بېرلىندىكى «نومۇس تۈۋرۈكى» نى تىكلەش مۇراسىمىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلدى
2023.05.23

گېرمانىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «سۈرەتلەر» گېزىتىنىڭ 23-مايدىكى «خىتاي بۇ تۈۋرۈكتىن قورقىدۇ» ناملىق خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ھاكىمىيىتى 2021-يىلى مۇسادىرە قىلغان خوڭكوڭدىكى «نومۇس تۈۋرۈكى» نىڭ تەقلىدىي نۇسخىسى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندىكى «ئاخىل سپرىنگېر ئاخبارات ۋە تېخنولوگىيە گۇرۇھى» نىڭ باش خىزمەت بىناسى ئالدىغا تىكلىگەن.
«نومۇس تۈۋرۈكى» نى گېرمانىيەگە تىكلەشنى «ئاخىل سپرىنگېر ئەركىنلىك فوندى» قارار قىلغان بولۇپ، د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 22-ماي ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا ئۇيغۇرلار، خوڭكوڭلۇقلار، تىبەتلىكلەر، تەيۋەنلىكلەر، يەرلىك كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئاخبارات ساھەسىنىڭ كۆپلىگەن خادىملىرى قاتناشقان.
«نومۇس تۈۋرۈكى» نى تىكلەش مۇراسىمى گېرمانىيەدىكى كۆپلىگەن ئاخبارات ساھەسىنىڭ دىققىتىنى تارتقان. 23-مايدىكى تۈرلۈك خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر تۈۋرۈك 1989-يىلىدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن دانىيەلىك ھەيكەلتىراش جىنس گالشىيوت تەرىپىدىن 1997-يىلى «نومۇس تۈۋرۈكى» دېگەن نامدا خوڭكوڭغا تىكلەنگەن. بۇ تۈۋرۈك شۇ زاماندىكى ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ ھاياتىدىن ئايرىلغان قەھرىمانلارنى ۋە ئۆز خەلقىنى رەھىمسىزلەرچە قىرغىن قىلغان خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ قانخورلۇقىنى خاتىرىلەشنى مەقسەت قىلغان. شۇ قېتىمقى تيەنئەنمېن مەيدانىدا يۈز بەرگەن قىرغىندا ئاز دېگەندە 300 دىن 3 مىڭغىچە ئوقۇغۇچى قانلىق باستۇرۇلغان. بۇ تۈۋرۈك تىكلەنگەن كۈنىدىن باشلاپ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ كۆزىگە قادالغان مىق بولۇپ كەلگەن. 27 يىلدىن بۇيان خوڭكوڭدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان «نومۇس تۈۋرۈكى» نى خىتاي ھاكىمىيىتى «دۆلەت خەۋپسىزلىك قانۇنى» نى خوڭكوڭدا يولغا قويغاندىن كېيىن، يەنى 2021-يىلى مۇسادىرە قىلغان.
بۇ قېتىمقى ھەيكەل تىكلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ نۇتۇق سۆزلىگۈچىلەر ئارىسىدىن د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندىمۇ ئورۇن ئالغان بولۇپ، ئۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، خىتاي كومپارتيەسى قوشۇنلىرى 1949-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنى بېسىۋالغاندىن تارتىپ تاكى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يولغا قويغىچە بولغان ئۇزۇن بىر دەۋردىكى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان باستۇرۇش جىنايەتلىرىنى پاش قىلىپ ئۆتكەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى پائالىيەت گېرمانىيەنىڭ غوللۇق مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ خەۋەر قىلىنغان.
تۈۋرۈك تىكلەش مۇراسىمى جەريانىدا ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەر «شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك»، «خوڭكوڭغا ئەركىنلىك!» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاپ نامايىش قىلغان.