ئۈرۈمچى دائىرىلىرى مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىدىن گۆرلۈك سېتىۋېلىشنى چەكلىگەن
2018.06.21
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا مۇسۇلمانلارنىڭ مېيىت ئۇزىتىش ئىشلىرىدىن تارتىپ، دەپنە ئىشلىرىغىچە بولغان مىللىي ۋە دىنىي مۇراسىملىرىغا قويۇۋاتقان تۈرلۈك چەكلىمىلەرنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكى مەلۇم. ئۈرۈمچىدىكى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىدىن ئالدىن يەرلىك سېتىۋېلىشى چەكلەنگەن.
رادىيومىزغا «ئۈرۈمچىدىكى مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىدىن ئەمدى يەرلىك سېتىپ بېرىلمەيدىغان بوپتۇ،» دەپ ئۇچۇر يەتكۈزۈلگەن بىر كىشىنىڭ يازما مەلۇماتىغا ئاساسەن ئېنىقلاش ئېلىپ باردۇق.
دېگەندەك، ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىدا كۆزەتچىلىكتە تۇرۇۋاتقان بىر كىشى 2018-يىلى كىرگەندىن باشلاپ ئۆزى كۆزەتچىلىك قىلىۋاتقان مۇشۇ قەبرىستانلىقنى قوشقاندا ئۈرۈمچىدە بار بولغان 3 جايدىكى مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىنىڭ ھېچقايسىسىدىن گۆرلۈك يەر سېتىپ بېرىلمەسلىك ھەققىدە ھۆججەت بارلىقىنى بىلدۈردى. بۇ كىشىنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە قارىغاندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مىللىي ۋە دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا يەر قىس بولغانلىقى سەۋەبلىك ئۈرۈمچىدىكى ئاھالىلەرگە مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىدىن ئالدىن گۆرلۈك يەر سېتىپ بېرىشكە بولمايدىغانلىقى بەلگىلەنگەن ئىكەن. بۇ بەلگىلىمە بۇ يىلدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىپ كەلمەكتە ئىكەن.
بۇ كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، دائىرىلەر بىردىن ئارتۇق گۆرلۈك يەر سېتىۋالىدىغان ئەھۋاللارنى توسۇش ئۈچۈن بۇ بەلگىلىمىنى چىقارغان ئىكەن. لېكىن ئۈرۈمچىدىكى بۇ مازارلىقتا يەنىلا گۆرلۈك ئۈچۈن ئاجرىتىلغان ئورۇنلار بار بولۇپ، ھازىرقى ئىجرا قىلىنىۋاتقان بەلگىلىمە بويىچە ساقچى ئورۇنلىرى، دوختۇرخانا ۋە خەلق ئىشلىرى ئورۇنلىرىنىڭ ئىسپاتى تولۇق بولماي تۇرۇپ قازا قىلغۇچىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا گۆرلۈك يەر سېتىپ بېرىلمەيدىكەن، پەقەت ئىسپاتى تولۇق بولغاندا 5180 يۈەن تۆلەپ بىر كىشىلىك گۆرلۈك يەر سېتىۋېلىشقا ھەمدە شۇ كۈنى دەپنە قىلىشقا بولىدىكەن.
ئۈرۈمچىدىكى مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىدىن ئالدىن گۆرلۈك يەر سېتىۋېلىشقا بولمايدىغانىقى ھەققىدىكى بەلگىلىمە ئۈرۈمچىدىكى خىتاي قەبرىستانلىقلىرىدىمۇ ئوخشاش ئىجرا قىلىنىۋاتامدۇ-يوق؟ بۇ ھەقتە ئۈرۈمچى شەھەرلىك دىنىي ۋە مىللىي ئىشلار تارماقلىرىغا قىلغان تېلېفونلىرىمىز ئۇلانمىدى. لېكىن ئۈرۈمچىدىكى ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ كونا خىتاي قەبرىستانلىقى بولغان شەھەرلىك 1-قەبرىستانلىقتىن تېلېفونىمىزنى ئالغان خىتاي خادىم «گۆرلۈك يەر سېتىۋېلىشقا ھېچقانداق چەكلىمە يوق، بىزگە ئۇنداق بىر ھۆججەت چۈشمىدى،» دەپ جاۋاب بەردى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتمىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەت-تەدبىرلىرىدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىلا ئەمەس، بەلكى توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ، دەپنە ئىشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆرپ-ئادەت، تۇرمۇش ئۇسۇللىرىنىمۇ خىتايلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقى ھەر تەرەپلەردىن مەلۇم بولماقتا. ئاتالمىش «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرنى تازىلاش ۋە دىنسىزلاشتۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە ھەتتا بەزى جايلاردا دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر كادىرلارنى ئۆزىنى «دىنسىز» دەپ ئېلان قىلىشقا، ئۆلگەندىن كېيىن ئۆزلىرىنى خىتايچە ئۇسۇلدا كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىش ھەققىدىكى ۋەسىيەتنامىگە قول قويۇشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىمۇ ئىنكاس قىلىنغان ئىدى.
ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى يېقىندا ئېلان قىلغان «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى ‹دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش› ئارقىلىق كۈچەيتمەكتە» ناملىق دوكلاتىدا «دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش -دىنىي ئېتىقادنى پۈتۈنلەي كونترول قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان سىياسەتنىڭ ئاخىرقى قىسمىدۇر،» دېيىلگەن. ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىدىن باشقا يەنە ئۇلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىدىكى ئۆرپ-ئادەتلىرىگىچە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ نازارىتى ئاستىغا ئېلىنغانلىقى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن. دائىرىلەرنىڭ ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ، ئۆلۈم-يىتىم ۋە دەپنە مۇراسىملىرىغىچە قول تىقىپ، ئۇلارنى زور كۈچ بىلەن خىتايلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى تەنقىد قىلىنغان ئىدى.
بىر يىلدىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىپ، «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە سولىشى ياكى قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىشى بىلەن تەڭ بەزى جايلاردا يەنە جىنازا ۋە دەپنە ئىشلىرىغا 15 تىن ئارتۇق ئادەم قاتناشماسلىقنى بەلگىلەپ ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيان پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىدا، ھەتتا ئۇيغۇرلار نوپۇسى مۇتلەق كۈپ ساننى ئىگىلەيدىغان جايلاردىمۇ جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرىنى قۇرۇشنى كۈچەيتكەنلىكى تۈرلۈك گۇمان ۋە قىياسلارنى مەيدانغا كەلتۈرمەكتە.
مۇشۇنداق جىددىي بىر ۋەزىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ گۆرلۈك يەر سېتىۋېلىشىغىمۇ چەكلىمىلەرنىڭ قويۇلۇشى بەزى كۆزەتكۈچىلەر ئىلگىرى سۈرۈۋاتقاندەك، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭمۇ جەسەتلىرىنىڭ كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىشتەك بىر يۆنىلىشكە مەجبۇرلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ-قانداق؟ ئۈرۈمچى مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىدىكى كۆزەتچى خادىم بۇ سوئالىمىزغا «بۇ ھەقتە تېخى بىر نەرسە ئاڭلىمىدۇق، ئۇنداقمۇ بولۇپ كەتمەس...» دەپ مۈجمەل جاۋاب بەردى.