خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكانىڭ بۇ يىللىق پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماقتا

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.04.01
USA-TIK-TOK بايتدەنس (ByteDance) شىركىتىنىڭ كونتروللۇقىدىكى تىك-توك (Tik Tok) بەلگىسىنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا بايرىقى كۆرۈنۈۋاتىدۇ. 2020-يىلى 9-ئاۋغۇست
REUTERS/Dado Ruvic/Illustration

ئامېرىكا بىلەن ئىزچىل سۈركىلىشىپ كېلىۋاتقان خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ بۇ يىل 11-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى، بۇنىڭدا ئالدى بىلەن تىك-توكنىڭ رول ئويناۋاتقانلىقى ئامېرىكا تاراتقۇلىرى تەرىپىدىن خەۋەر قىلىنماقتا.

بۇ يىل 3-ئاينىڭ 11-كۈنى ئامېرىكا ئىستىخبارات نازارىتى ئىشخانىسى ئامېرىكاغا كېلىدىغان خەۋپ-خەتەر ھەققىدىكى يىللىق دوكلاتىدا، خىتاينىڭ 2024-يىللىق پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇشى مۇمكىنلىكىنى، چۈنكى خىتاينىڭ ئامېرىكادىن كېلىدىغان تەنقىدلەرنى ئازايتىش ۋە ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى قۇتۇپلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش غەرىزى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

دوكلاتتا، خىتاي، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ سۈنئىي ئەقىل ئۇچۇر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ئامېرىكا جەمئىيىتىنى تەرەپبازلىققا بۆلىدىغان ھەمدە ئامېرىكانىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرىدىغان ئۇچۇرلارنى تارقاتقانلىقى، شۇ ئارقىلىق ئامېرىكانىڭ سىياسىتىگە ۋە سايلىمىغا ئارىلىشىشقا ئۇرۇنغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

«فوربېس» ژۇرنىلىنىڭ 11-مارت كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە مەزكۇر دوكلات ئاساس قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلايدىغان خىتاي پۇقرالىرى ئامېرىكادىكى سايلامنىڭ خىتاي ئۈچۈن پايدىلىق بولۇشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىكەن. بولۇپمۇ، تىك-توك ئابونتلىرى بۇ جەھەتتە ئەڭ ئاكتىپ بولۇپ، ئۇلار ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ 2022-يىلدىكى پارتىيە نامزاتلىرىنىڭ سايلىمىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغانىكەن.

ئامېرىكادىكى رەند سىياسەت تەتقىقات ئورنىنىڭ ئىستراتېگىيە ۋە خەۋپسىزلىك مۇتەخەسسىسى، دوكتور رايموند كو (Raymond Kuo) خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ دېموكراتىك سايلامغا قارشى دۆلەتلەر ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكادا بولىدىغان سايلامنىڭ دېموكراتىك دۇنيا تەرتىپى ئۈچۈن مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «چۈنكى بۇ سايلام كەلگۈسى 4 يىلدا ئامېرىكا بىلەن ئەركىن دۇنيا تەرتىپىنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئاساس سالىدۇ. ئەگەر ئامېرىكا ئۆز پىرىنسىپىنى قوغدىمىسا باشقا دۆلەتلەر ئۇنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان دۆلەتنى ئىزدەيدۇ، ئۇ دۆلەتلەر بەلكىم رۇسىيە ياكى خىتاي بولىدۇ».

«سودىنىڭ ئىچكى ئەھۋالى» (Business Insider) تورىنىڭ 12-مارت كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ 2023-يىل 11-ئايدا سان-فرانسىسكودا ئۆتكۈزۈلگەن «ئاسىيا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» يىغىنىدا جوۋ بايدېن بىلەن كۆرۈشكەندە، خىتاينىڭ 2024-يىللىق ئامېرىكا سايلىمىغا ئارىلاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما شى جىنپىڭنىڭ بۇ ۋەدىسى خىتاينىڭ ئەمەلىيەتتە قىلىۋاتقانلىرى بىلەن ماس كەلمىگەن. خىتاي گەرچە خېلى يىللاردىن بۇيان ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ سايلىمىغا ئارىلىشىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن بولسىمۇ، بۇنى داۋاملىق ئىنكار قىلىپ كەلگەن.

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى ئاندېرس كور (Anders Corr) خىتاينىڭ سايلامدىكى تەسىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ سايلام خىتاي ئۈچۈن مۇھىم، شۇڭا ئۇ ھەقىقەتەن بۇ سايلامغا ئارىلىشىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ئەمما بۇ سايلامغا ئارىلىشىش خىتاي ئۈچۈنمۇ بىر خەۋپ دەپ قارىلىشى كېرەك. ھازىرچە خىتاينىڭ مەلۇم بىر پرېزىدېنت نامزاتىنى كۈچلۈك قوللاشتەك مەيدانى يوق، ئۇ پەقەت ئامېرىكانىڭ سىياسىي سىستېمىسىدا قالايمىقانچىلىق ئۇرۇقى چېچىشقا ئۇرۇنماقتا».

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» 4-ئاينىڭ 1-كۈنى ئېلان قىلغان خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاينىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدىكى ئابونتلار بۇ يىل 11-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا مۇناسىۋەتلىك خاتا ۋە يالغان ئۇچۇرلارنى كۆپلەپ تارقاتقان. خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بەزى تور ئابونتلىرى سابىق پرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ قايتا سايلىنىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرسە، بەزىلىرى ھازىرقى پرېزىدېنت جوۋ بايدېننى تەنقىدلەيدىغان گەپلەرنى قىلغان.

دوكتور رايموند كونىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا يالغان ۋە خاتا-ئۇچۇر تارقىتىش ئارقىلىق بىر دۆلەتنىڭ سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىش يەنىمۇ چوڭقۇر تەتقىق قىلىدىغان مەسىلە ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەگەر بۇ يەردە بىرەر خاتا ئۇچۇر بولسا، ئامېرىكا ئۇنى ئۆز پۇقرالىرىغا تونۇتۇشى، ئۇنىڭغا دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇشى ۋە رەت قىلىشى لازىم. خىتاي تارقاتقان بۇ ساختا، يالغان ئۇچۇرلارنىڭ بۇ قېتىمقى سايلام نەتىجىسىگە قانچىلىك تەسىر كۆرسىتىشىگە بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ».

ئامېرىكا ئىستىخبارات نازارىتى ئىشخانىسى بۇ يىل 3-ئايدا ئېلان قىلغان دوكلاتقا ئاساسلانغاندىمۇ، خىتاينىڭ مەقسىتى ئامېرىكانىڭ يېتەكچىلىك ئىقتىدارىغا گۇمان پەيدا قىلىش، دېموكراتىيەگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتىش بولۇپ، بۇنى ئامېرىكا پۇقرالىرى كۆپ قوللىنىدىغان تىك توك، X، فېيسبوك، ئىنستاگرام قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە قوراللىرى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرماقتا ئىكەن.

ئاندېرس كورنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا تىك-توك، X قاتارلىقلارغا چوقۇم چەكلىمە قويۇشى كېرەك ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەنچە خىتاي ھەقىقەتەن تىك-توك ئارقىلىق ئامېرىكانىڭ سىياسىتىگە يامان تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. تىك-توك مىليونلىغان ئامېرىكالىقلارنى سىياسىي تېمىلارغا ئەمەس، ئويۇن-تاماشىغا قىزىقتۇرىدۇ، ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق ھەقىقىي خەۋەرلەرنى بەرمەيدۇ. ناھايىتى روشەنكى، بۇلار جەمئىيىتىمىزگە پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا تىك توكنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ X دىكى ھېسابىنى چەكلەش بىزنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشىمىزدۇر».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.