«ماسكىنىڭ ئارقىسىدا» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم بېرگىن فىلىم فېستىۋالىدا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەنقەرەدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تەييارلىدى
2024.10.25
abduweli-ayup-niqabning-arqisida-1 نورۋېگىيەنىڭ بېرگىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق قىسقا فىلىم فېستىۋالىدا ئۇيغۇر زىيالىيسى ۋە سىياسىي پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى سۆزلىمەكتە. 2024-يىلى ئۆكتەبىر، بېرگىن نورۋېگىيە.
RFA/Erkin Tarim

«ماسكىنىڭ ئارقىسىدا» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمى نورۋېگىيەنىڭ بېرگىن شەھىرىدە 16-ئۆكتەبىردىن 24-ئۆكتەبىرگىچە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق قىسقا فىلىم فېستىۋالىدا «ياخشى فىلىم» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

«ماسكىنىڭ ئارقىسىدا» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم نورۋېگىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىيسى ۋە سىياسىي پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىنىڭ پائالىيىتىنى ئاساس قىلغان.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ قەشقەردە ئانا تىل مەكتىپى ئاچقانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلۇپ، 2013-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە تۈرمىدە ياتقان. ئۇ، چەت ئەلگە چىققاندىن كېيىن تۈرمىدە ئۇچرىغان قىيىن-قىستاقلار ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرى ھەققىدە كۆپ قېتىم گۇۋاھلىق بەرگەنىدى.

«ماسكىنىڭ ئارقىسىدا» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدا ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى 2022-يىلى5-ئايدا گېرمانىيەگە بېرىپ، گېرمانىيەدە پاناھلىق تىلەپ تۇرۇۋاتقان، ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارنى تۇتۇش ۋە قىيناپ سوراق قىلىشقا بىۋاسىتە قاتناشقان سابىق خىتاي ساقچىسى بىلەن كۆرۈشۈپ، مەزكۇر خىتاي ساقچىدىن تۈرمىدىكى قىيىن-قىستاقلار ۋە ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتۇش سىياسىتىنىڭ يۈرگۈزۈلۈشى ھەققىدە سوئال سورىغانلىقى، سابىق خىتاي ساقچىسى بىلەن يۈزلىشىشى ۋە بۇ جەرياندا ئىچكى دۇنياسىدا يۈز بەرگەن كەسكىن توقۇنۇشلار باش تېما قىلىنغان. «ماسكىنىڭ ئارقىسىدا» ناملىق مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىم كۆپ قېتىم كۆرسىتىلگەندىن كېيىن بۇ نۆۋەت نورۋېگىيەنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى بېرگىندە ئۆتكۈزۈلگەن ئەڭ چوڭ ھۆججەتلىك فىلىم فېستىۋالىدا مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

«ماسكىنىڭ ئارقىسىدا» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمى نورۋېگىيەنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھرى بەرگەندە ئۆتكۈزۈلگەن ئەڭ چوڭ ھۆججەتلىك فىلىم فېستىۋالىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 2024-يىلى ئۆكتەبىر، بېرگىن نورۋېگىيە.
«ماسكىنىڭ ئارقىسىدا» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمى نورۋېگىيەنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھرى بەرگەندە ئۆتكۈزۈلگەن ئەڭ چوڭ ھۆججەتلىك فىلىم فېستىۋالىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 2024-يىلى ئۆكتەبىر، بېرگىن نورۋېگىيە.
RFA/Erkin Tarim

ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئۆزىنىڭ تۈرمىدە ساقچى فورمىسى كىيگەن خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قاتتىق قىيناپ سوراق قىلىشلىرىغا ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن، تۈرمە سىرتىدا، يەنى چەت ئەلدە خىتاي ساقچىسى بىلەن يۈزلىشىشنىڭ ناھايىتى قىيىنغا توختىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى مەزكۇر فىلىمنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشى مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ فىلىم ئالدى بىلەن 2023-يىلى 11-ئايدا ئامېرىكانىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئەڭ چوڭ ھۆججەتلىك فىلىم فېستىۋالىدا قويۇلۇپ، ناھايىتى ياخشى باھاغا ئېرىشكەنىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ياۋروپادىكى باشقا ھۆججەتلىك فىلىم فېستىۋالىدىمۇ قويۇلدى. يەنە ترومسودا، ئوسلو ۋە تروندخەئىم شەھەرلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن فىلىم فېستىۋاللىرىدا قويۇلدى. بۇ قېتىم نورۋېگىيەنىڭ بېرگىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن فىلىم فېستىۋالىدا قويۇلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە بېرگىندىكىسى بەك داغدۇغىلىق بولدى. فىلىم بىرىنچىدىن، كىشىلەرنىڭ زور دىققىتىنى قوزغىدى. ئىككىنچىدىن، بېلىتى ئەڭ بۇرۇن سېتىلىپ بولغان فىلىم بولدى. مەسىلەن 3 مەيدان قويۇلدى. ئۈچ مەيداننىڭ ھەممىسىدە بېلەت ئالدىن سېتىلىپ بولۇنۇپ يېتىشمەيدىغان ئەھۋال كۆرۈلدى. مىڭ كىشىلىك چوڭ زالغا ئادەم سىغمىدى. نەتىجىدە، ‹ماسكىنىڭ ئارقىسىدا› ناملىق مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىم بۇ قېتىملىق خەلقئارالىق فىلىم فېستىۋالىدا مۇكاپاتقا ئېرىشتى.»

«ماسكىنىڭ ئارقىسىدا» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمى نورۋېگىيەنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھرى بەرگەندە ئۆتكۈزۈلگەن ئەڭ چوڭ ھۆججەتلىك فىلىم فېستىۋالىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 2024-يىلى ئۆكتەبىر، بېرگىن نورۋېگىيە.
«ماسكىنىڭ ئارقىسىدا» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمى نورۋېگىيەنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھرى بەرگەندە ئۆتكۈزۈلگەن ئەڭ چوڭ ھۆججەتلىك فىلىم فېستىۋالىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 2024-يىلى ئۆكتەبىر، بېرگىن نورۋېگىيە.
RFA/Erkin Tarim

«ماسكىنىڭ ئارقىسىدا» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى چەت ئەللەردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىمۇ كۆرگەن بولۇپ، ئەنە شۇلارنىڭ بىرى ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىيسى سەمەت ئاۋۇت ئەپەندىدۇر. ئۇ، فىلىمنىڭ ناھايىتى ياخشى فىلىم ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى خەلقئاراغا قوبۇل قىلدۇرۇش ئۈچۈن زور رول ئوينايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بىز مەزكۇر فىلىمنى ئىشلىگۈچى خاۋارد بۇستنەسنىڭ پىكىر قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە ئورنىتىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، لېكىن ئىمكانىيەتكە ئېرىشەلمىدۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.