ياپونىيە NHK قانىلىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى توغرىلىق ئىشلىگەن ۋىدىيولۇق خەۋىرى بەس-مۇنازىرە قوزغىماقتا

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شادىيە تەييارلىدى
2024.07.10
NHK-Uyghur-urumchi-saqchi ئۈرۈمچىدە كوچا چارلاۋاتقان ساقچىلار.
nhk.or.jp/screenshot

ياپونىيە NHK خەلقئارا خەۋەر تورىنىڭ 5-ئىيۇل كۈنىدىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، NHK خەۋەر گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىنكى نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەخسۇس زىيارەت ئېلىپ بارغان. NHK نىڭ مۇخبىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ قېتىملىق تەسىراتلىرى ھەققىدە توختالغاندا، نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «يەتتە يىلدىن بۇيان رايوندا ھېچقانداق تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرمىگەنلىكى» نى تەكىتلىشىنىڭ ماھىيەتتە ئۇلارنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق سىياسىتىنىڭ نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

NHK نىڭ مەزكۇر ۋىدىيولۇق خەۋىرىدە، مۇخبىرنىڭ «مەسچىتلەر نېمىشقا يوقىلىپ كەتتى؟» دەپ سورالغان سوئالىغا بىرەيلەننىڭ ئاۋازى ئۆزگەرتىلىپ، سىماسى كۆرۈنمىگەن ھالەتتە، «كىشىلەر ئەمدى دىنغا ئىشەنمەيدۇ. كوممۇنىستلار دىندار ئەمەس. چۈنكى ئۇلار ماركسىزمچى. سىز بۇ يەردە ئەمەس، ساياھەت نۇقتىلىرىغا بېرىشىڭىز كېرەك.» دەپ جاۋاب بېرىشى، دىققەت تارتىدىغان نۇقتىلارنىڭ بىرىدۇر. NHK نىڭ بۇ ھەقتىكى مەخسۇس ۋىدىيولۇق خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلى، جۈملىدىن مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتىدا تىپىك ئۆزگىرىشلەر بولغان. مەزكۇر ۋىدىيولۇق خەۋەردە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نۆۋەتتىكى شەھەر قىياپىتىنى تەسۋىرلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن: «2009-يىلى مىللەتلەر ئارىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ يارقىن نۇقتىسى بولغان ئۈرۈمچىدىكى كوچىلار بۈگۈنكى كۈندە كوممۇنىست پارتىيەنىڭ شوئارى ۋە ئېلېكتىرونلۇق ئېلان تاختىلىرى بىلەن ئورالغان بولۇپ، يولدىن ئۆتكەن پىيادىلەرنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشقا ۋە بىرلىكتە تىنچلىق ئورنىتىشقا چاقىرغان. بىزنىڭ توققۇز يىل ئىلگىرى سۈرەتكە ئېلىنغان كۆرۈنۈشلەردە دوستانە ۋە قىزغىن كەيپىياتتىكى ئەرلەر ساقال-بۇرۇت قويسا، ئاياللار لېچەك-ياغلىق ئارتقانىدى. ئەمما خىزمەت ئەترىتىمىز بۇ قېتىم ساقال-بۇرۇت ئەرلەر بىلەن لېچەك-ياغلىقلىق ئاياللارنى كۆرمىدى. 2017-يىلى شىنجاڭ دائىرىلىرى ئاممىۋى سورۇنلاردا ئۇزۇن ساقال قويۇش ۋە ياغلىق ئارتىشنى چەكلەپ، ئۇلارنىڭ ئاشقۇنلۇقنىڭ ئالامىتى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان نۇرغۇن رايونلاردىكى مەسچىتلەر غايىب بولغان بولۇپ، ئىلگىرى مەسچىت بولغان يەردە ھازىر كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ شوئارى يېزىلغان ئابىدىلەر مەيدانغا كەلگەن. »

خوتەندىكى ئىلگىرىكى مەسچىتنىڭ ئورنىغا تىكلەنگەن تەشۋىقات تاختىسى
خوتەندىكى ئىلگىرىكى مەسچىتنىڭ ئورنىغا تىكلەنگەن تەشۋىقات تاختىسى
nhk.or.jp/screenshot

ياپونىيەدىكى شىزۇكا ئۇنىۋېرسىتېتى (Shizuoka University) ئىنسانشۇناسلىق ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر فاكۇلتېتىنىڭ پىروفېسسورى، موڭغۇل تەتقىقاتچى، موڭغۇل تارىخى بويىچە مۇتەخەسسىس ئوخنوس چوگتۇ (ياڭ خەييىڭ) ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، 80-يىللاردىن باشلاپ NHK تېلېۋىزىيە قانىلى «يىپەك يولى» قاتارلىق تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرى ئارقىلىق خىتاي-ياپونىيە دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىدە ھالقىلىق رول ئويناپ كەلگەن. NHK خەلقئارا خەۋەر تورىنىڭ 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىنكى نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە مەخسۇس زىيارەت ئېلىپ بېرىشى ماھىيەتتە، خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تاشقى دۇنياغا قاراتقان ئاتالمىش «شىنجاڭ ھېكايىسىنى سۆزلەش»، «شىنجاڭ ياخشى جاي» نامىدا كەڭ-كۆلەملىك قانات يايدۇرۇۋاتقان سىياسىي تەشۋىقاتلىرىغا ئۇلارنىمۇ ئىشتىراك قىلدۇرغانلىقىنىڭ نامايەندىسىدۇر. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، NHK نىڭ مەزكۇر پىروگراممىسى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغان «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىنكى خىتاينىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان «يۇمشاق ۋە قاتتىق سىياسەت» لىرىنىڭ «ئۈنۈم» كۆرسەتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى ھېسابلىنىدىكەن:

 «بۇ يەردە يەنىلا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ گۈزەل، بەختىيار، مۇقىم، تىنچ ‹شىنجاڭ› نى بەرپا قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. سوغۇققانلىق بىلەن تەھلىل قىلغاندا، ئۇلار تاشقى كۆرۈنۈش ۋە شەكىلۋازلىق ئارقىلىق، رايوندىكى ئاتالمىش تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشلەرنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما رايوندىكى ئۇيغۇر مىللىتىنى باستۇرۇشنى ئۇزۇندىن بۇيان پىلانلاپ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن بىر ‹باھانە ۋە پۇرسەت› كە ئايلانغان. 5-ئىيۇل كۈنىدىكى نامايىش ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى پۈتكۈل ئۇيغۇر ۋە يەرلىك تۈركىي مىللەتلەرگە قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئېلىپ بېرىشىدىكى زور بۆسۈش نۇقتىسىغا ئۆزگەرگەن بىر قانلىق باستۇرۇشتۇر. شۇڭا مېنىڭچە ياپونىيە ۋە ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيارەتلىرىنىڭ ھەممىسى خىتاي تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن ۋە بۇ مۇخبىرلارنىڭ ھەممىسى شۇ يەردىكى خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى ۋە شىنخۇا ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن يېتەكلىنىپ ئېلىپ بېرىلغان زىيارەتلەردۇر.»

مەزكۇر خەۋەردە، رايوندا زىيارەتتە بولغان خىزمەت ئەترىتىنىڭ قەشقەردىن ماشىنا ھەيدەپ قايتىش سەپىرىدە، ئۆزلىرىنىڭ غايەت چوڭ بىر ئىمارەت ۋە ئەسلىھەگە يېقىنلاشقىنىنى تىلغا ئالغان. ئاۋسترالىيە ئاقىللار ئامبىرى (ASPI) بۇ ئىمارەتنىڭ 2020-يىلى قۇرۇلغانلىقىنى ئېيتقان بولۇپ، ئۇنىڭ سۈنئىي ھەمراھ سۈرەت تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى ئىكەنلىكىنى شەرھلىگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇ ئەسلىھەلەرنىڭ «ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش» ئۈچۈن مائارىپ بىلەن تەربىيەلەش مەركىزىگە ئۇچۇر تەمىنلەيدىغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىدا تاماملانغانلىقىنى تىلغا ئالغان. تىكەنلىك سىم بىلەن قورشالغان بىرقانچە بىنالار ئون مېتىر ئېگىزلىكتىكى بېتون تام ئىچىدە بولۇپ، ئەتراپىدا قاراۋۇل بارلىقى، ئېنىقلاش نەتىجىسىدە بۇ ئەسلىھەنىڭ يەنىلا قوللىنىلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن. مەزكۇر خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «قانداقلا بولمىسۇن، شىنجاڭدىكى ھەر قايسى ناھىيەلەردە يەنىلا غايەت زور مەدەنىيەت ئۇل ئەسلىھەلىرى بار بولۇپ، ئونمىڭلىغان، ھەتتا يۈز مىڭلىغان كىشىلەرگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. تۇتۇلغانلارنىڭ سانى ۋە ئۇلارنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان شارائىتى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. بۇ بەكمۇ قورقۇنچلۇق.»

ياپونىيەدە ياشاۋاتقان پەلسەپە پەنلىرى دوكتورى، پەلسەپە تەتقىقاتچىسى مۇختەرجان ئابدۇراخماننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيە ئاخبارات ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تىلغا ئېلىنىشى، ياپونىيە ئاۋام خەلقىنىڭ جامائەت پىكرىنى مەلۇم يۆنىلىشكە باشلاشتا مۇھىم رول ئوينايدىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، نىسپىي سولچىل دەپ قارىلىۋاتقان ئاخبارات ئورگىنى NHK ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە بىر قىسىم خەۋەر ۋە پىروگراممىلارنى تارقاتقان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىيە جەھەتتىكى زىچ ئالاقە مۇناسىۋىتى تۈپەيلىدىن ياپونىيە ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىشى يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس ئىكەن.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى ئىلھام مەخمۇتنىڭ قارىشىچە، NHK خەلقئارا خەۋەر تورىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىنكى نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە تارقاتقان مەخسۇس زىيارەت خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ مەھسۇلى بولغان قانلىق قىرغىنچىلىق «توپىلاڭ» دەپ شەرھلەنگەن بولۇپ، بۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ «توپىلاڭچى» قىلىپ كۆرسىتىلىشى، كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدىكەن.

بۇ قېتىملىق مەخسۇس خەۋەردە ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەتتە بولغان مۇخبىرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي دائىرىلەرنىڭ ئالتە يىل ئىلگىرى ئۆزىنىڭ كۆرگەن ۋاقىتتىكى جەمئىيەتكە سېلىشتۇرغاندا بەزى پەرقلىق ئۆزگىرىشلەرنى كۆرگەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ سۆزىدە، ئۈرۈمچىدە خىتاينىڭ باشقا جايلىرىغا ئوخشاش سېلىنغان ئېگىز بىنالاردا دۇكان بەلگىسىگە خىتايچە خەت ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى، كۆپچىلىكنىڭ غەربچە كىيىملەرنى كىيىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. بۇ مۇخبىرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالتە يىل ئىلگىرى بىنالارنىڭ كىرىش ئېغىزى، پىيادىلەر يولى ھەتتا يوللاردىمۇ كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان ساقچى ۋە تەكشۈرۈش پونكىتلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ۋە بۇ تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى خىتاي دائىرىلەرنىڭ بۇ رايوننىڭ تىنچلانغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى شەرھلىگەن.

ئوخنوس چوگتۇ (ياڭ خەييىڭ) ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، گەرچە خەۋەردە ئېيتىلغاندەك ھازىر ساقچى ۋە تەكشۈرۈش پونكىتلىرى ئېلىۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ باشقا خىل شەكىلدە تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقى ۋە تېخىمۇ يۇقىرى تېخنىكىلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق رايوندىكى پۇقرالارنىڭ يەنىلا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قاتتىق نازارەت ۋە كونترول ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىقى ئېھتىماللىقتىن يىراق ئەمەس ئىكەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەربىي رايوندىكى يەرلىك مىللەتلەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشى ھېچ بىر زامان توختاپ قالغىنى يوق:

 «خىتاي دائىرىلىرى زوراۋانلىقىنى يەنە داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن بىز، يەنى ئۇيغۇر، موڭغۇل، تىبەتلەر ئەڭ چوڭ خەۋپ ھېسابلىنىمىز. ھالبۇكى، بىز بۇ ئۈچ مىللەت ئۆز دۆلىتىمىز ئۈچۈن ئازراق بەدەل تۆلىشىمىز ۋە بەزى قۇربانلىقلارنى بېرىشىمىز زۆرۈر. ئەمما خىتاينىڭ بىزنى يوقىتىۋېتەلىشى مۇمكىن بولمايدىغان ئىش. ئۇ بىزنى ھەرگىز ھالاك قىلالمايدۇ. ھازىر دەۋر ئوخشىمايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى يۇمشاق ۋە قاتتىق سىياسەتلەر ئارقىلىق بىر تەرەپتىن ئۆلتۈرۈلۈش كېرەك دەپ قارىغانلارنى تۈرمىدە تۇتۇپ ئۆلتۈرۈپ بولدى. ئەمدىلىكتە بىر قىسىم مەغلۇبىيەتچىلەرنى، بىر قەدەر ئاجىز كىشىلەرنى ياكى تەسلىم بولۇشقا مەجبۇر بولغان كىشىلەردىن پايدىلىنىۋاتىدۇ. گەرچە سىياسىي تەشۋىقات ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتكە <ئويۇن> كۆرسەتكەن تەقدىردىمۇ، ئەمما ھېچكىمنىڭ ئۇنىڭغا ئىچ-ئىچىدىن قايىل بولمايدىغىنى ئېنىق. ھالبۇكى، بۇ يەردە ھەر زامان يېڭى بىر ئۇچقۇن، يېڭى بىر پارتلاش مەۋجۇتتۇر. »

ئىلھام مەخمۇت زىيارىتىمىز داۋامىدا نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ياپونىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە تارقاتقان ئۇچۇر-خەۋەرلىرىگە سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى، ئالدىراپ ھاياجانلانماسلىقنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ يەنە ھەر زامان بۇ خىل تەشۋىقاتلارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىگە يوشۇرۇنغان سىياسىي غەرەزلەرگە ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىش زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتتى.

دەرۋەقە، ياپونىيە NHK خەلقئارا خەۋەر تورىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بۇ مەخسۇس ۋىدىيولۇق زىيارىتىگە قارىتا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلەر ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر تۈرلۈك قاراشلاردا بولماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.