خىتاينىڭ PVH گۇرۇھىغا قاراتقان بېسىمى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە تاقابىل تۇرۇش تىرىشچانلىقىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟
2024.10.08

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتىلەردە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ پەۋقۇلئاددە دوكلاتچىسى ئالىنا دوخاننى ئۇيغۇر ئېلىگە تەكلىپ قىلىپ، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقان كارخانىلارغا قويغان جازا تەدبىرلىرىنىڭ «خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى» ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. ئالىنا دوخان بۇ دوكلاتىنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن يىغىن مەيدانىدىكى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىللىرىنىڭ كەسكىن رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان.
بۇ ۋەقە بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا خىتاي ھۆكۈمىتى، ئامېرىكانىڭ داڭلىق كىيىم-كېچەك ماركىسى بولغان Calvin Klein ۋە Tommy Hilfiger قاتارلىقلارنىڭ ئانا شىركىتى بولغان PVH گۇرۇھى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش باشلىغانلىقىنى جاكارلىدى. خىتاي سودا مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشىدىن قارىغاندا، ئۇلار PVH گۇرۇھىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن پاختا مەھسۇلاتلىرى كىرگۈزۈشنى توختىتىشى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش باشلاپ ئۇنىڭ «شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرىغا قىلىنغان كەمسىتىش ياكى ئەمەسلىكى» نى ئېنىقلاپ چىقىدىكەن.
خىتاي سودا مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان بۇ ئۇقتۇرۇش دەل ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە تاقابىل تۇرۇش تىرىشچانلىقىنى ئاشۇرۇۋاتقان ۋە ھەمدە تېخى يېڭىلا ئۈرۈمچىدىكى «شىنجاڭ 1-ئاۋغۇست پولات-تۆمۈر شىركىتى» ( «باگاڭ» ) نى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بويىچە قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن مەزگىلىگە توغرا كەلگەن. خەۋەرلەردە، بۇنىڭ ئامېرىكانىڭ تۇنجى قېتىم بۇ چەكلىمىنى خىتاينىڭ پولات-تۆمۈر ساھەسىگە، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى ماتېرىيال مەنبەسى قىلغان شىركەتلەرگە كېڭەيتىشى، دەپ باھالانغان ئىدى.
ئامېرىكادىكى خۇدسون ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىي مۇتەخەسسىسى، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق بىر تەكشۈرۈشنى باشلىشى ئامېرىكا ئىجرا قىلغان چەكلىمىلەرنىڭ خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.
«بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكانىڭ چەكلىمىلىرىدىن قاتتىق بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شۇنداقلا بۇ شىركەتلەرنى ئامېرىكانىڭ قانۇنلىرىغا بويسۇنماسلىققا قىستايدىغان بىر مۇھىت شەكىللەندۈرىدۇ.»
نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق يېڭى زاماندىكى قۇللار ئەمگىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىرغىنچىلىق بولغاچقا، مەجبۇرىي ئەمگەككە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشتىكى رولى ئىنتايىن چوڭ ئىكەن. ئۇ سۆزىدە بۇنداق ئىقتىسادىي تەدبىرلەر بىلەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئارىسىدا دەماللىققا بىۋاسىتە باغلىنىش يوقتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«ئامېرىكا چىقارغان ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› نىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان 80 دىن ئوشۇق ماركا بار. بۇ ماركىلار يېمەك-ئىچمەك، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى، قۇياش ئېنېرگىيەسى، باتارېيە، خىمىيەلىك ماددىلار، ئېلېكتىرونلۇق زاپچاسلار، يۇمشاق-قاتتىق دېتاللار، يېزا ئىگىلىك، سەھىيە-دورىگەرلىك ماتېرىياللىرى، كىيىم-كېچەك، گۈزەللىك بۇيۇملىرى قاتارلىق كەڭ ساھەگە چېتىلىدۇ. مانا بۇ خىتايغا ئوخشاش ئىشلەپچىقىرىشقا تايىنىدىغان بىر دۆلەت ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ ئىقتىسادى زەربە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئۇلار بۇ خەلقئارالىق ماركىلارغا تەھدىت قىلىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ بۇنداق تەھدىتىگە ئۇچرىغان شىركەتلەر ئىنتايىن كۆپ.»
دەرۋەقە، خىتاي بىلەن تىجارەت قىلىۋاتقان بۇ خەلقئارالىق شىركەتلەر ئامېرىكانىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ۋە ھەمدە ياۋروپانىڭ ئالاقىدار چەكلىمىلىرى بويىچە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىشنى توختاتسا خىتاينىڭ جازالىشىدىن ئەنسىرەيدىغان، توختاتماي دېسە ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىشتىن ئەنسىرەيدىغان بىر قىسىنچىلىقتا قالغان. بۇندىن ئىلگىرى يەنى 2021-يىلى H&M، نايكى (Nike)، ئادىداس (Adidas)، نىۋ بالانس (NB)، بۇربېرىي (Burberry) قاتارلىق خەلقئارا ماركىلار ئۆزلىرىنىڭ «شىنجاڭ پاختىسى» نىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىلىپ قېلىشىغا بولغان ئەندىشىلىرىنى ئىپادىلەپ، «شىنجاڭ پاختىسى» نى ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي ئىستېمالچىلىرىنىڭ ھەمدە ھۆكۈمىتىنىڭ جازالىشىغا دۇچ كەلگەن ئىدى. ئەينى چاغدا شىركەتلەر بۇ سۆزلىرىدىن تېنىۋېلىشقا مەجبۇر بولغان.
خىتايدىكى ئامېرىكالىق تىجارەتچىلەر ئۇيۇشمىسى بۇ ھەقتە نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە «كېلۋىن كلايىن ۋە توممىي خىلفىگىر ماركىلىرىغا قارىتىلغان بۇنداق تەكشۈرۈش تۇنجى قېتىم ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئۈچۈن، ھەرقايسى ساھەدىكى شىركەتلەر بۇنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى باھالاپ چىقتى. كۆپىنچىلىرى خەتەرنىڭ ئۆرلەپ كەتكەنلىكىنى دېيىشمەكتە» دېگەن.
ئۇ ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى بويىچە ھەرىكەت قىلىۋاتقان شىركەتلەرنى بۇنداق تەھدىت قىلىشىغا قانداق تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭدا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار نېمە؟
نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىشىچە، شىركەتلەرنى خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەشكە دائىر قانۇنلارنى ئىمكاننىڭ بارىچە خەلقئارالاشتۇرۇش ۋە بۇ مەۋجۇت قانۇننى تېخىمۇ تاكاممۇللاشتۇرۇش كېرەك. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
«بۇ يەردە بىر قانچە يول بىلەن بۇنىڭ چارىسىنى تېپىش مۇمكىن. بىرىنچىسى، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىنى خەلقئارالاشتۇرۇش كېرەك. ئەگەر بىر مەھسۇلات ئامېرىكادا چەكلەنگەن بولسا ئۇ ھالدا ئۇ مەھسۇلات ياپونىيەدىمۇ، جەنۇبىي كورېيەدىمۇ ۋە دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە چەكلىنىشى كېرەك. ئىككىنچىدىن، پەقەت ئاتالمىش شىنجاڭ شىركەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتىلا ئەمەس، پۈتكۈل خىتاينىڭ مەھسۇلاتى چەكلىنىشى كېرەك. چۈنكى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئەڭ ئالدى بىلەن ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدە باشلانغان. شۇڭا ئامېرىكا بۇ قانۇننىڭ جۇغراپىيەلىك چەكلىمىسىنى ئېلىۋېتىشى كېرەك. ئۈچىنچىدىن، ئامېرىكا تاموژنىسىدىكى ئەڭ تۆۋەن چەك قائىدىسى بىكار قىلىنىپ، 800 دوللاردىن تۆۋەن پوسۇلكىلارنى تەكشۈرمەسلىكنى بىكار قىلىش كېرەك. ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە تاقابىل تۇرۇش قانۇنىغا تۈزىتىش كېرەك، ئۇ ھازىر يېتەرلىك ئەمەس.»
ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمى مۇئاۋىن دىرېكتورى مايا ۋاڭنىڭ رادىيومىزغا دېيىشىچە، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى تەھدىت ۋە تەشۋىقات ئارىلاش ھەرىكەت ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھال خىتايدا ئەسلىدىلا قېيىن ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتقان خەلقئارا شىركەتلەر ئۈستىدىكى بېسىمنى ئاشۇرۇشى ۋە نەتىجىدە بۇ شىركەتلەرنىڭ خىتايدىن ئايرىلىش قەدىمىنى يەنىمۇ تېزلىتىشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمى بويىچە تىجارەت قىلىش مەسئۇلىيىتى بولغان شىركەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن توشۇپ كەتكەن بىر دۆلەتتە نورمال تىجارەت قىلىشى مۇمكىن ئەمەس، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«شىركەتلەر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە شېرىك بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. بۇ خەلقئارا قانۇن-تۈزۈملەردە ئېنىق بېكىتىلگەن. شىركەتلەر بۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن تەمىنلەش زەنجىرلىرىنى ياخشى نازارەت قىلىشى ۋە تەكشۈرۈپ ئۆلچىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە شىركەتلەر يەنە ئۆزلىرى تىجارەت قىلماقچى بولۇۋاتقان دۆلەتنى ياخشى چۈشىنىشى كېرەك. ئەمدى خىتايغا كەلسەك، ئۇ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بومبىسى كۆمۈلگەن زېمىنغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ قەيەرىگىلا دەسسىسىڭىز، دەپسەندىچىلىكنىڭ چىققىنى چىققان. شۇڭا شىركەتلەرنىڭ بۇ دۆلەتتە نورمال تىجارەت قىلىمەن دېيىشى ئىنتايىن قېيىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي بىر مۇستەبىت دۆلەت بولغاچقا، ئۇنىڭدا قانۇن يوق، ئۇنىڭ ھەرقانداق قارارى خالىغانچە بولىدۇ. شۇڭا بۇ نۇقتىدىن ئالغاندىمۇ بۇ دۆلەتتە ئىش قىلىۋاتقان شىركەتلەرنىڭ ياخشى ئاقىۋەتكە قالمايدىغانلىقى ئېنىق.»
«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، گېرمانىيەنىڭ BASF شىركىتى ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما «ئالاقىدار دائىرىلەرنىڭ تەستىقلىشى» نى كۈتۈپ، ئۆزىنىڭ ھەمكارلىق پاي چېكىنى ھازىرغا قەدەر ساتالمىغان. ۋولكىسۋاگېن شىركىتىمۇ بۇ يىل 2-ئايدا، ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنىڭ «كېلەچىكىنى كۆزدىن كەچۈرىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ھازىرغا قەدەر بىر ئۆزگىرىش بولمىغان.
نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇ ئامېرىكانىڭ ياكى ياۋروپانىڭ شىركەتلىرى ئۆزى يالغۇز ھەل قىلالايدىغان مەسىلە ئەمەس بولۇپ، بۇنىڭغا چوقۇم شۇ ھۆكۈمەتلەر ياردەم قىلىشى ۋە خىتايدىن چېكىنىپ چىقماقچى بولۇۋاتقان شىركەتلەرنى قوللىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا خەلقئارا شىركەتلەرنى خىتاينىڭ جازاسىدىن قوغدىغىلى ۋە تېخىمۇ كۆپ شىركەتلەرنى كىشىلىك ھوقۇق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا ئۈندىگىلى بولىدۇ.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي سودا مىنىستىرلىقى PVH گۇرۇھىغا ئۆزلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ماسلىشىپ سوئاللىرىغا جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن 30 كۈن ۋاقىت بەرگەن بولۇپ، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ شىركەتنى خىتاي قانۇنىغا خىلاپلىق قىلدى، دەپ قارىسا، بۇ شىركەتكە جەرىمانە ۋە ھەتتا ساياھەت چەكلىمىسى قويۇشى مۇمكىنكەن. خىتاي سودا مىنىستىرلىقى يەنە، شىركەتنىڭ خىتايدىن قىلىدىغان ئېكسپورتىنى توختىتىشى مۇمكىنلىكىنى دېگەن.
بىز PVH گۇرۇھى بىلەن ئالاقە قىلىپ ئۇلارنىڭ بۇ مەسىلىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى سورىدۇق. شىركەتنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى مۇئاۋىن مۇدىرى ئالىسون راپپاپورت بىزگە قايتۇرغان ئىنكاسىدا «شىركەتنىڭ ھازىرچە بۇ سوئاللارغا جاۋاب قايتۇرالمايدىغانلىقىنى، بىراق شىركەت سىياسىتىگە ئاساسەن ئۆزلىرى تىجارەت قىلىۋاتقان بارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردىكى قانۇن-نىزاملارغا قاتتىق ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا خىتاي سودا مىنىستىرلىقى بىلەن ئالاقىدە بولۇپ، ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئۇلارغا جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى» بىلدۈرگەن.
PVH گۇرۇھى 1881-يىلى ئامېرىكادا قۇرۇلغان يىلتىزلىق شىركەت گۇرۇھلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ تومى ھىلفىگېر، كېلۋىن كلېين، ئىزود، PVH ياۋروپا ۋە باشقا تارماق شىركەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ شىركەت 2020-يىلى 7-ئايدا «شىنجاڭدىن پاختا، رەخت ۋە كىيىم-كېچەك سېتىۋېلىشنى كەلگۈسى 12 ئاي ئىچىدە توختىتىمىز» دەپ جاكارلىغان ئىدى.