مىللەتنىڭ تەقدىرى ۋە مىللەت ئۈچۈن بەدەل تۆلەۋاتقانلارنىڭ قىسمىتى
2023.08.18
ئىگىلىشىمىزچە، ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق باش تەپتىشى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس 8-ئاينىڭ 16-كۈنى دادىسى ئابدۇلكەرىم زىكرۇللاھ ئىدرىسنىڭ بۇ يىل 1-ئايدا ۋاپات بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان. ئابدۇلھاكىم ئىدرىس دادىسى بىلەن ئاخىرقى قېتىم 2017-يىل 4-ئايدا تېلېفوندا كۆرۈشكەن بولۇپ، ۋاپاتىدىنمۇ 7 ئاي كېچىكىپ خەۋەر ئالغان. ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى دۇچ كەلگەن بۇ قىسمەت ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلانغان بارلىق ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ خىتاينىڭ كۆزىگە مىخ بولۇپ قادالغان سىياسىي پائالىيەتچىلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن ۋە كېلىۋاتقان زۇلۇم بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۆلەۋاتقان بەدىلى كۆپ ھەم ئېغىر بولماقتا.
ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، دادىسى بىلەن يىللارچە كۆرۈشەلمىگەنلىكى ۋە مۇسىبەت خەۋىرىنى ۋاقتىدا ئالالمىغانلىقىنى، ھالبۇكى بۇنىڭ بۇ مىللەتنىڭ بېشىغا كەلگەن زۇلۇمنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندىنىڭ دادىسىنىڭمۇ مىللەتنى سۆيىدىغان، بالىلىرىنى جەڭگىۋار رۇھقا ئىگە قىلىپ تەربىيەلەپ چىققان بىر زات ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى مەسئۇلى سوفى رىچاردسون قاتارلىق كۆپلىگەن شەخس ۋە تەشكىلات رەھبەرلىرى تىۋىتتېردا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئائىلىسىگە تەسەللى ئېيتىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر رايونىدا بۈگۈنكى كۈندىمۇ داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
ئۇيغۇرلار يېقىنقى يىللاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن چوڭ كۆلەمدە، قاراتمىلىق، مەركەزلىك ۋە سىستېمىلىق ھالدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراۋاتقان ۋەزىيەتتە مىللەتنىڭ غېمىنى يەيدىغان يولباشچىلار ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلەر بۇ زۇلۇمنى دۇنياغا ئاشكارىلاش ۋە ئۇنى توختىتىش ئۈچۈن تىنماي كۈرەش قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ۋەتەندە خىتاينىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراپ چەتئەلدە پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولغانلار، خىتاينىڭ ئەمدى بارلىق ئۇيغۇرنى زەربە بېرىش ۋە قەستلەش ئوبيېكتى قىلغىنىدىن قىلچە گۇمان قىلمىغانلار، خىتاي بىلەن ئەمدى بىر يەردە ياشاشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تونۇپ يەتكەنلەرمۇ ئاكتىپ پائالىيەت كۆرسىتىپ كەلدى.
شۇنىسى ئېنىقكى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى دەۋاسىنى خەلقئارا سەۋىيەگە يەتكۈزۈش، يەنى خىتاينىڭ جىنايىتىنى دۇنياغا پاكىتلىرى بىلەن ئاڭلىتىش، قايىل قىلىش ۋە بۇ جىنايەتنى توختىتىشتا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى چوڭ رول ئوينىدى. ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى 10 غا يېقىن غەرب دۆلىتىنىڭ خىتاينىڭ جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ بېكىتىشى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىپ، «خىتاي كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەپسەندە قىلىش جىنايىتى سادىر قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن» دەپ جاكارلىشى، ئامېرىكانىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نى ماقۇللىشى ۋە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ماقۇللاپ ئىجرا قىلىشى قاتارلىقلاردا يۇقىرىقى تەشكىلات ۋە تەشكىلات مەسئۇللىرىنىڭ، ئاكتىپ پائالىيەتچىلەرنىڭ تۆھپىسى ۋە تۆلىگەن بەدىلى بار.
بۈگۈنكى كۈندە كۈچىيىپ دۇنياغا پاتماي قالغان خىتايغا، دۇنيانى قارىتىپ قويۇپ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان خىتايغا قارشى سۆزلەش، ئۇنىڭ جىنايىتىنى ئاشكارىلاش ۋە توختىتىشنىڭ ناھايىتى قىيىن ۋە ئۇزاققا سوزۇلىدىغان كۈرەش ئىكەنلىكى رەھىمسىز بىر رېئاللىقتۇر. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا سەپدىشى ئابدۇلھاكىم ئىدرىسنىڭ بېشىغا كەلگەن مۇسىبەتكە سەۋر تىلەش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭغا ئوخشاش بۇ يولدا بەدەل تۆلەشتىن قورقماي، يانماي، چېكىنمەي، ھارماي-تالماي پائالىيەت قىلىۋاتقان شەخسلەرنىڭ بارماق بىلەن سانىۋالغۇدەكلا ئاز ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.
كۈرەش داۋامىدا ئوتتۇرىغا چىققان ۋە كۆزگە كۆرۈنگەن تەشكىلات لىدېرلىرى ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلەر ئۆز نۆۋىتىدە خىتاينىڭ كۆزىگە مىغ بولۇپ قادالغان كىشىلەر بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇلارغا قاراتقان ھۇجۇمى ۋە زىيانكەشلىكى ئۇلاردىن ھالقىپ، قېرىنداشلىرى، دوستلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغىچە كېڭەيگەن.
ئىلگىرىكى خەۋەرلىرىمىزدە بېرىلگىنىدەك، 2018-يىل خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى باشلىقى روشەن ئابباس خانىمنىڭ ھەدىسى گۈلشەن ئابباسنى ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك تۇتقۇن قىلىپ، 20 يىللىق كېسىۋەتكەن بولۇپ، بۇ خەۋەرمۇ 2 يىلدىن كېيىن مەلۇم بولغانىدى. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى لاگېردا ۋاپات بولغان ئانىسى ئايگۈل ئەمەتنىڭ، 86 يېشىدا ۋاپات بولغان دادىسى ئەيسا ئەمەتنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى نەچچە يىللاردىن كېيىن ئاڭلىغان، ئۇنىڭ ئىنىسى خۇشتار ئەيسا 2017-يىل لاگېرغا قامىلىپ، ئاندىن مۇددەتسىز كېسىۋېتىلگەن.
دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پائالىيەتچىلىرى ھەر دائىم خىتاينىڭ نۇقتىلىق كۆزىتىش، ئىز قوغلاش، ۋاسىتىلىك ياكى بىۋاسىتە زىيانكەشلىك قىلىش نىشانىدىكى كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ. ئەمما ئۇلار خىتايغا قارشى كۈرەشكە ئۆزىنى ئاتىۋەتكەن كىشىلەر بولغاچقا، بۇنىڭغا پەرۋا قىلماي، مىللىي غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا تىرىشماقتا. ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئاتا ئىزىنى بېسىپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
كىشىنى ئېچىندۇرىدىغىنى شۇكى، مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان، كۈرەش قىلىۋاتقانلارنىڭ تۆلىگەن بەدىلى خىيانەتكە ئۇچرىماقتا. يېقىنقى مەزگىلدە خىتاينىڭ تاكتىكىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا كىرىپ-چىقىشىنى بوشاشتۇرۇشى بىلەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلار گويا ھېچ ئىش بولمىغاندەك خىتايغا بېرىپ كېلىپ يۈرمەكتە. ئۆمەر قانات ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، ھەر كىمنىڭ ۋەتەنگە بارغۇسى كېلىدىغانلىقىنى، ئەمما نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە خىتايغا بېرىپ كېلىپ كېلىشنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئىنكار قىلىش تەشۋىقاتىغا ماسلىشىش ئىكەنلىكىنى، سىياسىي تەشكىلاتلار ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ تۆلىگەن بەدەللىرىگە قىلىنغان خىيانەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئىپادىلەپ: «بىزدەك پائالىيەتچىلەرنىڭ تۆلىگەن بەدەللىرىنى دېمەيلى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ماقالە يېزىپ قويغىنى ئۈچۈن جازا چەكلىمىسىگە ئۇچراپ خىتايغا بارالمايدىغان تەتقىقاتچىلار بەدەل تۆلەۋاتقان يەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىن ۋىزا تەلەپ قىلىپ خىتايغا بېرىشى نومۇسسىزلىق ۋە جىنايەت، ھېچ بولمىسا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە شېرىك بولغانلىق» دېدى.