ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ ئاكتىپ قوللىغۇچىسى ھەسەن جەلال گۈزەل ئالەمدىن ئۆتتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2018.03.21
Istanbul-Uyghur-mesilisi-yighini-hasan-celal-ependi-305.jpg ھەسەن جەلال گۈزەل ئەپەندى(ئوڭدا) «شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەقەلەر ۋە ئۇنىڭ دۇنيادىكى تەسىرى» دېگەن تېمىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىدا. 2009-يىلى ئۆكتەبىر، تۈركىيە.
RFA Photo / Arslan

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مىنىستىرى، ئىلىم ئادىمى ۋە ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ ئاكتىپ قوللىغۇچىسى ھەسەن جەلال گۈزەل ئەپەندى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى 73 يېشىدا كېسەل سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى.

تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، باش مەسلىھەتچىسى ئىبراھىم قالىن ئەپەندىلەر مەخسۇس تەزىيەنامە ئېلان قىلىپ، ھۆرمەتلىك ھەسەن جەلال گۈزەلنىڭ ۋاپاتىنىڭ تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن زور يوقىتىش بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا سەۋر تىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تۈركىيەدىكى 8 ئۇيغۇر تەشكىلاتى بىرلىشىپ قۇرغان «شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى» مۇ مەخسۇس تەزىيەنامە ئېلان قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ تۈركىيەدىكى ئەڭ ئاكتىپ قوللىغۇچىسىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى ئىزھار قىلدى.

1983-يىلى 38 ياشتا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەڭ ياش مۇئاۋىن مىنىستىرى بولغان ھەسەن جەلال گۈزەل، 1986-يىلىدىكى سايلامدا پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. كېيىنكى يىللاردا مائارىپ مىنىستىرى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. بۇ مەزگىللەردە خىتاينىڭ ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش سىياسىتىدىن پايدىلانغان ئۇيغۇرلار پاكىستان ۋە تۈركىيە ئارقىلىق ھەجگە بېرىشقا باشلىغان. ھەسەن جەلال گۈزەل ئۇيغۇر ھاجىلارغا مەخسۇس ئاپتوبۇس، مېھمانخانا ئاجرىتىپ ياردەم قىلغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئۆمەر قانات ئەپەندى ئۆزىنىڭ 1986-يىلى مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن بىلەن بىرلىكتە ئەنقەرەدە ھەسەن جەلال گۈزەل ئەپەندى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ھاجىلارغا كۆپ ياردەم قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

مەرھۇم ھەسەن جەلال گۈزەل ئەپەندى 1995-يىلى سالامەتلىكىنىڭ ياخشى بولماسلىقىغا قارىماستىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رەھبىرى ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ جىنازا نامىزىغا كەلگەن ئىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالپتېكىن ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ مەرھۇم ھەسەن جەلال گۈزەل ئەپەندىگە ئەولغان ھۆرمىتىنى بايان قىلدى.

ھەسەن جەلال گۈزەل ئەپەندى 1992-يىلىدىن تارتىپ «يېڭى تۈركىيە» ناملىق ژۇرنال چىقىرىشقا باشلىغان بولۇپ، مەزكۇر ژۇرنالنىڭ ھەر سانىدا دېگۈدەك ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى ماقالىلەرگە ئورۇن بېرىپ كەلگەن. مەزكۇر ژۇرنال 2002-يىلىدا «تۈركلەر» دېگەن ئومۇمىي نامدا 21 توملۇق قامۇس نەشر قىلدۇرغان. قامۇسقا ھەرقايسى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تىلى، تارىخى، ئەدەبىياتى، داڭلىق شەخسلىرى توغرىسىدىكى ماقالىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا 30 پارچە قىسقا ماقالە كىرگۈزۈلگەن ئىدى. بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرگەن پروفېسسور، دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى مەرھۇم ھەسەن جەلال گۈزەلنىڭ ئۇيغۇر تەتقىقاتى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئېغىر ۋەزىيىتىنىڭ تۈركىيەدە ئاڭلىتىلىشىغا زور تۆھپە قوشقانلىقىنى بايان قىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىچكى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ھامىدخان گۆكتۈرك ئەپەندىمۇ مەرھۇم ھەسەن جەلال گۈزەلنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا شۇنداقلا ئۇيغۇر تەتقىقاتىغا قوشقان تۆھپىسىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ھەسەن جەلال گۈزەل 1945-يىلى تۈركىيەنىڭ گازىئانتېپ ۋىلايىتىدە تۇغۇلغان. تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى مالاتيا ۋىلايىتىدە ئوقۇغان. كېيىن ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي ئىلىملەر فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. ھەسەن جەلال گۈزەل 1983-يىلى 38 يېشىدا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىنىستىر مۇئاۋىنى بولغان. ئۇ، ئۆتكەن يىل 11-ئايدا ئەنقەرەدە چاقىرىلغان «تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» غا 8 نەپەر ئۇيغۇر زىيالىيسىنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇلار بىلەن سۆھبەتلەشكەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.