يېزىق ماجىراسى

ئوبزورچىمىز ئابدۇۋەلى ئايۇپ
2022.05.03
يېزىق ماجىراسى بىزنىڭ ئانا تىلىمىز ئۇيغۇر تىلى – 2021-يىلى فېۋرال«خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن سىزىلغان كارىكاتۈر رەسىم، رەسسام يەتتەسۇ.
RFA/Yettesu

ساۋاتىم چىققان چاغلاردا ئۆيدىكى كىتابلارنى تولۇق ئوقۇيالماي ئىچىم پۇشقىنى ھېلىمۇ ئېسىمدە. كىچىكىمدە ئۆيىمىزدە يېڭى يېزىقچە، سلاۋيانچە، كونا يېزىقچە كىتابلار كۆپ ئىدى. مەن ئوقۇيالايدىغان كىتابلارنى «قىزىل كىتابلار» دەيتتۇق. ماڭا ناتونۇش يېزىقتىكى كىتابلارنىڭ كۆپىنچىسى «سېرىق كىتابلار» بولغاچقا ساندۇقلارغا بەند ئىدى. قىزىل كىتابلارنى خالىغانچە ئوقۇشقا بولاتتى، ئۇلار ئۆينىڭ كۆرۈنەرلىك يېرىگە تىزىلاتتى.

 ئانام تەكچىلەرگە ئاشكارا تىزىپ قويغان قىزىل كىتابلارنى ئىنقىلابى كىتابلار دەپمۇ ئاتايتتى. سېرىق كىتابلارنىڭ يەنە بىر ئىسمى ئەكسىل ئىنقىلابى كىتابلار ئىدى. قىزىل كىتابلار قىزىل تاشلىق «ماۋجۇشى تاللانما ئەسەرلىرى»، «زامانىمىز قەھرىمانلىرى»، «قىزىلتاغ باتۇرلىرى»، «قىزىل ئاياللار قوشۇنى» دېگەندەكلەر ئىدى.

مېنىڭ ساۋاتىم ئاشۇ «قىزىل كىتابلار» دىكى يېزىقتا چىققان ئىدى. ئۇ چاغدا دەرسلىك كىتابلارنىڭ تېشىدا «يۇۋېن»، «سۈئەنشۇ» دېگەن خەتلەر بار ئىدى. ئۇ يېزىقنى بىز خىتايچە ئۆگىنىشكە باشلىغاندا يەنە ئۆگەندۇق. ئەسلى ئۇ يېزىق خىتايچە پىنيىن ئىكەندۇق. ئۇ چاغدا خىتايچە «ئەدەبىيات» ۋە «ماتېماتىكا» دېگەن سۆزلەرمۇ تەرجىمىسىز شۇ پېتى خىتايچە قوللىنىلغان ئىكەن.

مەندىن چوڭ ئۈچ ئاكام ۋە ئاچاممۇ شۇ يېڭى يېزىق ئۆگەنگەنىكەن. ئۇلارنىڭ يېڭى يېزىقتىكى كىتابلىرى ئۆيدە قالايمىقان تاشلىنىپ تۇراتتى. دادام بىلەن ئانام يېڭى يېزىقچە يېزىلغان كىتابلارنى ياقتۇرمايتتى. بوۋام ۋە مومام ئەسلا ئوقۇيالمايتتى. يېڭى يېزىقچە كىتابلاردىن ئېسىمدە قالغىنى دادام بىزگە ئوقۇپ بەرگەن  تېيىپجان ئېلىيۇپنىڭ «زەپمۇ چىرايلىق كەلدى باھار» دېگەن شېئىرلار توپلىمى بولسا كېرەك. قالغانلارنى دادام ۋە ئانام بىزگە ئوقۇپ بەرگەن ئەمەس.

ئۆيىمىزدە يەنە دادام سلاۋيانچە دەيدىغان، ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان تاشكەنتتە بېسىلغان كىتابلارمۇ كۆپ ئىدى. ئۇلارنى دادامدىن باشقا ھېچكىم ئوقۇيالمايتتى. دادام بىزگە رۇسچىغا ئوخشايدىغان شۇ يېزىقتا يېزىلغان «زويا ۋە شورا»، «ئانا»، «كىشىلەر ئىشىكىدە»، «ئاباي يولى» دېگەن كىتابلارنى ئوقۇپ بەرگەن ئىدى. كېيىنچە بىلسەم ئۇ كىرىل ھەرپلىرى بىلەن ئورتا ئاسىيادا نەشر قىلىنغان ئۇيغۇرچە كىتابلار ئىكەندۇق.

ئۆيىمىزدە دادام بىلەن ئانام ئورتاق ئوقۇيالايدىغان كىتاب ئەرەب ھەرپلىرى بىلەن يېزىلغان ئۇيغۇرچە كىتابلار ئىدى. ئۇنى يېڭى يېزىقتىن پەرقلەندۈرۈپ كونا يېزىق دېگەن بولسا كېرەك. ئېسىمدە قېلىشىچە «ماغدۇر كەتكەندە»، «لۇتپۇللا مۇتەللىپ شېئىرلىرى»، «نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى» دېگەن كىتابلارنى دادام مۇشۇ يېزىقتا ئوقۇپ بەرگەن ئىدى. بۇ يېزىقنى بوۋام ۋە موماممۇ ھەجىلەپ ئوقۇيالايتتى.

مەن باشلانغۇچنىڭ ئىككىنچى سىنىپىغا چىققان يىلى يېزىق ئالماشتى. ھەممەيلەن كونا يېزىق دەپ ئاتىلىدىغان بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار قوللىنىۋاتقان يېزىققا كۆچتۇق. ئاللىقاچان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن چوڭ ئاكامدىن تارتىپ ھەممەيلەن ساۋاتىنى قايتا چىقىرىشقا باشلىدى. ئۆيدىكى يېڭى  يېزىقتا يېزىلغان كىتابلارنىڭ ھەممىسى ئوچاققا تۇتۇرۇق بولدى. مومام ئۇ كىتابلاردا ئۆز قولى بىلەن ئوت يېقىپ كۆيدۈرۈپ تۈگەتتى. پەقەت چوڭ ئاكاملا يېڭى يېزىقچە لۇشۈننىڭ كىتابلىرىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن مومامغا بىر قانچە كۈن باتناپ يۈردى. ئۇ يالۋۇرۇپ يۈرۈپ مومامنىڭ قولىدىن «چىلتەنلىك ئەدەبىيات» دېگەن كىتابىنىلا قۇتقۇزۇپ قالغانىدى.

سىرلىق ساندۇقلارغا بەند قىلىنغان «سېرىق كىتابلار» نى بوۋام ۋە مومامدىن باشقىلار ئوقۇيالمايتتى. بوۋام بەزەن كۆن تاشلىق توم كىتابلاردىن بىرىنى «سەپەليا»، يەنە بىرىنى «ناۋايى» دەپ، ئاۋايلاپ ۋاراقلاپ ئوقۇپ بېرەتتى، ئەمما مەن ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيتتىم. ئۇ كىتابلارنىڭ خېتىنى مەن ئالىي مەكتەپكە چىقىپ «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى» دېگەن دەرسنى ئوقۇغاندا ئاندىن ئوقۇشنى ئۆگەندىم. ئۇنىڭ ئوقۇپ بەرگىنى چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان كىتابلار ئىكەن. ئۇيغۇرلار ئۇ يېزىقنى ئىسلامنى قوبۇل قىلغاندىن باشلاپ تاكى 1953-يىلغىچە قوللانغانىكەن. سوپى ئاللايارنىڭ ۋە ئەلىشىر نەۋايىنىڭ كىتابلىرى شۇ يېزىقتا ئىكەن.

80-يىللارنىڭ باشلىرى بولسا كېرەك يېزىمىز مەھمۇد كاشغەرىنىڭ تۇغۇلغان يۇرتى چىقىپ قالدى. ئوپالدا تەتقىقاتچىلار سېرىق كىتابلارنى ئىزدەشكە باشلىدى. ئۆيىمىزدە ئەزەلدىن قورقۇنچنىڭ مەنبەسى بولۇپ كېلىۋاتقان، تىقىپ ساقلاپ مەخپىي ئوقۇلۇۋاتقان «سېرىق كىتابلار» تۇيۇقسىز ئەتىۋارلىق گۆھەرگە ئايلىنىپ كەتتى. ئۆيىمىز تەتقىقاتچىلار بىلەن ئاۋات بولۇپ كەتتى. داداممۇ ھېلىقى «سېرىق كىتابلار» نى يۈرەكلىك ئېلىپ ۋاراقلايدىغان بولدى. يىللاپ ساندۇققا بەند قىلىنغان سېرىق كىتابلار يورۇق كۆردى.

 ئانام تەكچىلەرگە تىزىلغان «قىزىل كىتابلار» نى سۈپۈرۈپ يەرگە ئاتتى. ئۇلارنى كۆمۈرخانىغا، ئوتۇن كۆمۈرلەر قاتارىغا تاشلاپ قويدى. ئاندىن تەكچىنى قايتا سۈرتۈپ كەشتىلىك رەخت سالدى، كەشتىنىڭ ئۈستىگە كۆن تاشلىق سېرىق كىتابلارنى بىر بىرلەپ پۈۋلەپ سۈرتۈپ تىزدى. ئانامنىڭ كىتاب تىزىۋاتقاندا قوللىرىنىڭ تىترەشلىرى ھازىرمۇ كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ.

 كىتابلار تىزىلدى، ئەمما سىرلىق ساندۇقتا يىللارنى ئۆتكۈزگەن كۆن تاشلىق گۆھەرلەر ئوقۇشسىز قالدى. ئۇلارنى يىلدا بىرەر قېتىم ۋاراقلايدىغان بوۋامدىن باشقا ئوقۇيدىغان ئادەم چىقمىدى. كىتابلارنى تولا سۈرتۈپ ھارغان ئانام «توپا بېسىپ قالسا ئاتا بوۋامنىڭ روھى قورۇنۇپ قالىدۇ» دەپ مەھمۇد كاشىغەرى  مەقبەرىسى ئىچىگە تەسىس قىلىنغان مۇزېيغا ھەدىيە قىلدى. كىتابلارنىڭ ئىچىدىن چىققان پارچە پۇرات ۋاراقلار بىر قانچە كۈن ئۆيدە ئۇچۇپ يۈردى.

ئىسسىق تومۇزنىڭ بىر كۈنى بوۋام ئالدىراش كىرىپ كەلدى. ئۇنىڭ ھېلىقى سېرىق كىتابلار قاچىلانغان سىرلىق ساندۇقنى ئاختۇرۇپ ئۆرۈپ چۆرۈپ قاراپ كەتكىنى ھېلىمۇ ئېسىمدە. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ھۆكۈمەت قەشقەر شەھىرىدە بۇرۇن مۇسادىرە قىلىنغان مۆھۈر خەتلىك ئۆي، باغ ۋە دۇكانلارنى قايتۇرۇپ بېرىۋاتقانمىش. بوۋامنىڭ دادىسىدىن قالغان قەشقەر شەھىرىدىكى ھويلىلىق ئۆينى قايتۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن ئاشۇ «موخەت» لازىم بولۇپ قېلىپتۇ. ھازىرقى مەلۇماتىم بويىچە يەشسەم ئۇنىڭ موخەت دېگىنى مۆھۈر خەت، تامغا بېسىلغان خەت دېگەن سۆز ئىكەندۇق. خەت تېپىلمىدى. داداممۇ، ئاناممۇ، بىز بالىلارمۇ ھېچ بىرىمىز ئۇ خەتلەرنى تۈزۈك ئوقۇيالمىغاچقا تاشلىنىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن ئىدى.

سېرىق كىتابلار ھەققىدە بېشىمدىن ئۆتكەننى ئۇنتۇپ كېتىشكە باشلىغان ئىكەنمەن. مەھمۇد كاشغەرىنىڭ مەقبەرە ئالدىغا تىكلەنگەن ھەيكىلىنىڭ چېقىلغانلىق خەۋىرى مېنى چۆچۈتتى. ھەيكەل 2019-يىلى نۇيابىردا جايىدىن غايىب بولغانىدى. بۇنى كۆرۈپ ئەس يادىم ئانام مۇزېياغا ھەدىيە قىلغان «سېرىق كىتابلار» دا قالدى. سۈرۈشتە قىلىپ بىلدىمكى ئۇ كىتابلار 2017-يىلنىڭ بېشىدىلا قەشقەر شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى دۆلەت بىخەتەرلىك تارماق ئەترىتى تەرىپىدىن پېچەتلىنىپ ئېلىپ كېتىلگەنىكەن. سېرىق كىتابلار بۇ قېتىم بىزدىكى ساندۇققا ئەمەس، رەسمىي چىقالماس قاماققا بەند قىلىنغانىدى.

يېقىندا بىرەيلەن ماڭا ۋەتەندىكىلەرنىڭ بىر ھاۋالسىنى يەتكۈزدى. ھاۋالىدە مېنىڭ مۇھاجىرەتتە بالىلارغا ئاتالغان يۈرۈشلۈك تارىخى ھېكايە كىتابىمنىڭ خىتايچە نۇسخىسىنى تەييارلاش ئېيتىلىپتۇ. يا ماقۇل، ياق ياق دېيىشنى بىلەلمەي ئولتۇرۇپ كەتتىم. ياق دەي دېسەم، مېنىڭ ۋەتەندە قالغان ئوقۇش يېشىدىكى جىيەنلىرىمنىڭ يازغانلىرىمنى ئوقۇيالمايدىغانلىقى كۈندەك روشەن ئىدى. تېخى بىر قانچە ئاي بۇرۇن ئۈرۈمچىدىكى خىتايچە ياتاقلىق مەكتەپتە ئىككى يىل تۇرۇپ ئانا تىلىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كەتكەن ئىككى بالىنى تۈركىيەدە ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ كەلگەنىدىم. ماقۇل دەي دېسەم، ماڭا تەكرارلىنىۋاتقان پاجىئەنى قوبۇل قىلىش تەس كېلىۋاتاتتى. ماڭا خۇددى ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ بۇندىن ئوتتۇز نەچچە يىل بۇرۇن باشتىن كەچۈرگەن يېزىق ماجىراسى كۆز ئالدىمدا تېخىمۇ پاجىئەلىك شەكلى يۈز بېرىش ئالدىدا تۇرغاندەك قىلاتتى. ئائىلىمىزنىڭ مىڭ يىلدىن ئارتۇق قوللانغان يېزىقنى ئوقۇيالماي تارتقان زىيانلىرىمىز، كەچۈرگەن كۈلپەتلىرىمىز، شورلۇق قىسمىتىمىز بۇ مەرتەم تىلدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم بولۇش بىلەن قايتىلانسا يەنە قانداق زىيانلارنى تارتارمىز بىلمەيمەن.

***

مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.