مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى «مۇكاپاتلىق ساياھەت پىلانى» نىڭ ئىچ يۈزىنى ئېچىپ تاشلىدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شادىيە تەييارلىدى
2024.05.02
xoten-yotqan-sayahet ساياھەتچىلەر خوتەن ناھىيەسىدىكى يوتقان قەدىمىي ساياھەت رايونىدا سۈرەتكە چۈشۈۋاتقان كۆرۈنۈش.2023-يىلى دېكابىر، خوتەن
www.ts.cn

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى بىرقانچە يىللاردىن بۇيان، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى ۋە مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى پەردازلاپ كۆرسىتىپ، ئۆزىنىڭ بۇ تەشۋىقات ئويۇنىغا بىر قىسىم «مەنپەئەتداش» دۆلەتلەرنى شېرىك قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە. خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا يەنە ئۇيغۇر دىيارىغا تېخىمۇ كۆپ چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن، «مۇكاپاتلىق ساياھەت پىلانى» نى يولغا قويغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى خەلقئارالىق ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ 2024-يىلىدا ئۇيغۇر رايونىغا تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچى ئەكېلىشى ئۈچۈن، «ئالاھىدە رىغبەتلەندۈرۈش ۋە مۇكاپاتلاش پىلانى» نى يولغا قويغان. ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ «مۇكاپاتلىق ساياھەت پىلانى» دا، ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات سوممىسىنىڭ 200 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى بولىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

دىققەتكە سازاۋەر يېرى شۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارالىق ساياھەت شىركەتلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىغا تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچى ئېلىپ كېلىشىنى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە مۇكاپاتلاش پىلانى، 22-ئاپرېل كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 2023-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ھەققىدىكى دوكلاتى ئېلان قىلىنىپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئوتتۇرىغا چىققان. بۇ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان كۆزەتكۈچىلەرنىڭ مەزكۇر پىلاننىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان غەرەزلەر ھەققىدىكى گۇمانلىرىنى كۈچەيتمەكتە. چۈنكى 200 گە يېقىن دۆلەت ۋە رايوندا ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى بىرمۇ-بىر تىلغا ئېلىنغان مەزكۇر دوكلاتتا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرگە يۈرگۈزگەن زۇلۇملىرى بىرقانچە قېتىم تىلغا ئېلىنغانىدى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى، ھېنرىي شاجېۋىسكى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز قاراشلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇ خىتاينىڭ چېگرا سىرتىدىكى ساياھەت شىركەتلىرى ئۈچۈن مەخسۇس تەسىس قىلغان بۇ ئالاھىدە «مۇكاپاتلىق ساياھەت پىلانى» توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«بۇ بەلكىم بەزى چەت ئەل ساياھەت شىركەتلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا بارماسلىقى توغرىلىق چىقىرىلغان ئاگاھلاندۇرۇشلارنىڭ خىتايغا مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. چۈنكى خىتاي دائىرىلىرى ئۆزى كۈتكىنىدەك چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنى ئۇيغۇر رايونىغا جەلپ قىلالمايۋاتىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن قارىغاندا، بۇ يەردە كۆرسىتىلگەن سانلارنىمۇ بەك ئىشەنچلىك دېيەلمەيمىز. مانا بۇلار، چېگرا سىرتىدىكى ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر بولۇۋاتقان ئۇيغۇر رايونىغا ساياھەت تەشكىللىشىدە خەلقئارادىن كەلگەن بېسىملارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، دەپ قارايمەن.»

ھېنرىي شاجېۋىسكى ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ 2023-يىلى 8-ئايدا ئېلان قىلغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ساياھىتى» ناملىق دوكلاتىنى تەييارلىغان تەتقىقاتچىلاردىن بىرىدۇر. ئۇ رادىيومىزغا بەرگەن ئىنكاسىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

«ھازىر ئۇيغۇر رايونىدا چەت ئەللەردىكى بەزى دىپلوماتلار، تاراتقۇلار ۋە ساياھەتچىلەردىن تەشكىللەنگەن ئېكسكۇرسىيە ئۆمەكلىرىنى جەلپ قىلىش بويىچە بىر يۈرۈش ساياھەت پائالىيەتلىرىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇلىۋاتقانلقىنى بىلىمىز. ئەلۋەتتە، بۇ ساياھەتلەر خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن پىلانلانغان ۋە تەشكىللەنگەن ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلىش تۈرلىرىدۇر. ناھايىتى ئېنىقكى، ئۇلارنىڭ بۇ ئۇرۇنۇشلىرى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھازىر ئاتالمىش ‹​​ئاشقۇنلۇق› تىن تازىلانغانلىقى، بۇ جاينىڭ مەبلەغ سېلىش ياكى ساياھەت قىلىش ئۈچۈن ناھايىتى بىخەتەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشنى مەقسەت قىلىدۇ. شۇڭا بۇ ‹مۇكاپاتلىق ساياھەت پىلانى›نى خىتاينىڭ يۇقىرىقى ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ بىر قىسمى دېيىشكە بولىدۇ.»

مەلۇم بولغىنىدەك، بۇ يىل مارت ئېيىنىڭ باشلىرىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ھەر ئىككى پالاتانىڭ ئەزالىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى بەزى مۇتەخەسسىسلەر، خىتاينىڭ كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىۋاتقان «شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى» نى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ساياھىتى» دېگەن ئىدى. ئۇلار، چەت ئەل ساياھەت شىركەتلىرىنى ئۇيغۇر رايونىغا قارىتا ساياھەت تەشكىللىمەسلىككە چاقىرىپ، «شىنجاڭ ساياھىتى» توغرىسىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشىنى 4-دەرىجىگە كۆتۈرۈشنى تەلەپ قىلغانىدى.

ئامېرىكادىكى خىتاي ۋەزىيىتى ئانالىزچىلىرىدىن چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك پىروفېسسورى، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بۇ ھەقتە بياۋ رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلغان دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىرتقى دۇنياغا قارىتا پۈتۈنلەي تاقىتىۋېتىلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇ يەنە بۈگۈنكى كۈندە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ساياھەتچىلىكنى جانلاندۇرۇپ، چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش ئارقىلىق، ئۆز جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى:

«بۇ يەردە تەكىتلەشكە تېگىشلىك يەنە بىر نۇقتا شۇكى، بۇ ساياھەتچىلەر ئۇيغۇر رايونىغا بارغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۇ يەردە يۈز بەرگەن رېئاللىقنى كۆرۈشى تەس. چۈنكى مېنىڭچە، رايوندىكى نۇرغۇن پۇقرالار چەت ئەللىكلەرگە ھەقىقەتنى سۆزلەشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرگە قارىتا ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئېچىۋېتىلىشى ئۇنىڭ بارلىق چەت ئەللىك ئاخباراتچىلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا ئېچىۋېتىلگەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. چۈنكى كىشىلىك ھوقۇققا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلىدىغان ئاخباراتچىلار ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئۇيغۇر رايونىغا ئەركىن-ئازادە بارالمايدۇ ۋە بارسىمۇ كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ، شۇنداقلا ھەقىقىي ئۇچۇرغىمۇ ئېرىشەلمەيدۇ.»

يېقىندا ئېلان قىلىنغان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 2023-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ھەققىدىكى دوكلاتنىڭ كىرىش سۆزىدە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن (ئانتوني بلىنكەن) «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدە داۋاملىشىۋاتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى» نى تىلغا ئېلىپ، مۇنداق دېگەنىدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرگە قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت، مەجبۇرىي ئەمگەك قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى داۋام قىلماقتا.»

ھېنرىي شاجېۋىسكى ئەپەندى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېننىڭ سۆزى ۋە مەزكۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ھەققىدىكى دوكلاتتا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى تىلغا ئېلىنىپ ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چەت ئەل ساياھەت شىركەتلىرىگە قارىتا ئاتالمىش «مۇكاپاتلىق ساياھەت پىلانى» نى يولغا قويۇشىنىڭ بىر تاسادىپىي ھادىسە ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى:

«ئەلۋەتتە، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئاراغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇكاپاتلاش ۋە رىغبەتلەندۈرۈشكە ئوخشاش بۇ خىلدىكى ساياھەت تۈرلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتىنى نورماللاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنىڭ بىر دەلىلىدۇر. ھالبۇكى، ئۇيغۇر رايونىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ھېلىھەم ناھايىتى كۆپ. مېنىڭ بۇ يەردە تەكىتلىمەكچى بولغىنىم شۇكى، كىشىلەر ئارىسىدا ئۆزئارا ئۇچۇرنىڭ قانچە كۆپ ھەمبەھىرلىنىشى، شۇ كىشىلەرنى بۇ رايوننى زىيارەت قىلغاندا ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنىڭ سادىر قىلىنغان-قىلىنمىغانلىقى ھەققىدە ئەخلاقىي-ۋىجدانىي جەھەتلەردىن ئويلاندۇرۇشى مۇمكىن، دەپ قارايمەن.»

كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بياۋ يەنە مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق رەقەملىك سەپلىمىلىرى تەرىپىدىن كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى كۆزىتىلىپ تۇرغاچقا، ئۇيغۇر رايونى ئاساسەن دېگۈدەك ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرۇلدى. مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئەيىبلەشلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، نۆۋەتتە نۇرغۇنلىغان تەشۋىقات تاكتىكىلىرىنى قوللىنىۋاتىدۇ. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىغان سىن كۆرۈنۈشلىرىنى تارقىتىپ، ئاتالمىش ‹بەختىيار ئۇيغۇرلار» ھېكايىسى تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىۋاتىدۇ. ماھىيىەتتە بۇ ئىنتايىن ناچار تەشۋىقات ئۇسۇلىدۇر. چۈنكى خالىغانچە تۇتۇپ كېتىلگەن، غايىب قىلىۋېتىلگەن، قىيىن-قىستاققا ئېلىنغان ۋە ياكى جازا لاگېرلىرىدىكى ناچار شارائىتتا قازا قىلغان سانسىزلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى تاشقى دۇنيادىكىلەرنىڭ كۆرەلىشى مۇمكىن ئەمەس.»

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك بېسىمى ئاستىدا، خىتاي كومپارتىيەسى رايونغا قاراتقان سىياسىي-تۈزۈلمىلەردە بەزى تەڭشەشلەرنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئەمما رايوندىكى جىددىي ۋەزىيەت ۋە تەقىپلەر يەنىلا ھەقىقىي تۈردە پەسەيمىگەن. ئۇلار يەنە خىتاينىڭ نۆۋەتتە «مۇكاپاتلىق ساياھەت پىلانى» نى يولغا قويۇپ، چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنى ئۇيغۇر رايونىغا جەلپ قىلماقچى بولۇشى، تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، رايوندا ئۇدا داۋاملاشقان يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇشلار نەتىجىسىدە ۋەيران بولغان ئىقتىسادىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرىنىڭ خىتاينى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىشىنى يوققا چىقىرىش ئۇرۇنۇشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس، دەپ قارىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.