نورۋېگىيە پارلامېنتىغا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدا تەكلىپ لايىھەسى سۇنۇلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2023.03.10
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
Rasmus-Hansson-norwegiye-parlament.jpg نورۋېگىيە يېشىللار پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى راسمۇس خانسون(Rasmus Hansson) ئەپەندى. 2014-يىلى فېۋرال.
wikipedia.org

نورۋېگىيە پارلامېنتىدا 8-مارت «دۇنيا ئاياللار بايرىمى» كۈنى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يەنە بىر قانۇن تەكلىپ لايىھەسى سۇنۇلغان. مەلۇم بولۇشىچە، نورۋېگىيە پارلامېنتىدىكى 4 ئۆكتىچى پارتىيەنىڭ 8 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى نورۋېگىيە پارلامېنتىغا سۇنغان قانۇن تەكلىپ لايىھەسىدە ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس تاشقى كومىتېت قۇرۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى خورلاشتا خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈشنىڭ قانۇنى ئاساسىنى ئېنىقلىشىنى، شۇنداقلا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئ‍الى كومىسسارىنىڭ «شىنجاڭ دوكلاتى» دىكى يەكۈنلەرنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ۋە ب د ت ئومۇمى قۇرۇلتىيىنىڭ كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ كېلىشى تەلەپ قىلىنغان.

نورۋېگىيە يېشىللار پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى راسمۇس خانسون تەرىپىدىن سۇنۇلغان قانۇن تەكلىپ لايىھەسى، ھازىرچە پارلامېنتتىكى 9 پارتىيەدىن 4 ئۆكتىچى پارتىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.

بۇ قانۇن تەكلىپ لايىھەسىنى قوللىغان پارلامېنت ئەزالىرى راسمۇس خانسوندىن سىرت، يېشىللار پارتىيەسىدىن يەنە لان مارىيە نيەن بېرگ، لىبېراللار پارتىيەسىدىن گۇرى مېلبى، ئولا ئەلۋېستۈيىن، سوتسىيال سول پارتىيەسىدىن ئىنگىرىد فىسكا، ئاندېرىس سيالىگ ئاننېلاند، قىزىللار پارتىيەسىدىن بيورنار موكسنېس ۋە خرىستىئان دېموكراتلار پارتىيەسىدىن داگ ئىنگە ئۇلستېيىنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

قانۇن تەكلىپ لايىھەسىدە «پارلامېنت ھۆكۈمەتنىڭ تاشقى كومىتېت قۇرۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شىنجاڭ ئۆلكىسىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە تۇتقان مۇئامىلىسى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنىڭ قانۇنى ئاساسى بار-يوقلۇقىنى ئ‍ايدىڭلاشتۇرۇشنى سورايدۇ» شۇنداقلا يەنە «پارلامېنت ھۆكۈمەتنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ دوكلاتىدىكى شىنجاڭ ۋەزىيىتىگە ئائىت يەكۈنلىرىنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ۋە ب د ت ئومۇمى يىغىنىغا ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ» دېيىلگەن.

نورۋېگىيەلىك سىياسىيون، يازغۇچى، يېشىللار پارتىيەسىنىڭ تاشقى ئىشلار باياناتچىسى كارل يوھانسوننىڭ ئېيتىشىچە، نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇپ، ھازىرغىچە ھېچقانداق ئەمىلى ھەرىكەتتە بولۇپ باقمىغان. ئۇ، بۇ تەكلىپ لايىھەسى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان قەبىھلىككە قارىتا ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنى ئېنىقلىما بېرىشىنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

كارل يوھانسون مۇنداق دەيدۇ: «نورۋېگىيە بۇنىڭغا قارىتا ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىشتىن باشقا ھېچقاچان رەسمىي مەيدانىنى بىلدۈرۈپ باقمىدى. ھەر قېتىم ‹ۋەزىيەتتىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز›دېيىشتىن باشقا ھېچقانداق گەپ قىلمىدى. شۇڭا، بىز ئۇنىڭ بۇنىڭغا قارىتا قانۇنى جەھەتتىن باھالاش ئ‍ېلىپ بېرىشكە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، شىنجاڭدا سادىر قىلىنىۋاتقان جىنايەتنىڭ خاراكتېرىنى بېكىتىشىنى تەلەپ قىلدۇق. مانا بۇ قانۇن تەكلىپ لايىھەسىدىكى 1-تەلەپ».

كارل يوھانسوننىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئۆتكەن يىلى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى ئۇششاق دۆلەتلەردىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسىنى رەت قىلدۇرۇۋەتكەن. كارل يۇھانسون، شۇڭا بۇ قانۇن تەكلىپ لايىھەسىدە نورۋېگىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە قايتا ئوتتۇرىغا قويۇشىنى، ئەگەر يەنە رەت قىلىنسا ب د ت ئومۇمى يىغىنىدا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

كارل يۇھانسون: «شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز قانۇن تەكلىپ لايىھەسىنىڭ 2-پاراگراپىدا نورۋېگىيەنىڭ ئ‍ۆز ئالدىغا شەخسى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىپ، بىزنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن بىرگە بۇ مەسىلىنى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە قايتا ئوتتۇرىغا قويۇشنى، ئەگەر بۇمۇ ئاقمىسا مەسىلىنى ب د ت ئومۇمى يىغىنىغا ئېلىپ كېلىشنى تەلەپ قىلدۇق. شۇڭا، 2-پاراگراپتا كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يولى ئاقمىسا، بۇ مەسىلىنى قايتا ب د ت ئومۇمى يىغىنىغا ئېلىپ كېلىش تەلەپ قىلىندى» دەپ كۆرسەتتى.

قانۇن تەكلىپ لايىھەسىدە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ 2022-يىلى 31-ئاۋغۇست كۈنى «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەندىشىلىرىگە دائىر باھالاش دوكلاتى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ شىنجاڭ ياكى شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا قارشى كەڭ كۆلەملىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ھۆججەتلەشتۈرگەنلىكى ۋە بۇنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت تەشكىل قىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكى» تەكىتلەنگەن.

ئۇنىڭدا يەنە ئالىي كومىسسارنىڭ دوكلاتىدا «شاھىتلارنىڭ قىيىن-قىستاق، جىنسىي زوراۋانلىق، مەجبۇرىي تۇغۇتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش ۋە مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش توغرىسىدىكى گۇۋاھلىقلىرىنىڭ ئىشەنچلىك ئىكەنلىكى» قەيت قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. قانۇن تەكلىپ لايىھەسىدە كۆرسىتىلىشىچە، «كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ دوكلاتى نورۋېگىيەنىڭ بۇ مەسىلىدە خەلقئارا جىنايى ئىشلار قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىنغان-قىلىنمىغانلىقىنى ئېنىقلىشىنى ئاساس بىلەن تەمىنلىگەن» بولۇپ، ئەگەر خىلاپلىق قىلىنغان بولسا نورۋېگىيەنىڭ «تېگىشلىك تەدبىر قوللىنىش مەجبۇرىيىتى بار» ئىكەن.

نورۋېگىيە يېشىللار پارتىيەسى ئاياللار كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى مارتا دۆنۈم 9-مارت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، مەزكۇر تەكلىپ لايىھەسىنىڭ 8-مارت «دۇنيا ئاياللار بايرىمى» كۈنى سۇنۇلۇشى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۇچراۋاتقان زوراۋانلىقنىڭ ئۆزلىرىنى قاتتىق ئەندىشىگە سالغانلىقىنى بىلدۈردى.

مارتا دۆنۈم مۇنداق دېدى: «بىز ئاياللارنىڭ تۇغۇشىغا يول قويۇلماسلىقىدىن ۋە ئاياللار ئۇچراۋاتقان خورلاشتىن ۋە تۈرمىدىكى ئاياللاردىن قاتتىق ئەندىشە قىلىمىز. خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇلارغا قىلىنغان مۇئامىلە ۋە بالا تۇغۇشقا نېسىپ بولالماسلىقى بىزنى ئەندىشىگە سالدى. ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى يېقىنقى يىللاردا قاتتىق تۆۋەنلەپ كەتكەن. بەزى رايونلاردا نوپۇسنىڭ 60 پىرسەنت تۆۋەنلەپ كېتىشى بەك قورقۇنچلۇق. مېنىڭچە بىز بىر نېمە قىلىشىمىز كېرەك.»

مارتا دۆنۈمنىڭ كۆرسىتىشىچە، نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۇچراۋاتقان بۇ زوراۋانلىقنى ب د ت ئېلىپ بېرىشى ۋە ب د ت بۇ زوراۋانلىقنى توختىتىش ئۈچۈن بىر ئىشلارنى قىلىشى كېرەك ئىكەن.

مارتا دۆنۈم: «بىز ھۆكۈمەتنىڭ بۇ جەھەتتىكى بۇ قورقۇنچلۇق ۋەقەنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇشى، ب د ت دا سۆزلىشى، شۇنداقلا ب د ت نىڭ بۇ مەسىلىنى قايتا كۈنتەرتىپىگە قويۇپ، نېمە قىلىشقا تېگىشلىك بولسا شۇنى قىلىشى، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىگە ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا يول قويماسلىقىمىز، ئۇنىڭ قىلمىشىنى توختىتىشىمىز كېرەك» دېدى. مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە مەزكۇر قانۇن تەكلىپ لايىھەسى پارلامېنتتىكى 4 كىچىك ئۆكتىچى پارتىيە قوللىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن پارلامېنتتا كۆپ سانلىقتىكى قالغان پارتىيەلەرنىڭ قانداق پوزىتسىيە تۇتۇشى تېخى مەلۇم ئەمەس ئىكەن.

ھالبۇكى، نورۋېگىيەدىكى پائالىيەتچىلەر نورۋېگىيە پارلامېنتىنىڭ مەزكۇر قانۇن تەكلىپ لايىھەسىنى ماقۇللىشىغا ئۈمىدۋار قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. نورۋرگىيەنى بازا قىلغان «ئۇيغۇربىز ئەدلىيە ئارخىپى» نىڭ مەسئۇلى، ئۇيغۇر پائالىيەتچى بەختىيار ئۆمەرنىڭ ئېيتىشىچە، نورۋېگىيە خەلقئارا سورۇنلاردا خىتاينى تەنقىتلەيدىغان دۆلەتلەرنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلگەن، شۇنداقلا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئۆتكەن يىلى ماقۇللىغان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ۋە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەۋپى» سادىر قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى قارارىنى قوللاپ ئاۋاز بەرگەن بولۇپ، ئەگەر ئۇ بۇ قانۇن تەكلىپ لايىھىسىنى قوبۇل قىلمىسا، ئۆزىنىڭ مەيدانىغا زىت ھەرىكەت قىلغان بولىدىكەن.

8-مارت كۈنى نورۋېگىيە پارلامېنتىغا ئۇيغۇر توغرىسىدا قانۇن تەكلىپ لايىھەسى سۇنۇلۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، پارلامېنتتا يەنە گۇۋاھلىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىنىدا شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق قازاق ئايال لاگېر شاھىتى، «باش گۇۋاھچى: خىتاينىڭ زامانىۋى جازا لاگېرىدىن قېچىش» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى، سايراگۈل سائۇتباي گۇۋاھلىق بەرگەن. ئۇ گۇۋاھلىق يىغىنىدىكى سۆزىدە نورۋېگىيەنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئەينەن ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.