قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى: «خىتاي دۇنياغا زومىگەر بولۇش ئۈچۈن مۇستەبىت خەلقئارا قانۇننى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2024.08.12
guterres-shi-jinping-1.jpg ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ سۆھبىتىدىن بۇرۇن قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەكتە. 2018-يىلى 2-سىنتەبىر، بېيجىڭ خەلق سارىيى.
AFP

خىتاي دائىرىلىرى «خەلقئارا سىستېما ۋە قانۇن رامكىسى دۇنياۋى رىقابەتنىڭ ‹يېڭى جەڭ مەيدانى›» دېگەن تەشەببۇسنى ئۇتتۇرىغا قويۇپ، خىتاينىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش ۋە خىتاينىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن خەلقئارا قائىدە تۈزۈملەرگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش كېرەكلىكىنى كۆرسەتكەن. خەلقئارا قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى ۋە سىياسىي ئانالىزچىلار خىتاينى دۇنياغا زومىگەر بولۇش ئۈچۈن مۇستەبىت خەلقئارا قانۇننى تەشەببۇس قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ نەزەرىيەۋى ژۇرنىلى بولغان «ئىزدىنىش» تا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «يەر شارىنىڭ تەسىرى تالىشىش كۈرىشى ھازىر ‹سىستېما، قائىدە ۋە قانۇن› دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلماقتا. قائىدىنى ئاساس قىلغان باشقۇرۇش خىتاينىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقتى. بىز بۇ خەلقئارا قائىدىلەرنى بەلگىلەش، چۈشەندۈرۈش ۋە قوللىنىشتىن تارتىپ، خەلقئارا قائىدە تۈزۈشنىڭ ھەر بىر باسقۇچىغا قاتنىشىشنى كۈچەيتىپ، خىتاينىڭ ئەمەلىيىتىنىڭ خەلقئارانىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىمىز».

خىتاينىڭ نۆۋەتتە «ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقى»، «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت»، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ۋەھشىيلىك جىنايى قىلمىشلىرىنى سادىر قىلغۇچىلارنى قوللاش، ئۆزىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى يوشۇرۇش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ ئەھۋالدا خىتاي نېمە ئۈچۈن خەلقئارا قائىدە تۈزۈملەرگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ؟ بۇ تەشەببۇسنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدە نېمىلەر بار؟ خىتاي بۇ ئارقىلىق نېمە مەقسەتكە يەتمەكچى؟

ئەنگلىيەلىك خەلقئارا قانۇن ئادۋوكاتى مايكول پولاك (Michael Polak) يۇقىرىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ، بۇ ھەقتە كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«كوممۇنىست خىتاي دۆلىتى خەلقئارا قانۇن پىرىنسىپلىرىغا بويسۇنماسلىق ئۈچۈن كۈچىنىڭ بارىچە تىرىشىۋاتىدۇ. ھەتتا خىتاي ئۆزلىرى قوشۇلغان خەلقئارالىق شەرتنامىلەر ۋە خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلدى. بولۇپمۇ دېڭىز ھوقۇقى سوتنىڭ جەنۇبىي دېڭىزغا قارىتا بەرگەن قارارىغا مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا ھوقۇققا بويسۇنمىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلىتىنىڭ چېگراسى سىرتىدا كۈچ ۋە قۇۋۋەتلىرى (ئەسكىرى كۈچى) ئارقىلىق سىياسىي نىشانغا يېتىش، باشقا دۆلەتلەرنىڭ قارار چىقىرىشىغا تەسىر كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئۇ، بۇلارنى قىلغاندا پائالىيەتلىرىنىڭ قانۇن تەرىپىدىن كونترول قىلىنىشىنى خالىمايدۇ. خىتاي دۆلىتى بۇ ئاساستا قۇرۇلغان. قانداقسىغا خەلقئارا قانۇنلار تەرىپىدىن كونترول قىلىشنى خالىمىغان ۋە خەلقئارا قانۇنلارنى ھۆرمەت قىلمىغان بىر دۆلەتنىڭ خەلقئارا قانۇنلارنى ئۆزگەرتىش سالاھىيىتى بولسۇن؟».

شاڭخەي جياۋتۇڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى جېڭ جىخۇا «جەنۇبى خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتى (The South China Morning Post) گە خىتاينىڭ خەلقئارا قانۇن تۈزۈمنى ئۆزگەرتىش تەشەببۇس ھەققىدە كۆز قارشىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېگەن: «خىتاي خەلقئارادىكى ‹تەسىر دائىرىسى› ۋە ‹يۇمشاق كۈچنى كۈچەيتىش› ئېھتىياجى تۈپەيلى خەلقئارا قانۇن تۈزۈمنى ‹كۈچەيتىش› نى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ».

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات رەيھان ئەسئەت (Rayhan Asat) رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ تۈزۈمى، قانۇنلىرى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك مەقسەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان شەكىلدە لايىھەلەنگەن. ئۇ خىتاي خەلقئارا قانۇننى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئۆزگەرتمەكچى بولغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتى مۇستەبىت خەلقئارا قانۇن ئۇقۇمىغا مىسال بولالايدۇ. ھازىرقى خەلقئارا شارائىتتا، خىتايغا ئوخشاش دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتلەر خەلقئارا قانۇننى دېموكراتىك بولمىغان يۆنىلىشكە ئىتتىرىپ، مۇستەبىت ھاكىمىيەتلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇۋاتىدۇ. خىتاينىڭ باشقا مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرگە ئوخشىمايدىغان يېرى، ئۇ، باشقىلارغا قوبۇل قىلغۇزۇش ئۈچۈن مۇستەبىت قائىدىلەرنى ئاكتىپ تەشەببۇس قىلغۇچى ۋە ئۆزگىچە ‹ئىجتىمائىي قائىدە ئۆزگەرتكۈچى› دۇر. خىتاي خەلقئارا قانۇننى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن ‹ئېغىز كۈچى›، (discursive power) يەنى يۇمشاق كۈچ ئۇقۇمىنى ئىشلىتىۋاتىدۇ. باشقىلارنىڭ كىملىك ۋە دۇنيا قارىشىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. بۇ ھادىسە مۇستەبىت خەلقئارا قانۇن دەپ ئاتىلىدۇ. خىتاينىڭ تۈزۈمى، قانۇنلارنى ھاكىمىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك مەقسەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان شەكىلدە لايىھەلەنگەن بولۇپ، ئۇ زۇلۇمنى قانۇنلاشتۇرىدۇ. خىتاي ئۇتتۇرىغا قويغان بۇ ‹خەلقئارا سىستېما ۋە قانۇن رامكىسى-دۇنياۋى رىقابەتنىڭ يېڭى جەڭ مەيدانى› دېگەن تەشەببۇسقا دىققەت قىلىشمىز كېرەك. خىتاينىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ۋەھشىيلىك جىنايى قىلمىشلىرىنى سادىر قىلغۇچىلارنى قوللىشى بىلەن بىرگە، خەلقئارا قانۇننى ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى يوشۇرۇشقا ئىشلىتىش ئۇرۇنۇشىغا ھەممىمىز كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرەك».

مەزكۇر ماقالىدە، ھازىر مەۋجۇت بولغان خەلقئارا قائىدە تۈزۈملەرنىڭ قارشىلىشىش ۋە بۆلۈنۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى، شۇنداقلا غەربنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، خەلقئارا قائىدە تۈزۈملەرگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش تەشەببۇس قىلىنغان. بۇنىڭدا يەنە خەلقئارا قائىدە تۈزۈملەرگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنى قوغدايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى، دوكتور ئاندېرس كور (Anders Corr) يۇقىرىدىكى خىتاينىڭ مەۋجۇت خەلقئارا قانۇندىكى غەربنىڭ ئۈستۈنلۈكىگە قارشى تۇرۇش ۋە خەلقئارا قائىدە تۈزۈملەرگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ھەققىدىكى پىكىرلىرىگە رەددىيە بېرىپ مۇنداق دېدى:

«بۇ ئۇلارنىڭ (خىتاي) ساختىپەزلىكىنى ھەقىقىي گەۋدىلەندۈرىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن بىر سىستېمىنى، باشقىلار ئۈچۈن يەنە بىر سىستېمىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، خىتاي ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىدىكى باشقا ئەزا دۆلەتلەرگە ئوخشاش ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە. ئۇلارنىڭ رەت قىلىش ھوقۇقى بار ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ يوق. توغرا. ھەممە دۆلەتلەر باراۋەر ئەمەس. ھازىر خىتاي ئۆزىنىڭ پەۋقۇلئاددە دەرىجىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. خىتاي خەلقئارا قانۇننىڭ ئۆزىگە ماس كېلىدىغان تەرەپلەرنى قوبۇل قىلىپ، ماس كەلمەيدىغان يەنى ئۆزلىرىگە پايدىسىز تەرەپلەرنى خالىمايدۇ. شۇڭا خىتاينىڭ قارىشىچە خەلقئارا قانۇن ئالدى بىلەن خىتاينىڭ زومىگەرلىك نىشانى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەك. خىتاي تىنچلىققا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. مېنىڭچە، خىتاي رۇسىيە، ئىران، تالىبان ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تېررورچىلارغا ئوخشاش ئۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ. خىتاي بۇ گۇرۇپپىلارنى قوللاۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ پەقەت تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئۈچۈنلا ئەمەس. خىتاي زومىگەرلىك نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن نۇرغۇن زوراۋانلىق، نۇرغۇن ھەربىي زوراۋانلىق، دۆلەت زوراۋانلىقى ۋە دۆلەت تېررورلۇقنى ئىشلىتىشنى خالايدۇ».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.