ئالتە مىليۇن ئىككى يۈز مىڭ پارچە خىش ئۈچۈن تارىم ۋادىسىدا كۆيدۈرۈلگەن ھېسابسىز توغراقلار

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلان
2013.08.15
bingtuan-aqsu-boz-yer-toghraq-305.png شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيەسىنىڭ ئاقسۇ رايونىدىكى پولك مەيدانلىرى تارىم دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمىدا بوز يەر ئاچماقتا (مەنبە: شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسى)
Qutlan/RFA

يېقىندىن بۇيان ئاشكارا بولۇۋاتقان پاكىتلار شۇنى كۆرسەتتىكى، تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى ۋە بۇ يەردىكى بىپايان تەبىئىي توغراقلىقلارنىڭ قۇرۇپ كېتىشى ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر ئېلى ئېكولوگىيەسىدىكى تەبىئىي ھادىسە ئەمەس.

توغراق ھاياتلىق دۇنياسىدا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ سىمۋولى شۇنداقلا قۇملۇق ئېكولوگىيەسىدىكى تەبىئىي قاراۋۇل. ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا «توغراق ئۆسۈپ چوڭ بولغىچە مىڭ يىل، قۇرۇغاندا تىك تۇرۇپ مىڭ يىل، يەرگە يىقىلغاندىن كېيىن يەنە مىڭ يىل ياشايدۇ» دېگەن سۆز بار. قۇرغاق رايون مۇھىتىنى تەتقىق قىلغۇچىلار بىر تۈپ توغراقنىڭ ئۆز ئەتراپىدىكى خېلى كۆپ قۇمنى تىزگىنلەپ تۇرىدىغانلىقىنى ئىلمىي دەلىللەر بىلەن ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ھالبۇكى، 1950 - يىللاردىن بۇيان تارىم دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئېقىملىرىدا مەمۇرىي بۇيرۇق بىلەن تەبىئەتكە قارشى ئېلىپ بېرىلغان نەچچە ئون يىللىق سۈنئىي بۇزغۇنچىلىق نەتىجىسىدە بۇ رايوندا مۆلچەرلەش قىيىن بولغان ئېكولوگىيەلىك بۇزۇلۇش يۈز بەرگەن. 1960 - يىللاردىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتوم بومبىسىنى سىناق قىلىش بازىسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ شەرقىي شىمالى قىسمىدا يەنى لوپنور كۆلىدىن ئانچە يىراق بولمىغان ئادەمسىز چۆلدە جىددىي رەۋىشتە قۇرۇلۇش باشلىغان. ئېغىر تىپتىكى ھەربىي ئاپتوموبىللارنىڭ قۇملۇقتا راۋان مېڭىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئەينى ۋاقىتتا مەخپىي تۈردە خىش يول قۇرۇلۇشى پىلانلانغان. 1966 - يىلىدىن باشلاپ چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ مەلۇم نۇقتىسىدىن تەكلىماكان قۇملۇقىنى بويلاپ ئۇزۇنلۇقى 100 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان قۇملۇقتىكى خىش يول قۇرۇلۇشى ياسالغان. مەلۇم بولۇشىچە، مەخپىي تۈردە ياسالغان بۇ يولغا جەمئىي 6 مىليۇن 200 مىڭ پارچە خىش ئىشلىتىلگەن بولۇپ، بۇ خىشلارنى تەييارلاش ئۈچۈن ئەينى دەۋردە ھېسابسىز توغراقلار كۆيدۈرۈلگەن. شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «مۇھىت ۋە تەرەققىيات» پروگراممىسى ئىشلەپ تارقاتقان تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمى ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىمدە بەزى پاكىتلار دىققەتنى چېكىدۇ.

مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىمدىن مەلۇم بولۇشىچە، 1970 - يىلى داشكۆل سۇ ئامبىرى پۈتۈپ تارىم دەرياسىنىڭ يوقىرى ئېقىمىدىن كېلىدىغان سۇ ئۈزۈپ تاشلانغاندىن كېيىن چاقىلىق ناھىيەسى تەۋەسىدىكى تەبىئىي توغراقلىقلار كەڭ كۆلەمدە قۇرۇشقا باشلىغان. بۈگۈنكى كۈندە خىتاي تاراتقۇلىرىدا «شاڭخەي جېنىس دۇنيا رېكورتىغا كىرگۈزۈلگەن قۇملۇقتىكى ئەڭ ئۇزۇن خىش يول» دەپ نام بېرىلگەن بۇ نامسىز يول قۇرۇلۇشىمۇ، بۇ رايوندىكى ساناقسىز توغراقلارنىڭ ھاياتىغا زامىن بولغان. سۇ مەنبەسىنىڭ ئۈزۈلۈشى چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ كونا يېڭىسۇ قاتارلىق قانچىلىغان كەنت - مەھەللىلىرىنى خارابىگە ئايلاندۇرۇپ، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى ئۆي - ماكانلىرىنى تاشلاپ كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر قىلغان.

تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ شەرقىي-شىمالىي قىسمىدا ھەربىي مەقسەت ئۈچۈن ياسالغان 102 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى خىش يول (مەنبە شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسى)
تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ شەرقىي-شىمالىي قىسمىدا ھەربىي مەقسەت ئۈچۈن ياسالغان 102 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى خىش يول (مەنبە شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسى)

1990 - يىللارنىڭ ئاخىرىلىرىدىن باشلاپ تارىم دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئېقىملىرىدا كۆرۈلگەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتتىكى ئېغىر ئاقىۋەتلەر خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىمۇ تەشۋىشكە سالغان. بولۇپمۇ، ھەر يىلى ئەتىيازدا بېيجىڭ شەھىرى قۇم بورانلىرىنىڭ بىۋاسىتە ھۇجۇمىغا ئۇچراشقا باشلىغاندىن كېيىن خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلى ئېكولوگىيەسىنى قايتا تۈزەش ئۈچۈن مەبلەغ سېلىشقا مەجبۇر بولغان. 2001 - يىلى «غەربىي رايوننى ئېچىش» شۇئارى بىلەن خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى تارىم دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشكە 10 مىليارد 700 مىليۇن سوم مەبلەغ سالغان. لېكىن، مەبلەغنىڭ جايىغا ئىشلىتىلمەسلىكى، داۋاملىق بوز يەر ئېچىش ھەمدە سۇدىن پىلانسىز پايدىلىنىش سەۋەبىدىن تارىم دەرياسى بىلەن كۆنچى دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى سۇسىزلىق مەسىلىسى ھەل بولمايلا قالماستىن، بەلكى يەنە نەچچە يۈز مىڭ مو تەبىئىي توغراقلىقلار داۋاملىق قۇرۇپ ماڭغان. 2009 - يىلىدىكى «5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى يەنە 9 مىليارد سومدىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىغا سۇ قويۇپ بېرىش قۇرۇلۇشىنى قايتا باشلىغان، لېكىن بۇنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنىڭ زادى قانداق بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەش يەنىلا قىيىن ھالەتتە تۇرماقتا ئىكەن.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.