ئۆمەر ئۇيغۇر: پاكىستان دائىرىلىرى ئۇيغۇر مۇساپىرلارغا بېرىلگەن مۆھلەتنى ئۇزارتماقچى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەييارلىدى
2023.11.14
omer-uyghur-pakistan-ana-til « ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى» نىڭ باشلىقى ئۆمەر ئۇيغۇر راۋالپىندىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىللە، 2023-يىلى، راۋالپىندى
Omer Uyghur

ئۆكتەبىرنىڭ بېشىدا، پاكىستان ھۆكۈمىتى قانۇنلۇق ھۆججىتى يوق بارلىق چەتئەللىكلەرنىڭ 1-نويابىرغىچە ئۆز دۆلىتىگە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قايتىشى ئۈچۈن بىر ئاي ئۇلتىماتوم تارقىتىپ، كەتمەي قالغانلارنى قولغا ئېلىش ۋە چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغانىدى.

ئافغانىستاندىكى تالىبان ھۆكۈمىتى پاكىستاننىڭ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش پىلانىغا قارشى تۇرۇپ، ئىسلامئابادنى قايتا ئويلىنىشقا چاقىرغانىدى. ب د ت ۋە دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى مەجبۇرىي قوغلاپ چىقىرىشنى تەنقىد قىلىپ، بۇنىڭ بىلەن مۇساپىرلاردا يوشۇرۇن ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسى پەيدا قىلىدىغانلىقى ۋە تالىبانلارنىڭ جازاسى ۋە دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچرىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى، پاكىستاننىڭ ۋاقىتلىق باش مىنىستىرى ئەنۋەرۇلھەق كاكارنىڭ ئاخبارات باياناتىدا ئېيتىشىچە، پاكىستان ھۆكۈمىتى قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى قوغلاپ چىقىرىشنى ئېلان قىلغاندىن بۇيان، 250 مىڭدىن ئارتۇق ئافغانىستانلىق ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن يۇرتىغا قايتىپ كەتكەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە غەرب دۆلەتلىرى، مۇساپىرلارنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلغان بولسىمۇ پاكىستان ھۆكۈمىتى يەنە رەت قىلىپ، «قانۇنسىز چەتئەللىكلەر» نى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش مەيدانىنى ساقلاپ كەلمەكتە.

پاكىستان ھۆكۈمىتى قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى قوغلاشقا يېڭى مۆھلەت ئېلان قىلدى

«ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ 10-نويابىر تارقاتقان خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، پاكىستان قانۇنسىز مۇساپىرلارنىڭ پاكىستاندىن چىقىپ كېتىشىگە يېڭى مۆھلەت ئېلان قىلغان.

پاكىستاننىڭ جۈمە كۈنىدىكى رەسمىي ئۇقتۇرۇشىدا مۇنداق دېيىلگەن: «پاكىستان ھۆكۈمىتى تىزىمغا ئالدۇرغان ئافغانىستان مۇساپىرلىرىغا تارقىتىلغان كارتىلارنى تىزىملاش ئىسپاتى ياكى ئىقامەت كارتىنىڭ ئىناۋەتلىكلىكىنى 2023-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ئۇزارتىدۇ».

بۇ يېڭى مۆھلەت، پاكىستاندىكى تەخمىنەن بىر مىليون 700 مىڭ ئافغانىستانلىق مۇساپىرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، قوغلاپ چىقىرىلىش بېسىمىنى يېنىكلىتىش بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پاكىستان مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارىنىڭ باياناتچىسى، «ئامېرىكا ئاۋازى» مۇخبىرىغا بۇ قارارنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە پاكىستان قانۇنسىز مۇساپىرلارغا قارشى باستۇرۇشنى يولغا قويغاندىن بۇيان، مۇساپىر ئائىلىلەرنىڭ پاراكەندىچىلىك ۋە خورلاشقا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

11-ئاينىڭ 10-كۈنى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىمۇ، پاكىستاننى ئافغانىستانلىقلارنى پاكىستاندا ئىقامەت قىلغىلى قويۇش ۋە چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى دەرھال توختىتىشقا چاقىردى.

سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 70-يىللارنىڭ ئاخىرىدا ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلىشىدىن باشلاپ، نەچچە ئون يىللىق توقۇنۇش ۋە زىيانكەشلىكتىن قېچىپ، پاكىستانغا كېلىپ پاناھلىنىپ ياشاۋاتقان بىر مىليون 700 مىڭ ئەتراپىدا ئافغانىستانلىق قانۇنسىز كۆچمەنلەر قاتارىدا، 18 ئۇيغۇر ئائىلىسىمۇ بار.

ئۆكتەبىردىن باشلاپ بىز، راۋالپىندىدا ياشاپ كېلىۋاتقان بۇ ئۇيغۇرلاردىن ئىزچىل ئەھۋال ئىگىلەپ كېلىۋاتقان ئىدۇق. ئۇلاردىن ئىگىلىشىمىزچە، ئۆكتەبىرنىڭ بېشىدا، ئىسلامئاباد تۇيۇقسىز قارا چىقىرىپ قانۇنلۇق ھۆججىتى بولمىغان بارلىق چەتئەللىكلەرگە پاكىستان چېگراسىدىن چىقىپ كېتىشكە بىر ئاي ۋاقىت بەرگەن ھەمدە مۆھلەتتىن ئېشىپ كەتكەنلەر قولغا ئېلىنىدۇ ياكى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىدۇ دەپ ئېلان قىلغاندىن بۇيان، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى پاكىستان ساقچىلىرىنىڭ ئۆي ئاختۇرۇشىدا ياكى كوچا چارلاشلىرىدا تۇتۇلغان ۋە پاراكەندىچىلىكلەرگە يولۇققان، شۇنداقلا ئىجارە ئۆيلىرىدىن قوغلىنىشتەك ئاقىۋەتلەرگە قالغانىدى.

راۋالپىندىدا ئىقامەتسىز، تەشۋىش ئىچىدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىدە قانداق ئۆزگىرىشلەر بار؟

بۇ ھەقتە ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن، پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىۋاتقان ئۆمەر ئۇيغۇر بىلەن قايتا ئالاقىلەشتۇق. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىر قانچە كۈن ئاۋۋال، پاكىستان تەرەپ بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ پاكىستاندا تۇرۇش مۇددىتىنىڭ ۋاقتىنچە ئۇزارتىلغانلىقىنى ئېيتقان، ئەمما قانچىلىك ئۇزارتىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق بىر نەرسە دېمىگەن. ئۇلار پەقەت بۇ ئىشنى پاكىستان پارلامېنتىدا مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى، ئالدىمىزدىكى بىر قانچە كۈن ئىچىدە قارار چىقىرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۆمەر ئۇيغۇر يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار كومىتېتى خادىملىرىنىڭمۇ، يېقىنقى كۈنلەردە ئۆزلىرى بىلەن رەسمىي ئالاقىلەشكەنلىكىنى، 24 سائەتلىك جىددىي ئىنكاس قىلىش تېلېفون نومۇرىنى قالدۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

مۇساپىرلار كومىتېتى خادىملىرى ئۆمەر ئۇيغۇرغا، ئۇيغۇرلار مۇبادا پاكىستان ساقچىلىرىنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە يولۇقسا ئۆزلىرىنى دەرھال خەۋەردار قىلىشىنى ئېيتقان ھەمدە ئۇنى خاتىرجەم قىلىپ، «سىلەر ئافغان ئەمەس، ئۇيغۇر. شۇڭا سىلەرنى مەجبۇرىي قوغلىيالمايدۇ، بىز ئەھۋالىڭلارنى ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى باش ئورگىنىغا بىلدۈردۇق، ئۇلار مۇزاكىرە قىلىۋاتىدۇ، قارار ئالغاندا بىلدۈرىمىز» دېگەن.

ئۆمەر ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، پاكىستاندىكى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ پاكىستاندىن قوغلانماسلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھازىر پەقەت ب د ت مۇساپىرلار كومىتېتىنىڭ ئىسپات خېتىگە تايىنىشتىن باشقا يول يوق ئىكەن.

ئافغانىستانغا قايتقانلار ئېغىر قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىدۇ

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئافغانىستان مۇساپىرلىرى 2023-يىلى 3-نويابىر، ئافغانىستاننىڭ تورخامدىكى پاكىستان-ئافغانىستان چېگراسىغا يېقىن لاگېرغا ئورۇنلاشقان. كۈندىن كۈنگە كۆپىيىۋاتقان مۇساپىرلارغا ئەگىشىپ، سۇ، ئوزۇقلۇق، ھاجەتخانا قاتارلىق تۇرمۇش مۇئەسسەسىلىرى يېتىشمەسلىك بۇ نامرات دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى بۇ چېگرادا ئېغىر كرىزىس پەيدا بولغان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ جەنۇبىي ئاسىيا سەپەرۋەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن دىرېكتورى لىۋىيا ساكاردى مۇنداق دېدى: «ھېچكىم كەڭ كۆلەمدە مەجبۇرىي چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلماسلىقى كېرەك، پاكىستان خەلقئارالىق قانۇنىي مەجبۇرىيىتىنى، جۈملىدىن تولۇقلىما بەرمەسلىك پىرىنسىپىنى ئەستە ساقلىشى كېرەك».

ساكاردىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئەگەر پاكىستان ھۆكۈمىتى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى دەرھال توختاتمىسا، مىڭلىغان ئافغانىستانلىقلار، بولۇپمۇ ئاياللار ۋە قىزلارنىڭ ھاياتى خەۋپكە ئۇچرايدىكەن، تىنچ تۇرمۇش ۋە مائارىپتىن مەھرۇم قالىدىكەن.

ھالبۇكى، پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مەمەت زاھرا بالۇچ جۈمە كۈنى بۇ تەنقىدنى يەنە بىر قېتىم رەت قىلىپ، بۇ پىلاننىڭ پەقەت ئافغانىستانلىقلارنىلا نىشان قىلمايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى. ئۇلار يەنە تىزىمغا ئالدۇرغان ئافغانىستان مۇساپىرلىرى ۋە پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا كۆچمەنلەر تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىشىپ خاتىرىلىگەن 800، 000 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىدىغان سۇبيېكت ئەمەسلىكىنى قايتا-قايتا ئايدىڭلاشتۇردى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 10 نويابىر بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: «پاكىستان ھۆكۈمىتى ئافغانىستان مۇساپىرلىرىنى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇش، چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش ۋە كەڭ كۆلەمدە پاراكەندىچىلىك سېلىشنى دەرھال توختىتىشى كېرەك.»

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە تۇتۇپ تۇرۇش ۋە چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشتا ئوچۇق-ئاشكارا بولماسلىق، مۇۋاپىق جەريان ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشتىن ئەندىشە قىلىۋاتقان بولۇپ، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى پاكىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇخبىرلار بىلەن تاراتقۇلارنىڭمۇ بۇ مەركەزلەرگە كىرىش ھوقۇقى بېرىلمىگەنلىكىنى دەلىللەپ، ئاشكارىلىق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇيغۇرنىڭ بارار جايى يوق

پاكىستاندىكى گۇۋاھنامىسى يوق ئافغانىستانلىقلارنى قوغلاپ چىقىرىش، پاكىستاننىڭ تالىبان ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئافغانىستان بىلەن بولغان جىددىيلىكنى گەۋدىلەندۈرۈپ تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ ئەمما مەيلى پاكىستان بولسۇن ۋە ياكى تالىبان ھۆكۈمىتى بولسۇن، ئوخشاشلا خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاھىدە يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغاچقا، پاكىستاندىكى بۇ ئۇيغۇرلار خىتايغا قايتۇرۇلۇشتەك ئېغىر خەتەرلىك بىر ۋەزىيەتكە ئۇچرايدىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلىپ تۇرماقتا.

ئۇنداقتا گەرچە ئافغانىستاندىن كەلگەن بولسىمۇ، ئوخشاشلا قانۇنسىز ئافغانلار قاتارىدا پاكىستاندىن ئافغانىستانغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلۇش گىردابىدا تۇرۇۋاتقان بۇ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى نەگە بارالايدۇ؟ بۇ يەنىلا ئېنىق ئەمەس.

ئۆمەر ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئۆي ئىجارە بېرىۋاتقان پاكىستانلىقلار بىلەن بىرمۇ بىر سۆزلىشىپ، بۇ ئۇيغۇرلارنى ۋاقىتلىق ئۆيلىرىدىن قوغلىماي تۇرىدىغانغا ماقۇل كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا قولىدا تېخى قانۇنلۇق بېرە ھۆججىتى بولمىغانلىقتىن توختىماي ئەندىشە ئىچىدە ياشىماقتا ئىكەن.

ئۆمەر ئۇيغۇر: «قېرىنداشلار يەنىلا ئەندىشە ئىچىدە، ھەر قانداق ساقچى ماشىنىسىنى ئاڭلىغان ھامان ئىشىكلىرىنى قۇلۇپلاپ، تالاغىمۇ چىقماي ئۆيلىرىدە يوشۇرۇنۇپ ئولتۇرماقتا» دەيدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.