نۇرى تۈركەل: قازاقىستاندىن كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن ۋەتەننىڭ پۇرىقى كېلىدۇ
2023.05.22

21-ماي كۈنى ئالمۇتا شەھىرىدىكى «دوستلۇق سارىيى» دا قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەلنى كۈتۈۋېلىش ۋە ئۇچرىشىش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي زىيارەت پائالىيەتلىرى بىلەن قازاقىستانغا كەلگەن نۇرى تۈركەل ئۇيغۇر ئېلى چېگراسىدىن يىراق ئەمەس ۋە زور ساندا ئۇيغۇرلار ياشايدىغان مەزكۇر ئالمۇتا شەھىرىدە زىيارەتتە بولۇپ، مەخسۇس ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن دىدارلاشقاندا «قازاقىستاندىن كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن ئانا ۋەتەننىڭ پۇرىقى» كېلىدۇ دېگەن سۆزلەر بىلەن ئۆز ھاياجىنىنى ئىپادە قىلدى.
21-ماي كۈنى ئۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ئۇيۇشتۇرغان قازاقىستاندىكى ئەڭ چوڭ ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتى ھېسابلىنىدىغان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى نۇرى تۈركەلگە پۈتكۈل قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى نامىدىن ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي تونىنى كىيدۈردى.
كۈتۈۋېلىشقا تەكلىپ قىلىنغانلار سانى چەكلەگلىك بولغانلىقتىن، ئۇنىڭغا ئۇيغۇر جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلىرى ۋەكىللىرى، زىيالىيلار، ياشلار، مېھمانلار بولۇپ 50 كە يېقىن ئادەم قاتنىشالىدى.
مەزكۇر پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ بىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىللىرى بولۇپ، مۇراسىمغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن ئەخمەتوف رىياسەتچىلىك قىلدى. مۇراسىمنى قازاقىستان خەلقى بىرلەشمىسىنىڭ كېڭەش ئەزاسى، قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى دولقۇنتاي ئابدۇخېلىل ئېچىلىش نۇتقىنى بىلەن باشلىدى.
دەسلەپكى سۆزنى سۆزلىگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى، سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن كەلگەن نۇرى تۈركەلنىڭ ئۆمۈر بايانى ۋە سىياسىي پائالىيىتى توغرىلىق دوكلات قىلدى. ئۇ، نۇرى تۈركەلنىڭ 2022-يىلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەنلىكىنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن زور مەنىۋى ۋە ئەمەلىي ئەھمىيەتكە ئىگە ۋەقە بولغانلىقىنى، جۈملىدىن ئۇنىڭ ئامېرىكا ۋە خەلقئارادىكى بىر قىسىم مۇكاپات ھەم نام-ئاتاقلارنىڭ ئېرىشكۈچىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەندە، ئۇچرىشىش قاتناشقۇچىلىرى گۈلدۈراس ئالقىشلارنى ياڭراتتى.
قەھرىمان غوجامبەردى يەنە نۇرى تۈركەلنىڭ ھارماي-تالماي ھەرىكەت قىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكادا ۋە خەلقئارادا نەتىجىلىك ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ھەمدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇنشۇناسلىق ئىستراتېگىيەسىنىڭ توغرا، پائالىيەتلىرىنىڭ خەلقئارا پرىنسىپ، نورمىلارغا ماس ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇلۇغ غايىسىگە لايىق بولۇشىغا يەنە تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا ئىشەنچ بىلدۈردى.
قازاقىستان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ نۇرى تۈركەلنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ناھايىتى ھاياجان ۋە يۇقىرى قىزغىنلىق بىلەن ئۆتكەن بولۇپ، قازاقىستاندا تونۇلغان بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ئەدىبلىرى ۋە جامائەت ئەربابلىرى ئارقىمۇ-ئارقا سۆزگە چىقىپ ئۆز ھاياجانلىق پىكىرلىرى ۋە نۇرى تۈركەلگە بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈشتى.
قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى، قازاقىستان خەلقى بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى ئېرشات ئەسمەتوف قازاقىستاننىڭ دېموكراتىيەنى قوللاپ كېلىۋاتقان ھەم دېموكراتىيە پرىنسىپلىرى قانات يېيىۋاتقان مەملىكەتلەر قاتارىغا كىرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ، باشقا مىللەتلەر قاتارىدا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ دۆلەت تىلى-قازاق تىلىنىڭ ئورنىنى كۆتۈرۈشكە ئاكتىپ ئارىلىشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ، قازاقىستاندا ئوقۇتۇش ئۇيغۇر تىلىدا يۈرگۈزۈلىدىغان مەكتەپلەر، ئۇيغۇر مىللىي تىياتىرى، ئانا تىلىدىكى گېزىت-ژۇرناللار، شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى تەركىبىدە ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى ۋە باشقىلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
نۆۋەتتە سۆزگە چىققان مەدەنىيەت مەركىزى تەركىبىدىكى مائارىپ كېڭىشىنىڭ رەئىسى شەمشىدىن ئايۇپوف، ئالىملار كېڭىشىنىڭ رەئىسى مەسىمجان ۋىلياموف، خانىم-قىزلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى سەنەم بېشىروۋالار ئانا تىلىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئەھۋالى، ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ ئىلمىي پائالىيەتلىرى، خانىم-قىزلارنىڭ ھەر خىل ساھەلەردىكى ئىشلىرى ھەققىدە مەلۇماتلار بەردى.
قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى، شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف نۇرى تۈركەلنىڭ قازاقىستانغا قەدەم تەشرىپ قىلىنىشىنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلاردا قازاقىستاندا يۈز بەرگەن چوڭ يېڭىلىق بولغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنىڭغا ئالمۇتادا نەشر قىلىنغان كىتاب ۋە ژۇرناللارنى، رەسسام ئەخمەتجان ئەھەت بولسا، ئۆز ئىجادىي ئەسەرلىرىنى تەقدىم قىلدى. ئالمۇتا ۋىلايىتى تالغىر ناھىيەلىك ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ باشلىقى جامالدىن ناسىروف نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ قازاقىستانغا قىلغان زىيارىتىدىن قاتتىق تەسىرلەنگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۆز ئائىلىسى تەقدىرىنىڭ مۈشكۈل بولۇشىغا قارىماي، ئاجايىپ قەھرىمانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئاخىرىدا سۆز ئۇچرىشىش مېھمىنى، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ئادۋوكات نۇرى تۈركەلگە بېرىلدى. ئۇ ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى ۋە ئۇنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتقان ئىشلىرى ھەم ئۆزىنىڭمۇ مەزكۇر ۋەزىپىگە قانداق تەيىنلەنگەنلىكى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى. ئۇ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ جىددىي بىر مەسىلە بولۇپ، ئۇنىڭغا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چوڭ ئەھمىيەت بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. نۇرى تۈركەل سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئۆز ئائىلىسىنىڭ بۈگۈنكى تەقدىرى، ئەھۋالى ھەققىدە توختالدى.
نۇرى تۈركەل ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ ئۇچرىشىشتىن ئالغان تەسىراتىنى مۇنداق دەپ ئىزھار قىلدى: «مەن بۈگۈنگە قەدەر 28 يىللىق مۇھاجىرەت ھاياتىمدا شەخسىي ۋە ھۆكۈمەت زىيارىتى بولۇپ 30 نەچچە دۆلەتكە باردىم. ئوتتۇرا ئاسىياغا، يەنى قازاقىستانغا كېلىش ئۇزۇندىن بۇيان ئارزۇيۇمدىن بىرى. ئۆتكەن يىلى ئۆزبېكىستانغا بېرىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. بۇ يىل قازاقىستانغا ھۆكۈمەت نامىدىن زىيارەتكە كەلدىم. بىزنىڭ كىندىك قېنىمىز تۆكۈلگەن، ئانا ۋەتەنگە ئەڭ يېقىن يەر-مۇشۇ. ۋەتەننىڭ پۇرىقى كېلىدۇ. بۇ يەردە ياشايدىغان ۋەتەنداشلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى، چىرايى، دىنى بىزگە ئوخشاش. سىلەر بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتى بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇيغۇر نوپۇسىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى بىرى بۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ماڭا بۇ يەرگە كېلىش ۋەتەنگە بارغاندەك ھېس-تۇيغۇلارنى كەلتۈردى».
نۇرى تۈركەل ئەپەندى قازاقىستاندىكى سىياسىي ھەم ئىجتىمائىي ئەركىنلىك ھەققىدىمۇ توختالدى.
«ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئېرشات ئەسمەتوف ئەپەندى نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ قازاقىستانغا قىلغان زىيارىتىنى قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ زور مەمنۇنىيەت بىلەن قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بۇ زىيارەت بىز ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە بولدى، دەپ ئويلايمەن. نۇرى تۈركەل ئەپەندى قىممەتلىك ۋاقتىنى بۆلۈپ، كەلگىنىگە چەكسىز مىننەتدارمىز. بىز، قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار، ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىش جەريانىدا ئېلىمىزدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۈگۈنكى نەپىسى، تىرىكچىلىكى، ئەمگەك پائالىيىتى ھەققىدە مەلۇماتلار بەردۇق. جۈملىدىن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قازاقىستاننىڭ دانا مىللىي سىياسىتى تۈپەيلى كۆپلىگەن ئىمتىيازلارغا ئىگە بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلارنى بەردۇق. نۇرى تۈركەل ئەپەندى بىزنىڭ ئېيتقان يېقىملىق خەۋەرلىرىمىزدىن بەك خۇش بولدى، دەپ ئويلايمەن. نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ ئۆزىمۇ خەلقىمىز ۋەكىللىرىگە ناھايىتى ياخشى ئۇچۇرلارنى بەردى. بىز ئۇنىڭ ئەمگەك پائالىيىتى بىلەنلا ئەمەس، ئۇنىڭ شەخسىي ھاياتى بىلەنمۇ تونۇشتۇق. مۇشۇنداق ئۇچرىشىشلار پات-پات بولۇپ تۇرسا، دۇنيانىڭ ھەر خىل مەملىكەتلىرىدە ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز كېلىپ، دىدارلىشىپ تۇرساق، بۇ ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە بولىدۇ».
نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ قازاقىستانغا كېلىپ، ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچرىشىشى ئىجتىمائىي تورلاردا قازاقىستان ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنىڭ ھەم دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ زور ئىنكاسىنى قوزغىدى. قازاقىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلار نۇرى تۈركەلگە ئوخشاش ئۇيغۇر پەرزەنتىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالالىغانلىقى، يەنە باشقىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر ساھەلەردە ھەسسىلەرنى قوشۇۋاتقانلىقىدىن، ئەركىنلىكلەردىن تولۇق بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىدىن پەخىرلىنىش ھېسسىياتلىرىنى بىلدۈرۈشتى.
ئالمۇتادا ئۆتكەن مەزكۇر كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر مىللىي ناخشىلىرى ئىجرا قىلىندى، ئۇچرىشىش قاتناشقۇچىلىرى نۇرى تۈركەل ئەپەندى بىلەن بىرگە رەسىمگە چۈشۈپ، ئۆزئارا تونۇشۇش، مۇڭدىشىش ئىمكانىيەتلىرىگە ئىگە بولدى. مۇراسىم قاتناشقۇچىلىرى بۇلاردىن چوڭقۇر خۇشاللىققا چۆمدى.