نورۋېگىيەدە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى تونۇشتۇرۇلغان
2024.12.09
5-دېكابىر، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى نورۋېگىيە بەرۇم كوممۇناسىنىڭ مەركىزى ساندېۋىكادىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىنچىلىققا ئۇچراش جەريانى ۋە قىرغىنچىلىقنىڭ تارىخي ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە دوكلات بەرگەن.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى رەئىسى خەلچەم مەمتىمىننى زىيارەت قىلدۇق، ئۇ رادىيومىز ئارقىلىق بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى تەشكىللەشنىڭ مەقسىتى ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.
بۇ پائالىيەتتە دىققەت تارتقان نۇقتىلاردىن بىرى، بۇ پائالىيەتنى تەشكىللىگەن ساندېۋىكادىكى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆزلىرى ئىنتېرنېتتىن ئالغان ئۇچۇرلار بويىچە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن تام گېزىتلىرىنى لايىھەلەپ مەكتەپنىڭ كارىدور تاملىرىغا ئاسقان بولۇپ، بۇ يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان.
بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا ناھايىتى ئېچىنغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى، ھەر قانداق شەكىلدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ۋە ھەر قاچان ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن. بۇ ھەقتە ياش ئىستۇدېنت، نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر قىزى مۇنىرە ياقۇپ، بۇ يىغىن ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى.
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى رەئىسى خەلچەم مەمتىمىن ۋە نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر قىزى، ئىستۇدېنت مۇنىرە ياقۇپنىڭ بىر سائەتكە يېقىن داۋاملاشقان دوكلاتىدىن كېيىن، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بەس-بەستە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە جازا لاگېرلىرى ھەققىدە سوئاللار سوراشقان. خەلچەم مەمتىمىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ كۆپ سورىغان سوئاللىرى ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنىمۇ رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.
نۆۋەتتە نورۋېگىيەدە تەخمىنەن ئالتە مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشايدىغان بولۇپ، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى يىللاردىن بېرى نورۋېگىيەدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەش، خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى پاش قىلىشتا ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كومىتېت ئەزالىرى ھەر قايسى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرۇپ، يەرلىك ياشلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا بولغان قىزىقىشى ۋە ياردىمىنى قولغا كەلتۈرمەكتە.