بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا باش مۇپتىلىقى: «ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەتتە بولغان سابىق باش مۇپتى مۇستافا سېرىچ بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2023.01.25
بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا باش مۇپتىلىقى: «ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەتتە بولغان سابىق باش مۇپتى مۇستافا سېرىچ بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ» بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا سابىق باش مۇپتىسى مۇستافا سېرىچ(Mustafa Ceric) پولشانىڭ ئوسۋىيسىمدىكى سابىق ناتسىستلار لاگېرى ئاۋسۋىتز-بىركېناۋنى زىيارەت قىلدى. 2011-يىلى 1-فېۋرال.
AP

بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا باش مۇپتىلىقى، بۇ يىل 9-يانۋار ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى بىر تەشكىلات ئۇيۇشتۇرغان «مۇسۇلمان ئۆلىمالىرى ۋەكىللەر ئۆمىكى» نىڭ تەركىبىدە ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەتتە بولغان سابىق بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا باش مۇپتىسى مۇستافا سېرىچ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە مۇساپە قويدى. بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا باش مۇپتىلىقىنىڭ 25-يانۋار رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بىلدۈرۈشىچە، بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا مۇسۇلمان جامائەتلىرىنىڭ بۇ زىيارەت بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق ئىكەن. شۇنداقلا سابىق باش مۇپتى مۇستافا سېرىچ ھەم زىيارەت ئۆمىكىنىڭ سۆزى بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا مۇسۇلمان جامائىتىنىڭ پىكىرىگە ۋەكىللىك قىلمايدىكەن.

بۇ يىل 9-يانۋار ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى «دۇنيا مۇسۇلمان جامائەتلىرى كېڭىشى» ناملىق تەشكىلاتنىڭ باشلىقى، ئالىي راشىد ئەل نۇئايمىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى 14 دۆلەتتىن كەلگەن 30 نەچچە كىشىلىك بىر «مۇسۇلمان ئۆلىمالىرى ۋەكىللەر ئۆمىكى» نىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە بىر قانچە كۈنلۈك زىيارەتتە بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى مەدھىيەلىشى خەلقئارادا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان. نۇرغۇن دىنىي تەشكىلاتلار مەزكۇر مۇسۇلمان ‍ئۆلىمالىرىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنى، بولۇپمۇ سابىق بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا باش مۇپتىسى مۇستافا سېرىچنىڭ بۇ ئۆمەككە قاتناشقانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. بۇ ئۆمەك «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»، «مەنپەئەتپەرەسلىك» ۋە «سىياسىي پۇرسەتپەرەسلىك» بىلەن ئەيىبلەنگەنىدى.

بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھازىرقى باش مۇپتىسى ھۆسەيىن كاۋازوۋىچنىڭ ياردەمچىسى، مۇپتىلىقنىڭ تاشقى ئىشلار دىرېكتورى رازىم سولىچ 25-يانۋار بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، باش مۇپتىلىقنىڭ بۇ مەسىلىدىكى رەسمىي مەيدانىنى شەرھلەپ، مۇستافا سېرىچنىڭ زىيارىتى ۋە ئۇنىڭ سۆزى بوسنىيە مۇسۇلمانلىرىغا ۋەكىللىك قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رازىم سولىچ مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ (ئۇيغۇر) رايونىدىكى زىيارىتى (بوسنىيە) ئىسلام جامائىتىنىڭ نامىدا ئېلىپ بېرىلمىدى. ئۇنىڭ سۆزىمۇ ھېچقاچان، ھەرقانداق شەكىلدە بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا ئىسلام جامائىتىگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. بۇ ھەقتىكى ئاخباراتىمىز بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا ۋە ئەتراپتىكى دۆلەتلەردە ئېلان قىلىنغان ۋە بۇ مەسىلىدىكى مەيدانىمىز ئېنىق بولسىمۇ، لېكىن خەۋەرلەردە بۇ تىلغا ئېلىنمىغانلىقى مەلۇم. قىسقىسى، ئۇ ھېچقاچان بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ».

رازىم سولىچنىڭ ئېيتىشىچە، ئىلگىرى خىتاينىڭ سارايېۋودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى رازىم سولىچنىمۇ تەكلىپ قىلغان. لېكىن ئۇ، ئۆزىنىڭ ئ‍ۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىشى «بىز ئەمەل قىلىپ كەلگەن مەدەنىي ئۆلچەملەرگە خىلاپ» دېگەن ئەيىبلەشكە ئۇچرايدىغانلىقىنى سەۋەب قىلىپ، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. رازىم سولىچ: «مەن بۇنىڭدىن 3 يىل ئاۋۋال زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىنغان. ھازىرمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىغلىق. لېكىن رايوندا نېمە ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى بىلمىگەنلىكىم ئۈچۈن بېرىشنى خالىمىدىم. چۈنكى، بەلكى، مېنىڭ زىيارىتىم ‹بىز ئەمەل قىلىپ كەلگەن بەزى مەدەنىي ئۆلچەملەرگە خىلاپ› دەپ قارىلىشىنى ئويلىدىم. شۇڭا، بۇ بىزنىڭ ئىسلام جامائىتىمىز ئۈچۈن بىر يېڭىلىق، شۇنداقلا بىزنىڭ پىلانىمىز ئىچىدىكى مەسىلە ئەمەس» دېدى.

ئەل نايئۇمىنىڭ باشچىلىقىدىكى بۇ زىيارەت ئۆمىكىگە سېربىيە ئىسلام جامائىتى كېڭىشىنىڭ رەئىسى مەۋلۇت دۇدىچمۇ قاتناشقان ھەم خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى مەدھىيەلىگەنىدى. لېكىن چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە سېربىيە ئىسلام جامائىتى كېڭىشىمۇ بۇ زىيارەت بىلەن بولغان ئالاقىسىگە مۇساپە قويغان. سېربىيە مۇسۇلمان جامائىتى كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى سامىر سىكىرىجېلى چەتئەل تاراتقۇلىرىغا قىلغان سۆزىدە، دۇدىچنىڭ بۇ زىيارەتكە شەخسى نامىدىن قاتناشقانلىقىنى ئېيتقان. بىز 25-يانۋار سامىر سىكىرىجېلىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، لېكىن سامىر سىكىرجېلى سۇئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

سامىر سىكىرجېلى: «سىز مۇپتى دۇدىچ ئ‍ەپەندىنىڭ خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەت رايونىغا قىلغان زىيارىتى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى سوراۋاتامسىز. بولىدۇ، مەن سىزگە ئەتە تېلېفون قىلاي. چۈنكى، بىزنىڭ رەئىس بۈگۈن يوق. مەن سىزگە ئەتە تېلېفون قىلىمەن. چۈنكى، بۈگۈن مەندە رەئىسىمىزنىڭ خىتاي زىيارىتىگە ئائىت ئۇچۇرلار يوق» دەپ كۆرسەتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، باش مۇپتى مەۋلۈد دۇدىچ بۇ زىيارەتكە «بىرلەشمە ئەرەب خەلىپىلىكىدىكى ‹دۇنيا ئىسلام جامائەتلىرى كېڭىشى›نىڭ نامىدىن قاتناشقان».

ئۇ، بۇ زىيارەت نۇرغۇن مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغانلىقى، ئۇنىڭ بۇ تەنقىدلەرگە نېمە دەيدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا «مەن خىتاي زىيارىتى ھەققىدە توختىلىشنى خالىمايمەن. چۈنكى مەن بۇ زىيارەتتە يوق، شۇڭا دۇدىچ ئەپەندىم ھەققىدە سىزگە سۆزلەپ بېرەلمەيمەن. چۈنكى، مەندە ئۇچۇر يوق» دەپ جاۋاب بەردى.

سابىق باش مۇپتى مۇستافا سېرىچنىڭ زىيارىتىدىن سىرت، بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا ھۆكۈمىتىمۇ 2021-يىلى ئۇيغۇرلار مەسىلىدە تالاش تارتىشقا چۈشۈپ قالغان. شۇ يىلى 7-ئايدا بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىسېرا تۇركوۋىچ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە 40 نەچچە غەرب دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى ئورتاق باياناتىغا ئىمزا قويغان. بۇنىڭغا قارىتا بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا ئۈچ تەرەپ پرېزىدېنتلىق كومىتېتىنىڭ سېرب ۋەكىلى مىلوراد دۇدىك ب د ت غا خەت يېزىپ، بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنانىڭ ئىمزاسىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغانىدى.

رازىم سولىچ 25-يانۋار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، سابىق باش مۇپتى مۇستافا سېرىچنىڭ ئۆزلىرىگە ۋەكىللىك قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ بىر شەخس سۈپىتىدە ھەرقانداق جايغا بېرىش ھوقۇقى بارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بوسنىيەلىك مۇسۇلمانلار ھەر ۋاقىت زۇلۇمغا ئۇچرىغان خەلقلەرنىڭ سېپىدە تۇرسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر ئىلىنىڭ ۋەزىيىتىگە ئۇچۇرلارنى ئۆزلىرى دەلىللىمەي تۇرۇپ باھا بەرمەيدىكەن.

رازىم سولىچ: «مۇستافا سېرىچ بوسنىيە ئىسلام جامائەتلىرىگە ۋەكىللىك قىلمىسىلا بىر شەخس سۈپىتىدە خالىغان جايغا بېرىش ھوقۇقى بار. مانا بۇ بىزنىڭ رەسمىي باياناتىمىز ۋە پوزىتسىيەمىز…. بىزنىڭ رايوندا نېمە ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىغا قارىتا ئېنىق مەلۇماتىمىز يوق. بىزنىڭ بۇ توغرىسىدا باياناتىمىز بار، بىز زۇلۇمغا ئۇچرىغان خەلقلەرگە قارىتا ھەر ۋاقىت ھېسداشلىقىمىزنى بىلدۈردۇق. شۇڭا، بىزنىڭ بۇنىڭغا دائىرىلىرى ئۇچۇرىمىز يوق. چۈنكى، بىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئۇچۇرلارنى تۈزىتىشكە چامىمىز يەتمەيدۇ. لېكىن بىز ب د ت دوكلاتلىرىغا قارايمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۇنىڭغا قاراپ ھەرىكەت قىلدۇق» دېدى.

«بوسنىيە سانجاغى جەمئىيىتى» تۈركىيەدىكى بوشناق تۈركلىرىنىڭ كۈچلۈك تەسىرى بولغان يېرىم ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك چوڭ تەشكىلاتى. بۇ تەشكىلاتنىڭ باشلىقى مۇھەممەت باشقان ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنانىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئىنتايىن ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىشى، ئۇنىڭ دۆلەت قۇرۇلمىسىدىكى ئىنتايىن نازۇك سىياسىي تەڭپۇڭلۇق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

مۇھەممەت باشقان ئەپەندى 25-نويابىر زىيارتىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇناق دېدى: «بوسنىيەدە 3 مىللەت بار، سېربلار، خورۋاتلار ۋە مۇسۇلمان بوشناقلار(بوسنيەلىكلەر). ئەمما ئەڭ كۆپ نوپۇس بار خەلق مۇسۇلمان بوشناقلار بولۇپ، ئۇرۇشتا بوشناقلار غەلىبە قىلغان. لېكىن شۇنداق بىر شەرتنامە ئىمزالاشقا مەجبۇر بولدىكى، ئۈچ مىللەتنىڭ ھەممىسىنىڭ سۆز ھەققى بار ۋە ئۈچىلىسى ھەر 6 ئايدا بىر نۆۋەتلىشىپ پرېزىدېنت ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. بىر مەسىلىنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن ئۈچىلىسى بىردەك قوشۇلۇشى كېرەك. مەسىلەن، مۇسۇلمان بوشناقلار، خورۋاتلار ئۇيغۇر رايونىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق بار، دېسىمۇ، لېكىن سېربلار ئىرقىي قىرغىنچىلىق يوق، دېسە، بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دەپ قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئۇنىڭ مۇشۇنداق بىر دۆلەت قۇرۇلمىسى بار».

مۇھەممەد باشقان مۇستافا سېرىچنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئۇيۇشتۇرغان زىيارەت ئۆمىكىنىڭ تەركىبىدە ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتتە بولۇشىنى «ئەقىل ئىشلىمەسلىك» دەپ تەنقىد قىلدى. مۇھەممەد باشقان مۇنداق دەيدۇ: «مەن بۇنى ئەقىل ئىشلىمەسلىك دېيىشتىن باشقا بىر نەرسە دېمەيمەن. بىرلەشمە ئەرەب خەلىپىلىكى ئۇيۇشتۇرغان ئۆمەككە قېتىلىپ، شەرقىي تۈركىستانغا بېرىشنىڭ ئۆزى چوڭ خاتا، چوڭ سەۋەبلىك. ئەقىل ئ‍ىشلىمەسلىكتىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس. بۇنى قانداق قىلدى، نېمە ئۈچۈن قىلدى. ئىشىنىڭكى، بۇ ئەقلىي ئىشلىمىگەن بىر ئادەمنىڭ ئىشىدۇر. ئۇنىڭ بۇنداق بىر ئىشنى قىلىشى قەتئىي توغرا ئەمەس».

مۇھەممەت باشقاننىڭ كۆرسىتىشىچە، ھەرقانداق زىيارەت مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەرنىڭ رايوندىكى خالىغان جاينى تەكشۈرۈشى، خالىغان كىشى بىلەن سۆزلىشىشىگە يول قويۇلغاندىلا ئېلىپ بېرىلىشى، خىتايلار كۆرسىتىپ بەرگەن يەرلەرنىلا كۆرۈش، ئۇلار كۆرسىتىپ بەرگەن كىشىلەر بىلەنلا سۆزلىشىش خىتاينىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىشتىن باشقا ئىشقا يارىمايدىكەن.

بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنانىڭ پرېزىدېنتلىق تۈزۈمى 1995-يىلى ئامېرىكادا ئىمزالانغان «دەيتون كېلىشىمى» نىڭ مەھسۇلى بولۇپ، بۇ كېلىشىم 1992-95-يىللىرىدىكى بوسنىيە ئۇرۇشىغا خاتىمە بېرىپ، بوسنىيەدە بوشناق، سېرب ۋە خورۋاتلاردىن ئىبارەت ئۈچ ئاساسلىق مىللەت ئورتاق ھاكىمىيەت سورايدىغان مۇرەككەپ مەمۇرى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىققان.

مەلۇم بولۇشىچە، 2021-يىلى بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى 40 نەچچە دۆلەتنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئورتاق باياناتىدا ئىمزا قويغاندا، بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ئۈچ كىشىلىك پرېزىدېنتلىق كومىتېتىنىڭ بوسنىيە (بوشناق) ۋەكىلى سەفىك جەفېروۋىچ بىلەن خورۋات ۋەكىلى زېلكو كومسىچنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. لېكىن بۇنىڭغا سېربلارنىڭ ۋەكىلى دودىچ قارشى چىققان. ئەينى ۋاقىتتا دودىچنىڭ پىكىرى بىلەت تاشلاش ئارقىلىق رەت قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ شىنجاڭ مەسىلىسىدە بېيجىڭنى تەنقىد قىلىش «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن بولغان ياخشى ۋە دوستانە مۇناسىۋەتنى بۇزىدۇ» دېگەندە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ كەلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.