭ نەشردىن چىققانلىقىنى تومومى خانىمنىڭ ئۆزىگە خەۋەر قىلغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بۇ كىتابنى قولىغا ئېلىشقا تەقەززا بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە يازغۇچى ھەم ئوقۇرمەنلەرگە تەشەككۈرىنى بىلدۈردى: «بۇ يالغۇز مېنىڭلا ھېكايەم ئەمەس، بەلكى ماڭا ئوخشاش لاگېرلاردا قىينىلىۋاتقان مىليونلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنىڭ ھېكايىسى. مەن ئۇلارنىڭ تارتىۋاتقان ئازابلىرىنىڭ بۇ كىتاب ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئىنسانلارغا يېتىشىنى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»