مىللەتلەرنىڭ «يۇغۇرۇلۇشى» نى كۆزلىگەن تۇنجى يەرلىك نىزام ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى
2024.01.17
«خىتاي مىللەتلەر گېزىتى» نىڭ 16-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نى مۇستەھكەملەش ۋە مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يەرلىك نىزام «ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش ۋە ئارىلىشىپ (يۇغۇرۇلۇپ) كېتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى» (تۆۋەندە «نىزام» دېيىلىدۇ) ئۇيغۇر دىيارىدا تۇنجى بولۇپ ئىلىدا 1-يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلۇشقا باشلىغان.
مەزكۇر «نىزام» 2023-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى ئىلى ئوبلاستلىق 15-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10-قېتىملىق يىغىنىدا تەستىقلانغان. شۇنداقلا بۇ «نىزام» نىڭ 2023-يىلى 23-نويابىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 6-قېتىملىق يىغىنىدا تەستىقلانغانلىقى ۋە 2024-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان.
ئىلى ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نىياز ھاشىمنىڭ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن «خىتاي مىللەتلەر گېزىتى» نىڭ مۇخبىرىغا ئىزاھلىشىچە، بۇ «نىزام» خىتاي كومپارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىدىن بۇيان شى جىنپىڭ شىنجاڭنى كۆپ قېتىم زىيارەت قىلىپ، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نى تۇرغۇزۇش ھەققىدە بەرگەن مۇھىم يوليورۇقلىرىغا ئاساسەن چىقىرىلغان ئىكەن. بۇ «نىزام» ئاساسلىقى خىتاي مىللىتى ۋە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇپ بىر گەۋدە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىكەن.
خەۋەردە يەنە «نىزام» غا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن چىقىرىش كومىتېتى ئالدىن يېتەكچىلىك قىلغانلىقى، يەنى «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇش، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى مىللىي خىزمىتىنىڭ ئاساسلىق لىنىيەسى، شۇنداقلا مىللىي رايونلاردىكى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئاساسلىق لىنىيەسى بولۇش» نى مەزكۇر «نىزام» نى تۈزۈپ چىقىشنىڭ پىرىنسىپى قىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
نىياز ھاشىمنىڭ مۇخبىرغا چۈشەندۈرۈشىچە، «نىزام» نىڭ تولۇق تېكىستىدە جەمئىي 19 ماددا بولۇپ، بۇنىڭ 16 سىدە «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نى كۈچەيتىشكە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار بار ئىكەن. مەسىلەن، «نىزام» دا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى «خاس تېمىلاردىكى مەيدان ياكى مەدەنىيەت باغچىسىغا دائىر قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، ‹جۇڭخۇا مىللىتى جەمئىيىتى› ھەققىدىكى تونۇشىنى مۇستەھكەملىشى، خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە تاشقى ئوبرازىنى گەۋدىلەندۈرۈشى كېرەك» دەپ بەلگىلەنگەن.
خىتاي كومپارتىيەسى 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، خىتاي باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نى مۇستەھكەملەشنى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەن. ئۇ ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلغاندا «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش ۋە يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ ھەرقايسى مىللەتلەر ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشى كېرەك» دېگەنلەرنى كۆپ قېتىم ئەسكەرتكەن ئىدى.
يىللاردىن بېرى شى جىنپىڭنىڭ مەزكۇر «يوليورۇق» لىرىنى يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا كۆچمەن خىتاي نوپۇسىنى ھەسسىلەپ كۆپەيتىش، ئۇيغۇر نوپۇسنى ئازايتىش، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ۋە مەدەنىيەت ئىزنالىرىنى يوق قىلىش، مەجبۇرىي خىتايلاشتۇرۇشنى سىياسىي تەدبىرلەر قاتارىدا ئىجرا قىلىش شەكلىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈۋاتقانلىقى مەلۇم. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تېڭىۋاتقان خىتايچە سۆزلەش، خىتايچە ياشاش، خىتايچە بايرام ئۆتكۈزۈش، ئىدېئولوگىيە جەھەتتىن ئۆزىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى ئىنكار قىلىشتەك مېڭە يۇيۇش تەربىيەلىرى ۋە سىياسەتلىرى يالغۇز خىتاينىڭ «مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» غا مۇخالىپ بولۇپلا قالماستىن، كىشىلىك ھوقۇق قانۇنلىرىغىمۇ خىلاپ ھېسابلىنىدۇ. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن بۇلارنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايىتى شەكىللەندۈرىدىغانلىقى ئىسپاتلىنىپ، خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەلمەكتە.
ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا ئائىت پاكىتلارنى دوكلاتلاشتۇرۇپ كەلگەن نوپۇزلۇق تەتقىقاتچىلاردىن «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور ئادرىيان زېنز (Adrian Zenz) ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلىدە تۇنجى بولۇپ يولغا قويۇلۇشقا باشلىغان بۇ نىزامغا دىققەت قىلغان كىشىلەرنىڭ بىرى. ئۇ بۇ ھەقتە رادىيومىزغا ئەۋەتكەن ئانالىزىدا مەزكۇر «نىزام» ھەققىدە توختىلىپ «بۇ يېڭى ‹نىزام› خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقتىكى ئاساسلىق مەقسەتنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ» دەيدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «خىتايلار ۋە ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنى ئۆزئارا ئارىلاشتۇرۇش، سىڭدۈرۈش دېگەن سۆزلەرنى شى جىنپىڭنىڭ ئىجاد قىلغانلىقى ۋە ئوتتۇرىغا قويغانلىقى 2014-يىلىلا ‹شىنجاڭ ئارخىپى› دا خاتىرىلەنگەن. 2014-يىلدىن باشلاپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ تەشەببۇسنىڭ تەجرىبىسىنى باشلىدى. ئاتالمىش ‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كەنتى› قۇرۇپ، دۆلەت بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ‹نوپۇس قىستۇرۇش› نى يولغا قويدى. بۇ سىياسەتنىڭ تۇنجى قېتىم رەسمىي ‹بەلگىلىمە› (نىزام (سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى، ھازىرغا قەدەر بىر رايوندا مەلۇم بىر سىياسەتنى سىناق قىلىش مەقسىتىدە بولۇشى مۇمكىن. بۇنى ئىلى ئوبلاستىدا سىناق قىلغاندىن كېيىن باشقا ۋىلايەتلەرگە كېڭەيتىدۇ».
ئۇ يەنە بۇنىڭدىكى مۇھىم نۇقتىلار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئوتتۇرىغا قويۇلغان كۆپلىگەن بەلگىلىمىلەر پۈتۈنلەي يېڭى ھادىسىمۇ ئەمەس. ئەمما بۇلار ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ۋە نوپۇسنى سۇيۇلدۇرۇش سىياسىتىنى قانۇنلاشتۇرىدۇ، بۇ ‹بەلگىلىمە› يېڭى تەشەببۇسنى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا قويىدىغان بولۇپ، بۇ دۆلەتتىكى بىرىنچى سىياسەت. شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدا نوپۇسنىڭ ئارىلىشىشى قارشى ئېلىنمايدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ سىياسەتكە بولغان نارازىلىقىنى تۈگىتىش ئۈچۈن بۇ يېڭى ‹بەلگىلىمە› نى لايىھەلىگەن بولۇشى مۇمكىن.»
دوكتور ئادرىيان زېنز ئۆز تەھلىلىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى يۈرگۈزۈش جەريانىدا بۇ خىل تەدبىرلەرنى يەنىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقارغانلىقىغا مىسال ئالغان. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، «شىنجاڭ ساقچى ئاكادېمىيەسى» ۋە «دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسى ساقچى خادىملىرىنى تەربىيەلەش مەركىزى» نىڭ تەتقىقاتچىلىرى گاۋ شۆجىڭ ۋە لى مىڭ 2017-يىلى ئېلان قىلغان تەتقىقات ماقالىسىدە خىتاي نوپۇسىنى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ماكانلاشقان رايونلارغا «نوپۇس قىستۇرۇش» شەكلىدە ئورۇنلاشتۇرۇشنى «تېررورلۇقنى تۈگىتىشنىڭ ئاچقۇچلۇق ئىستراتېگىيەسى» دەپ كۆرسەتكەن. شۇ قاتاردا «نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش» نىڭ سىناقلىرىدىن بىرى جەنۇبتىكى رايونلاردا مەھەللە دەرىجىلىك سىڭدۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئىجرا قىلىش بولغان. بۇنىڭدىكى تىپىك مىسال «خوتەندىكى ئىتتىپاقلىق» (Unity Hotan) يېڭى كەنتى بولۇپ، بۇ كەنتتىكى تەجرىبە ئارقىلىق 2018-يىلى بۇ يېزىدىكى خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس نىسبىتى 50:50 كە يەتكەن.
ئادرىيان زېنز ئەپەندى بۇ ھالنى «خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىنى ئىدارە قىلىشتىكى تۈپ ۋە ئىزچىل سىياسىتى» دەپ كۆرسىتىش بىلەن بىرگە مۇنداق دەيدۇ: «مەن شىنجاڭ ھەققىدە 2021-يىلى ئېلان قىلغان تەتقىقات ماقالەمدە ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ زىچلىقى ۋە ئۈستۈنلۈك ئورنىنى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق مىللىي نوپۇسنى ‹ئەلالاشتۇرۇش› پىلانىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئىجرا قىلىنىۋاتقان ‹سىڭدۈرۈش ۋە ئارىلاشتۇرۇش› نىڭ رولىنى مۇلاھىزە قىلغان ئىدىم. بۇ خىلدىكى نوپۇسنى ئارىلاشتۇرۇش سىياسىتى ماھىيەتتە كەڭ كۆلەملىك ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئۇيغۇر نوپۇسىنى زور دەرىجىدە ئازايتىدۇ. چېن چۈەنگو ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، بىز ما شىڭرۈينىڭ شىنجاڭدا ئۇزۇن مۇددەتلىك سىياسەتلەرنى يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايوندىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلانىنىڭ بىر قىسمى» .
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ مەزكۇر «نىزام» ھەققىدىكى خەۋىرىدە ئىلى ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئىلى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ما شىڭرۈڭنىڭ سۆزى نەقىل ئېلىنغان بولۇپ، «نىزام» نىڭ ئېلان قىلىنىشى «ھەر مىللەت كىشىلىرىنى جۇڭخۇا مىللىتى ئۈچۈن ئورتاق مەنىۋى ماكان بەرپا قىلىشقا ئۈنۈملۈك يېتەكلەيدۇ» دېگەن. ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرنى مەجبۇرىي ھالدا كۆچمەن خىتايلار بىلەن ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جايدىكى ئاساسلىق مىللەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بارلىق ئامىللارنى يوق قىلىشنى مەقسەت قىلغان بۇ خىل چارە-تەدبىرلىرى ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىۋاتقان چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەردىمۇ ئەندىشە پەيدا قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
جەنۋە ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقشۇناسلىق فاكۇلتېتى دوكتورانتى لېئو مايلېت ( (Léo Maillet بۇ «نىزام» تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلارغا خاس تارىخىي مەھەللىلەر ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئەنئەنىلەر، شۇنداقلا مەدەنىيەتلەرنىڭ تېخىمۇ شىددەت بىلەن يوق قىلىنىدىغانلىقىغا بولغان ئەندىشىسىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر ئېلىدىن ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلار شۇنى كۆرسەتمەكتىكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئەسلى تارىخىي مەھەللىلىرىنى چېقىپ تاشلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتايچە ئالاھىدىلىكتىكى ‹يېڭىچە› زامانىۋى مەھەللىلەرنى قۇرماقتا. بۇ يالغۇز ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش بوشلۇقى ۋە مۇھىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى ئىگىلەۋاتقان خىتاي كۆچمەنلەر تەرىپىدىن ئىگىلىنىۋېلىنىشى بولۇپلا قالماستىن، ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇرلارغا خاس تارىخىي بىناكارلىق، جۈملىدىن مەسچىت، چايخانا، بازار، دۇكان دېگەندەك ئەسلىدىكى مەھەللىۋى ئالاھىدىلىكلەرنى ۋەيران قىلىش، ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش ئادەتلىرى ۋە ھاياتىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىشكە ئېلىپ بارىدۇ».
ئۇ سۆزىنى يەنە مۇنداق داۋام قىلدى: «بۇ يەنە خىتاي كۆچمەنلەرگە، ئۇيغۇرلار ئەسىرلەر بويى سۇ مەنبەلىرىنى بويلاپ بەرپا قىلغان ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ كەلگەن بىناكارلىقنىڭ ئىزلىرىنى ئۆچۈرۈشكە پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. بىر قانچە ئون يىلدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان بۇ سىياسەتلەر بولسا، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلمىسىنى بۇزۇپلا قالماي، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ۋەيران قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق تەدبىرى ھېسابلىنىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جىددىي ئۆزگىرىشلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا باغلىنىشىنىمۇ ئۈزۈپ تاشلىماقتا. بۇنىڭدىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ تەدبىرلەر ئارقىلىق رايوندىكى جۇغراپىيەلىك مۇھىت، مەدەنىيەت مۇھىتى، ئىجتىمائىي مۇھىت ۋە ئىقتىسادىي ساھە قاتارلىق جەھەتلەردىن ئۆز مۇستەملىكىسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيمىز».
ئىلى ئوبلاستىدا يولغا قويۇلۇشقا باشلىغان مەزكۇر «نىزام» دا «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نى نامايان قىلىدىغان ئەدەبىيات، سەنئەت، ئۈن-سىن ۋە باشقا ماددىي بۇيۇملارنى يىغىش، ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە كۆرگەزمە قىلىشنى قوللايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. «نىزام» دا ئېيتىلىشىچە، بارلىق مىللەتلەر يۇغۇرۇلغان ئىجتىمائىي قۇرۇلما ۋە مەھەللە مۇھىتى بەرپا قىلىشتا مەدەنىيەت، ئىقتىساد، جەمئىيەت، پىسخولوگىيە ۋە باشقا تەرەپلەردە ھەر مىللەت كىشىلىرىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى تەدرىجىي ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئاساس قىلىنىدىكەن. شۇنداقلا خىتاينىڭ ھەر دەرىجىلىك دۆلەت ئاپپاراتلىرى ھەر مىللەت كىشىلىرىنىڭ ئەتراپلىق يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان «ئۆزئارا سىڭدۈرۈش مۇھىتى» يارىتىشتەك تەدبىرلەرنى كۈچەيتەلەيدىكەن. «نىزام» دا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن: «ناھىيە دەرىجىلىك ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئالاقىدار تارماقلارنى تەشكىللەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا سىڭىپ كىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۈزۈملەرنى ۋە تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىشى ۋە تۈزۈشى كېرەك» .
ئامېرىكىدىكى مۇستەقىل سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» تەربىيەسىنى بەرپا قىلىشنىڭ ئەمدىلىكتە نىزام سۈپىتىدە دەسلەپ بولۇپ ئىلى رايونىدا يۈرگۈزۈلۈشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختالدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئىلى رايونى ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە يېقىنقى زامان تارىخىدىكى «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇلغان مۇقەددەس ۋە سىمۋوللۇق جاي. شۇڭلاشقىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت ۋە دىن قاراشلىرى ئىپادىلەنگەن ھەمدە سىڭگەن بۇ جاينى ئەڭ ئاۋۋال ۋەيران قىلىشنى كۆزلىگەن. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ «خىتاينىڭ ئاخىرقى مەقسىتى يالغۇز ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس، بارلىق مىللەتلەرنى يىغىپ ئەڭ ئاخىرىدا خىتايدىن ئىبارەت بىرلا مىللەتكە يۇغۇرۇۋېتىش» دەپ كۆرسەتتى. ئىلشات ھەسەننىڭ قارىشىچە، بۇ يىل 1-يانۋاردىن باشلاپ غۇلجىدا يولغا قويۇلغان بۇ «نىزام» خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ يەنە بىر باسقۇچقا كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
نۆۋەتتە مەزكۇر «نىزام» نىڭ يېقىن كەلگۈسىدىكى ئىجرا قىلىنىشى ھەمدە باشقا رايونلارغا كېڭىيىش ئېھتىماللىقى، شۇنىڭدەك بۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تۈرلۈك سەلبىي ئاقىۋەتلەر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى زور ئەندىشىگە سالماقتا.