ئابدۇراخمان ئۇيغۇر ئۆزتۈرك تۈركىيەدە «كالمان سىندرومى» ئۈچۈن فوندى قۇرۇش ئىلتىماسى سۇنغان

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2018.04.19
abduraxman-ozturk-kitab-yighin.jpg تۇنجى قېتىم ئېچىلىشىغا تۈركىيەدىكى كىنو رېژىسسورى ئابدۇراخمان ئۆزتۈرك ئەپەندى(ئوڭدىن بىرىنچى)نىڭ «مەن كالمان» ناملىق كىتاب سەۋەب بولغان «كالمان سىندرومى» تېمىسىدىكى خەلقئارالىق يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى ئاپرېل، تۈركىيە.
RFA/Gülchéhre
abduraxman-ozturk-kitab-yighin-1.jpg

«كالمان سىندرومى» تېمىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق خەلقئارالىق يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن مۇتەخەسسىسلەر ۋە بىمارلار قاتناشتى. 2018-يىلى ئاپرېل، تۈركىيە. RFA/Gülchéhre

abduraxman-ozturk-kitab-yighin-2.jpg

«كالمان سىندرومى» تېمىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق خەلقئارالىق يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن مۇتەخەسسىسلەر ۋە بىمارلار قاتناشتى. 2018-يىلى ئاپرېل، تۈركىيە. RFA/Gülchéhre

abduraxman-ozturk-kitab-yighin-3.jpg

«كالمان سىندرومى» تېمىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق خەلقئارالىق يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن مۇتەخەسسىسلەر ۋە بىمارلار قاتناشتى. 2018-يىلى ئاپرېل، تۈركىيە. RFA/Gülchéhre

abduraxman-ozturk-kitab-yighin-4.jpg

«كالمان سىندرومى» تېمىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق خەلقئارالىق يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن مۇتەخەسسىسلەر ۋە بىمارلار قاتناشتى. 2018-يىلى ئاپرېل، تۈركىيە. RFA/Gülchéhre

ئۆتكەن شەنبە «كالمان سىندرومى» تېمىسىدا تۈركىيەدە تۇنجى خەلقئارالىق يىغىن ئېچىلدى. مەزكۇر يىغىننىڭ ئېچىلىشىغا تۈركىيەدىكى كىنو رېژىسسورى ئابدۇراخمان ئۆزتۈرك ئەپەندىنىڭ «مەن كالمان» ناملىق كىتابى سەۋەب بولغان ئىدى.

يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىمنىڭ بىرى بولسا ئابدۇراخمان ئۆزتۈرك ئەپەندى ۋە مەزكۇر يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىغان ياپونىيەلىك ساخاۋەتچى فۇرۇسى مامىكو خانىم ھەمدە يىغىنغا قاتناشقان تېببىي مۇتەخەسسىسلەر بىرلىكتە، تۈركىيەدە «كالمان سىندومى» كېسەللىكىنى داۋالاش قاتارلىق خىزمەتلەر ئۈچۈن خەلقئارالىق فوندى قۇرۇشقا ئىلتىماس سۇنغان. مۇبادا بۇ فوندى جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلۇشى ئىشقا ئاشسا، بۇ «كالمان سىندرومى» ئۈچۈن تۈركىيەدە قۇرۇلغان تۇنجى فوندى جەمئىيەت بولۇپ قالىدىكەن.

تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر رېژىسسور ئابدۇراخمان ئۇيغۇر ئۆزتۈرك ئەپەندىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن «كالمان سىندرومى» كېسەللىكى ھەققىدە ئىستانبۇلدا ئېچىلغان خەلقئارالىق يىغىننىڭ باش ئۇيۇشتۇرغۇچىسى، پروگرامما مۇدىرى دۇيگۇ خانىم، «ئەل ئالەم»، ۋە «ب فىكىر» شىركەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ يىغىندا مېدىتسىنا ۋە ئىجتىمائىي ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەر، ئەرلەردە 10 دە بىر، ئاياللاردا 50 مىڭ دە بىر، ئىرسىيەت خاراكتېرلىك ھورمون كەمتۈكلۈكتىن بولىدىغان «كالمان سىندرومى» كېسەللىك تەتقىقاتى ھەققىدە ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك تەتقىقات ماقالىلىرىنى سۇنغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ياپونىيەلىك پسىخولوگىيە دوكتورى تاكاكۇسا مامورۇ ئەپەندىنىڭ يىغىندا كالمان كېسەللىكى ۋە ئۇنىڭ پسىخىكىلىق ئالامەتلىرى تېمىسىدا ئىلمىي تەتقىقات ماقالىسىنى سۇنغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، كالمان بىمارلىرىنىڭ داۋالىنىپ ساقىيالمىغانلىرىنىڭ سەۋەبىنىڭ ئەسلىدە، پۇراش ئىقتىدارىنى يوقىتىش بىلەن باشلىنىدىغان ئۆزىدىكى پەرقلىق ئالامەتلەرنى ۋاقتىدا بايقىيالماسلىقى ۋە يوشۇرۇشى ئىكەنلىكى، ئەمەلىيەتتە بالدۇر بايقاپ، بالدۇر داۋالاش ئېلىپ بارغان بىمارلارنىڭ ساقىيىدىغانلىقى ھەققىدىكى مىساللىرىنىڭ، «بۇ خىل كېسەللىك بىلەن ياشاۋاتقان ۋە نۇرغۇن روھىي ئازاب تارتىۋاتقان بىمارلارغىلا ئۈمىد بېغىشلايدۇ»، دەپ ئىشىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

بىز ياپونىيەدىن مەزكۇر يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلگەن دوكتور تاكاكۇسا مامورۇ ئەپەندىنى تېلېفون ئارقىلىق زىيارەت قىلدۇق. ئۇ كىشى «كالمان سىندرومى» كېسەللىكى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەندۈرۈش بەرگەندىن كېيىن، بۇ كېسەلنى داۋالاشتا، بىمارنىڭ ئۆزىدىكى ئالامەتلەرنى بالاغەتكە يېتىشتىن بۇرۇن، قانچە بالدۇر بايقاپ داۋا ئىزدىشىنىڭ، شۇنداقلا روھىي توسالغۇنى يېڭىشىنىڭ ھالقىلىق رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

يىغىننىڭ پروگرامما مۇدىرى دۇيگۇ خانىم يەنە يىغىننىڭ ئەڭ مۇھىم نەتىجىسىنىڭ «كالمان سىندرومى» فوندى جەمئىيىتىنىڭ تۈركىيەدە قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنۇلغانلىقى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە مۇبادا، ئالدىمىزدىكى ئايلاردا بۇ ئىلتىماس قوبۇل قىلىنسا بۇنىڭ مەزكۇر ساھەدە خەلقئارادىمۇ تۇنجى فوندى جەمئىيەت بولۇپ قالىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بەردى.

«كالمان سىندرومى» تېمىسىدا ئېچىلغان مەزكۇر خەلقئارالىق يىغىن، تۈركىيەدىكى كىنو رېژىسسورى شۇنداقلا ئۆزىمۇ كالمان كېسەللىكى بىلەن ياشاپ كەلگەن ئابدۇراخمان ئۇيغۇر ئۆزتۈرك ئەپەندىنىڭ تەشەببۇسى ۋە شۇنداقلا ياپونىيەنىڭ «پىلاتىنۇم ۋۇ ۋۇ شىركىتى» ساھىبى، ئىجتىمائىي ساھەلەرگە مەبلەغ سالغۇچى ۋە داڭلىق ساخاۋەتچى فۇرۇسې مامىكو خانىمنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن روياپقا چىققان بولۇپ، بىز بۇ يىغىننىڭ ئېچىلىشى ۋە قۇرۇلغۇسى «كالمان سىندرومى فوندى جەمئىيىتى» نى ئىقتىساد بىلەن تەمىن ئەتكۈچى مامىكو خانىمنى زىيارەت قىلدۇق.

ئۇ ئۆزىنىڭ كالمان كېسەللىكى بىلەن تونۇشۇشىنىڭ، ئەسلىدە ئۇيغۇر بولغان ھازىر تۈركىيەدە ياشاۋاتقان رېژىسسور ئابدۇراخمان ئۇيغۇر بىلەن تونۇشۇش بىلەن باشلانغانلىقىنى ئېيتتى ۋە شۇنداقلا «كالمان سىندرومى فوندى جەمئىيىتى» قۇرۇشقا ئىلتىماس قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ ئالدىمىزدىكى 7- ئايلاردا ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

رېژىسسور ئابدۇراخمان ئۇيغۇر ئۆزتۈرك ئەپەندىنىڭ «مەن كالمان» ناملىق كىتابى 2018- يىلى، يىل بېشىدا يورۇق كۆرگەندىن بۇيان تۈركىيە جەمئىيىتىدە ۋە كالمان تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەردە زور قىزىقىش قوزغىغان.
رېژىسسور ئابدۇراخمان ئەپەندى كېيىن يەنە بۇ ھەقتە كىنو ئىشلەش پىلانلىرى ئۈچۈن ئىزدەنمەكتە ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.