مەرھۇم زىيالىي پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
2024.12.09
8-دېكابىر (يەكشەنبە) كۈنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىنىڭ سابىق رەئىسى، ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا مەرھۇمنى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىندا مەرھۇمنىڭ ھاياتى ۋە ئىش-ئىزلىرى تونۇشتۇرۇلدى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيەت ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدە كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى، ئۇيغۇر دەۋاسىغا قوشقان تۆھپىلىرى، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ساھەلەردىكى ئىش-پائالىيەتلىرى ئەسلەپ ئۆتۈلدى.
خاتىرىلەش يىغىنىغا مەرھۇمنىڭ ئايالى ۋە پەرزەنتلىرى، يېقىن دوستلىرى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ بىر قىسىم مەسئۇللىرى ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر-ئايال بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.
خاتىرىلەش يىغىنى قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى ۋە مەرھۇمنىڭ روھىغا دۇئا ئوقۇش بىلەن باشلاندى. خاتىرىلەش يىغىنغا مەرھۇمنىڭ دوستى ۋە ساۋاقدىشى، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ئەركىن ئەمەت رىياسەتچىلىك قىلدى.
خاتىرىلەش يىغىنىدا مەرھۇمنىڭ دوستى ۋە ساۋاقدىشى، ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت سۆز قىلىپ، مەرھۇمنى چوڭقۇر سېغىنىش ۋە ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەزىز دوستۇم ۋە ساۋاقدىشىم، شۇنداقلا سەپدىشىم دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ بىر جەڭچىسى ئىدى، يۈرىكى ۋەتەن سۆيگۈسى ۋە مىللەت ئىشقىدا كۆيگەن بىر دەۋا ئادىمى ئىدى. خەلقىمىزنىڭ تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى، دەردلىرىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان ھەمدە مىللەتنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن يول ۋە چارە-تەدبىر ئىزدىگەن بىر زىيالىي ئىدى. ئۇنىڭ ۋاپاتى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن چوڭ بىر يوقىتىش بولدى».
پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ مەرھۇم پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى بىلەن 1980-يىلى بېيجىڭدىكى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇش جەريانىدا تونۇشقان. مەرھۇم سەمىمىي، ئاق كۆڭۈل، تىرىشچان ۋە كۆپ تەرەپلىمە قابىلىيەتكە ئىگە شەخس بولۇپ، ناخشا-مۇزىكا ۋە سەنئەت ساھەسىدىمۇ ياخشى تەربىيە ئالغان. شۇڭا بېيجىڭدا ئوقۇش جەريانىدا سەنئەت ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇيغۇر سەنئىتى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى جانلىق تونۇشتۇرغان.
ئىگىلىنىشىچە، مەرھۇم پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان شەخس ھېسابلىنىدۇ. ئۇ بېيجىڭدا ئوقۇش جەريانىدا ساۋاقداشلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇر سەنئەت گۇرۇپپىسى تەشكىللىگەن ۋە تۇنجى قېتىم نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت سەنئىتىنى تونۇشتۇرغان ۋە جانلاندۇرغان.
مەرھۇم دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى تۈركىيەگە ئوقۇشقا كەلگەندىن كېيىنمۇ ئوقۇش جەريانىدا بىر سەنئەت ئۆمىكى قۇرۇپ چىققان، شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىنى ئايلىنىپ، ئۇيغۇر سەنئىتىنى نامايان قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت-سەنئىتىنى تونۇشتۇرغان.
ئۇ يەنە تۈركىيە بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن ياۋروپانىڭ بىر قانچە شەھەرلىرىگە بېرىپ، ياۋروپالىقلارغا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەن.
پىروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى «مەرھۇمنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى دۇنياغا تونۇتۇشتا رولى ۋە تۆھپىسى ناھايىتى چوڭ» دېدى.
شاھىتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەرھۇم سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. ئۇ ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولۇپ بىر قانچە يىل شۇ ۋەخپىنىڭ رەئىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن. پىروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەرھۇم سىياسىي ساھەدىمۇ خىزمەت قىلغان بولۇپ، تۈركىيەنىڭ پارلامېنت سايلىمىدا مىللەت ۋەكىلى بولۇش ئۈچۈن ئۆزىنى ئىككى قېتىم نامزات كۆرسەتكەن. ئۇ سايلام تەشۋىقاتىدا تۈرك دۇنياسى ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئالدىنقى پىلانغا قويۇپ تەشۋىق قىلغان. پىروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت بۇ ھەقتە توختىلىپ «گەرچە ئۇ سايلامدا مىللەت ۋەكىلى بولۇپ سايلىنالمىغان بولسىمۇ ئۇنىڭ ئىرادىسى، مەنىۋى جاسارىتى، ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە تىرىشچانلىقى ھەممىمىزگە ئۆرنەك بولغۇسى» دەيدۇ.
مەرھۇم يەنە يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، بىر ئاكادېمىك بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ساھەسىگە مۇناسىۋەتلىك بەش پارچە كىتاب ۋە نۇرغۇن ئىلمىي ماقالىلەرنى يېزىپ نەشر قىلدۇرغان.
پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت يەنە مۇنداق دېدى: «پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلىنىڭ نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلىرى بار ئىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ ۋاپاتى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن چوڭ بىر يوقىتىش بولدى، ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىلىرىنى خەلقىمىز ئۇنتۇمايدۇ، مەرھۇمغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن، ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن نۇر ئىچىدە ياتسۇن» .
مەرھۇم ھەققىدە سۆز قىلغان پىروفېسسور ئابدۇلھەمىت ئاۋشار ئەپەندى، پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ۋە ئۇنىڭ ئايالى گۇلزادە تەڭرىتاغلىنىڭ تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىنكى پائالىيەتلىرىنى ھۆرمەت ئىچىدە ئەسلەيدۇ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، مەرھۇم مەدەنىيەت-سەنئەت پائالىيەتلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كەسپىيلەشكەن ناخشا-مۇزىكىلىرىنى نامايان قىلغاندىن كېيىن تۈرك خەلقى ئۇيغۇرلارنىڭ كەسپى مەدەنىيەت-سەنئىتى بىلەن تونۇشقان. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ «مەرھۇم پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى، خىتايغا مۇناسىۋەتلىك بىزنىڭ بىلىشىمىز كېرەك بولغان پۈتۈن مەلۇماتلارنى بىزگە چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتتى، مەخسۇس كىتاب يازدى. ئۇنىڭ پۈتۈن ھاياتىنى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى يولىدا كۈرەش قىلىش بىلەن ئۆتكۈزگەنلىكىنى بۈگۈن يەنە بىر قېتىم تىلغا ئېلىپ ئەسلىگەن بولدۇق، مەرھۇمنىڭ روھى شاد، ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن» دېدى.
مەلۇم بولۇشىچە، مەرھۇمنىڭ «خىتاي چۈشى»، «خىتاينىڭ ‹بىر بەلباغ بىر يول› رېئاللىقى ۋە تۈرك دۇنياسى»، «خىتايدىن ئاشكارىلانغان لاگېر ھۆججەتلىرى: قارىقاش تىزىملىكى»، «خىتاينىڭ غەربىي رايون نەزەرىيەسى»، «يېڭى خىتاي» قاتارلىق كىتابلىرى تۈركىيەدە تۈرك تىلىدا نەشر قىلىنىپ، تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ كىتاب سېتىش تورى بولغان «كىتاب يۇرتى» دا ئالقىشلىق كىتابلار قاتارىغا كىرگەن؛ شۇنداقلا بۇ كىتابلار تۈركىيە خەلقىنىڭ خىتاينى چۈشىنىشىدە، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە دىققەت قوزغاشتا مۇھىم رول ئوينىغان.
مەرھۇم پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلىنىڭ دوستى، پىروفېسسور سۇلايمان دوغان ئەپەندى مەرھۇم توغرىسىدا توختىلىپ ئۇنىڭ بىلەن 1988-يىلى تونۇشقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مەرھۇم توغرىسىدا سۆز قىلىپ «ئۇ بەك ھوشيار كىشى ئىدى، ئۆزىگە بەك ئىشىنەتتى. ئاكادېمىك، يازغۇچى، سەنئەتچى ۋە سىياسىي پائالىيەتچى ئىدى، . شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ ھەم ئەدەبىيات، سىياسەت ۋە سەنئەتنى بىرلەشتۈرگەن ھالدا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا خىزمەت قىلغان ئۈلگىلىك شەخس ئىدى» دېدى.
مەرھۇمنىڭ ئايالى دوكتور گۇلزادە تەڭرىتاغلى مەرھۇم توغرىسىدا سۆز بولغاندا ئۆزىنىڭ مەرھۇم بىلەن 1980-يىلى بېيجىڭدا ئوقۇش جەريانىدا تونۇشقانلىقىنى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن پائالىيەتلەرنى بىرگە ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.
گۇلزادە تەڭرىتاغلى خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ پەرھات ئەپەندى بىلەن ئەر-ئايال بولۇش بىلەن بىرگە ئوخشاش ۋاقىتتا دەۋا يولىدا سەپداش بولۇپ، مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىغىچە تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىنى ئايلىنىپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش يولىدا بىرلىكتە خىزمەت قىلغان؛ تۈرك دۇنياسى يىغىن ۋە پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇشقا ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. ئۇ سۆزىدە، پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلىنىڭ مىللەتپەرۋەرلىك ئاڭ چۈشەنچىسىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ.
مەرھۇم پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى، 2023-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى كېسەللىك سەۋەبىدىن ئىستانبۇلدا 61 يېشىدا ۋاپات بولغان ئىدى. ئۇنىڭ ۋاپاتى ئائىلىسى، دوستلىرى ۋە چەتئەلدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى چوڭقۇر قايغۇغا سالدى.
دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى 1962-يىلى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 1980-يىلىدىن 1984-يىلىغىچە بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى كەسپىدە ئوقۇغان. ئۇ بېيجىڭدىكى «خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى» دە بىر مەزگىل ئىشلىگەندىن كېيىن 1987-يىلى ئايالى بىلەن تۈركىيەگە كېلىپ، مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىجتىمائىي پەنلەر ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. مەرھۇمنىڭ گۇلدىيار تەڭرىتاغلى ۋە دولۇنئاي تەڭرىتاغلى ئىسىملىك ئىككى قىز پەرزەنتى بولۇپ، ئىستانبۇلدا ياشىماقتا ئىكەن.