خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى نېمە ئۈچۈن NED ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا ھۇجۇم قىلىدۇ؟

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شادىيە تەييارلىدى
2024.08.15
ئامېرىكا باشلىق غەربنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىشى تېررورىزمنى قوللىغانلىقمۇ؟ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلماقتا. 2020-يىلى 8-ئاپرېل، بېيجىڭ.
AFP

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يېقىندا ئۆزىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا، «ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتى» (NED) نى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «يەڭ ئىچىدىكى قولى» دەپ ئەيىبلىگەن. دوكلاتتا يەنە، (NED) نى «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» قاتارلىق چەت ئەللەردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا ماددىي ياردەمدە بولۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ «خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئەيىبلىشىنى قوللىغان ھەمدە ئۇلارنىڭ بۆلگۈنچىلىكى ۋە قارشىلىشىشنى قوزغاپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان» دېگەنلەر ئېيتىلغان.

9-ئاۋغۇست ئېلان قىلىنغان «ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتى: ئۇ نېمە ۋە نېمە قىلىدۇ؟» ناملىق بۇ دوكلاتتا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى «ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتى» (NED) نى «ئۇزۇندىن بۇيان دېموكراتىيە بايرىقى ئاستىدا، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش، ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش، بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان» دېگەن. مەزكۇر دوكلاتتا بۇ ھەقتە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان؛ «ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتى ئۆزىنى چەت ئەلدىكى دېموكراتىيەنى قوللايدىغان ئاممىۋى تەشكىلات دەپ قارايدۇ. ئەمما ئەمەلىيەتتە، ئۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئاغدۇرمىچىلىق، سىڭىپ كىرىش ۋە بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارىدىغان ‹يەڭ ئىچىدىكى قولى› بولۇش رولىنى ئوينايدۇ. ئۇ يەنە، ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ مەخپىي ھەرىكىتىنى يولغا قويغۇچى ئورگان بولۇپ، ئۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان. NED ئۈچۈن مەبلەغ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن كېلىدۇ. NED نىڭ پىروگراممىلىرى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە چەت ئەلدىكى ئەلچىخانىلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. NED ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە دوكلات قىلىدۇ ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش ۋە نازارەتچىلىكىدە خىزمەت ئېلىپ بارىدۇ. NED 1983-يىلى قۇرۇلغان ھەمدە ئۇنىڭ كۈچى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان. ئۇنىڭ مەقسەتلىرىنىڭ بىرى، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتى ۋە دېموكراتىك گۇرۇپپىلارنىڭ كونكرېت ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان شەكىلدە دېموكراتىك ھەرىكەتنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىشتۇر.»

رادىيومىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن «ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتى» بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى قارىشىنى سورىغىنىمىزدا، مەزكۇر فوندى جەمئىيەتنىڭ ئاخبارات-ئالاقە ئىشلىرى كاتىپى كارولىين ستېۋارت (Carolyn Stewart) خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەزكۇر دوكلاتىغا قارىتا ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

لېكىن، «ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتى» نىڭ قوللىشىغا ئېرىشىۋاتقان ئۇيغۇر تەشىكىلاتى-دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىلىي خىزمەتلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى خىتاينىڭ ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتىگە قاراتقان ئەيىبلەش ھۇجۇمىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۆز قاراشلىرىنى ئورتاقلاشتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، مۇستەبىت خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى مەيلى خەلقئارالىق سەھنىلەردە بولسۇن، مەيلى ئۆزىنىڭ بارلىق مەتبۇئاتلىرىدا بولسۇن، NED ۋە باشقا خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى، يەنى ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىۋاتقان ۋە ئۇلارغا ماددىي ھەم مەنىۋى جەھەتتىن تۈرلۈك ياردەملەردە بولۇۋاتقان بۇ تەشكىلاتلارنى ئۆزىنىڭ دۈشمەن كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈپ، ئۇلارغا ئىزچىل ھالدا قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىكەن.

پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ NED نى ئەيىبلىشى ۋە چىشلەپ تارتىشىنىڭ بۇ تۇنجى قېتىم ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2005-يىلىدىن بۇيان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ياردەم قىلىۋاتقان NED ئىزچىل تۈردە كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئۇ، مۇنۇلارنى دېدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى NED، يەنى، ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتى ھەققىدە يەنە مۇنۇلارنى ئېيتقان؛ «NED چەت ئەللەردە رەڭلىك ئىنقىلاب قوزغاش ۋە دۆلەتنىڭ كۈچىنى ئاغدۇرۇش، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ئۈچۈن ھەر خىل كۈچلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش، بۆلۈنۈش ۋە قارشىلىشىشنى قوزغاپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋە جامائەت پىكرىنى قايمۇقتۇرۇش ئۈچۈن يالغان ئۇچۇر ياساش، ‹ئىلمىي پائالىيەت› نامىدا باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ۋە سىڭىپ كىرىش بىلەن شۇغۇللانغان.»

مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى روشەن ئابباس بۇ ھەقتىكى ئىنكاسىدا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ NED ھەققىدىكى بۇ دوكلاتىدىن، NED نىڭ خىتاي دۆلىتىدەك بىر مۇستەبىت كۈچكە قارشى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى قوللىشىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جان-جېنىغا تېگىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەزكۇر دوكلاتىدا، چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنىپ، بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلگەن؛ «NED خىتايغا قارشى تەشكىلات ‹دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى› نى ئۇزۇن مۇددەت يىللىق ئوتتۇرىچە مەبلەغ 5 مىليوندىن 6 مىليون دوللارغىچە قوللاپ كەلدى. 2024-يىلى 3-ئايدا NED ‹دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى› رەھبەرلىرىنى يىغىندا نۇتۇق سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىپ خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئەيىبلىدى. NED ‹شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەمكارلىق جەمئىيىتى› نىڭ رەھبىرى ھىدايىتۇللا ئۇغۇزخاننى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىدى ۋە ئۇنىڭغا خىتايغا قارشى يىغىلىشلارنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت پەيدا قىلدى. NED يەنە ‹شەرقىي تۈركىستان› تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى روشەن ئابباسنى تۈركىيەگە ئەۋەتىپ، ‹شەرقىي تۈركىستان› گۇرۇھلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرگۈزۈپ، قالايمىقانچىلىق تۇغدۇردى».

روشەن ئابباس خانىم بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى توغرۇلۇق ئېيتىلغان بايانلىرىغا قارىتا ئۆز قارىشىنى ئىپادىلەپ ئۆتتى.

پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى خىتاينىڭ بۇ دوكلاتىدا ئېيتىلغان سۆزلىرىنى «پۈتۈنلەي ئۆكتەملەرچە ئەيىبلەش» دېدى.

 «ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتى: ئۇ نېمە ۋە نېمە قىلىدۇ؟» ناملىق بۇ دوكلاتتا يەنە تەيۋەن، خوڭكوڭ، تىبەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرى تىلغا ئېلىنغان ھەمدە NED نىڭ مەزكۇر خىتايغا قارشى كۈچلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى قوللاپ، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلغانلىقى بايان قىلىنغان.

روشەن ئابباس خانىم بۇ ھەقتىكى ئىنكاسىدا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئېلان قىلغان بۇ تۈردىكى دوكلاتلىرىنىڭ خەلقئارادا ھېچقانداق تەسىر كۈچ پەيدا قىلالمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇ توغرۇلۇق ئۆز پىكرىنى بايان قىلدى.

روشەن ئابباس ۋە پەرھات مۇھەممىدىنىڭ قارىشىچە، «ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتى» (NED) دۇنيادىكى تىنچلىق، باراۋەرلىك، دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچىلارنى ئىزچىل تۈردە قوللاپ، ئۇلارغا ماددىي ياردەمدە بولۇپ كېلىۋاتقان دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرگۈچى بىر فوندى جەمئىيەت بولۇپ، ئەلۋەتتە ئۇ، خىتايدەك بىر پارتىيە مۇتلەق ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان مۇستەبىت ھۆكۈمەتلەرگە ياقماسلىقى، بەلكى ئۇلارنىڭ ئەيىبلەش، تۆھمەت قىلىش نىشانى بولۇشى تەبىئىي ئەھۋالدۇر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.