پىراگادا ئېچىلغان مۇنبەر 2000 يىغىنىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان
2024.10.15

چېخىيە پايتەختى پىراگادا، 13-ئۆكتەبىر كەچتە باشلانغان 28-نۆۋەتلىك «مۇنبەر-2000» يىغىنى 15-ئۆكتەبىر مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشقان. «مۇنبەر-2000» يىغىنى سىياسەتچىلەر، سىياسىي پائالىيەتچىلەر، دىپلوماتلار، تەتقىقاتچىلار قاتنىشىپ دۇنيادىكى مەۋجۇت مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىدىغان ۋە دۆلەتلەرگە، پارلامېنتلارغا تەكلىپ-تەۋسىيە سۇنۇلىدىغان بىر دېموكراتىيە مۇنبىرى بولۇپ، بۇ يىغىنغا ھەر يىلى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرىمۇ قاتنىشىپ كەلمەكتە.
بۇ يىلقى يىغىنىغا، مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس، د ئۇ ق تەتقىقات كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ، تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر ئىلھام، گېرمانىيەدىكى ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى ئەنۋەر جان قاتارلىقلار تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنىڭ ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتقانلىقىدەك رېئاللىقنى ئوتتۇرىغا قويغان. مۇنبەردە بۇ قېتىم «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى تېما بولغان» لىقىنى بىلدۈرگەن ئابدۇۋەلى ئايۇپ بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارنى ئورتاقلىشىپ ئۆتتى.
14-ئۆكتەبىر كۈنى ئەتىگەندە روشەن ئابباس، ئابدۇۋەلى ئايۇپ، جەۋھەر ئىلھام، ئەنۋەر جان ۋە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى مېرىيام لېكىسمانلارنىڭ قاتنىشىشىدا، چېخ پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ دوكتورى ئاندىرېي كلىمەسنىڭ رىياسەتچىلىكىدە «خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرىگە قارىتا زۇلمى؛ ئىلھام توختى ۋە گۈلشەن ئابباس» دېگەن تېمىدا مەخسۇس يىغىن ئۆتكۈزۈلگەن. دوكتور ئاندىرېي كلىمەس ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، يىغىندا ئوتتۇرىغا قۇيۇلغانلارنى تۆت نۇقتىغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن ئىكەن.
بۇ مۇنبەردە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى تەرىپىدىن خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ قىرغىنچىلىقىنىڭ پەقەت يېقىنقى يىللاردىكى بىر ھادىسە بولماستىن، بەلكى خىتاي ئىشغالىدىن كېيىن سىستېمىلىق ھالدا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مۇنبەر ئەھلىگە ۋە ھەر قايسى دېموكراتىك دۆلەتلەرگە بۇ قىرغىنچىلىقنى توختىتىشتا ئەمەلىي كۈچ چىقىرىشى كېرەكلىكى ھەققىدە چاقىرىق قىلغان روشەن ئابباس خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغانلىرىنى ئورتاقلاشتى.
1996-يىلى چېخنىڭ مەرھۇم پىرېزىدېنتى ۋاسلاۋ خاۋېل، ياپونىيەلىك ساخاۋەتچى يۆخېي ساساكاۋا ۋە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ئېيلى ۋېسېلنىڭ ئورتاق تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان بۇ «مۇنبەر 2000» قۇرۇلغاندىن بۇيان ھەر يىلى بىر قېتىم ئېچىلىپ كەلمەكتە.
ھازىرغىچە بۇ مۇنبەرگە سىياسەت ساھەسىدىكى داڭلىق ئەربابلار قاتنىشىپ كەلمەكتە. بۇنىڭغا سەئۇدى شاھزادىسى ھەسەن بىن تالال، يۆخېي ساساكاۋا، فرېدېرىك ۋىللېيام بېل كلىنتون، ئوسكار ئارىياس سانچېز، دالاي لاما، ھېنرى كىسسىنگېر، شىمون پېرېس قاتارلىق داڭلىق كىشىلەر قاتناشقان بولۇپ، بۇ قېتىمقى مۇنبەرگىمۇ ئامېرىكانىڭ سابىق پارلامېنت باشلىقى نەنسى پلوسىي، تەيۋەننىڭ سابىق پىرېزىدېنتى سەي يېڭۋېن، رۇسىيەلىك تارىخشۇناس يازغۇچى ۋە داڭلىق ئۆكتىچى سىياسەتچى ۋىلادىمىر كارا مىرزا قاتارلىقلارمۇ قاتناشقان.