«قانۇنسىز» كىتاب ساقلىغان جاپپار ئابلىمىتنىڭ يەتتە يىللىق قامالغانلىقى دەلىللەندى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىدى
2024.11.06
qanunsiz-neshr-kitab.jpg «قانۇنسىز نەشر بۇيۇم» لىرىنى يوقىتىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 21-ئاپرېل، ئۈرۈمچى
xj.xinhuanet.com

تۈركىيەدە ياشاۋاتقان يوپۇرغىلىق مۇھاجىرلاردىن بىرى ئۆز يۇرتداشلىرىدىن ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن، ئۆز مەھەللىسىدىكى جاپپار ئابلىمىتنىڭ يەتتە يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى، بۇ قاماق جازاسىغا پەقەت كىتاب ساقلىغانلىقىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، 2014 ‏-يىلى خىتاي دائىرىلىرى پۈتۈن ئاھالىلەرنى قوللىرىدىكى بارلىق «قانۇنسىز» ئۈن-سىن بۇيۇملىرى ۋە كىتاب-ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشقا دەۋەت قىلغاندا بەزىلىرى ۋاز كېچەلمەسلىك، بەزىلىرى قويغان جايىنى ئۇنتۇلۇپ قېلىش سەۋەبىدىن قوللىرىدىكى بىر قىسىم كىتابلار ساقلىنىپ قالغان.

2017-يىلدىكى چوڭ تۇتقۇن باشلانغاندا ئۆيلەر، ئامبارلار ۋە ئۆيدىكى بارلىق ئەشيالار بىر-بىرلەپ ئېچىپ تەكشۈرۈلگەنلىكتىن، ئەينى ۋاقىتتا ساقلىنىپ قالغان ئاز ساندىكى كىتابلارمۇ پاش بولۇپ قالغان. يوپۇرغىلىق مۇھاجىرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، جاپپار ئابلىمىت شۇ ناھىيەدە كىتاب ساقلىغانلىقى ئۈچۈنلا قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان يۈزلەرچە كىشىدىن بىرىدۇر.

بىز جاپپار ئابلىمىتنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، يوپۇرغا ناھىيە يەكشەنبە بازاردىكى ئالاقىدار كەنت ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. كەنت ساقچىسى دەسلەپتە ئۆزى تەۋە كەنتتە كىتاب ساقلىغانلىقى ئۈچۈن قامالغانلار بارلىقىنى رەت قىلدى. بىز جاپپار ئابلىمىتنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالغىنىمىزدىن كېيىن، ئۇنىڭ كىتاب يىغىۋېلىش چاقىرىقىغا بويسۇنمىغانلىقى ئۈچۈن يەتتە يىللىق قامالغانلىقىنى دەلىللىدى.

ئامېرىكىدىكى لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇتنىڭ بايان قىلىشىچە، 2017 ‏-يىلى چوڭ تۇتقۇن باشلانغاندا بەزى ئاھالىلەر ساقلاۋاتقان كىتابلىرىنى مەھەللىدىكى ئەخلەت ساندۇقى ياكى ئەۋرەز قۇدۇقلىرىغا تاشلىۋەتكەن. بۇ سەۋەبتىن ئۈرۈمچىدە زۇمرەت داۋۇت ئولتۇرۇۋاتقان مەھەللىدە ئەۋرەز يولى توسۇلۇپ قېلىپ، قاناللار رېمونت قىلىنغان. بۇ جەرياندا توسۇلۇپ قالغان قاناللاردىن «قۇرئانى كەرىم» قاتارلىق كۆپ ساندا كىتابلار لاتقىغا ئايلانغان ھالەتتە بايقالغان.

يەنە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بەزى ئاھالىلەر قوللىرىدىكى كىتابنىڭ مۇقەددەسلىكى ۋە پاكىز تۇتۇلۇشىنى كۆزدە تۇتۇپ كىتابلارنى پىلاستىك خالتىلارغا قاچىلاپ ئەتراپىدىكى سۇ ئامبىرى، ئۆستەڭ ياكى دەرياغا تاشلىۋەتكەن. شۇ چاغدا تاراتقۇلاردا يۇرۇڭقاش دەرياسىدا قاشتېشى سۈزۈۋاتقان خىتاي ئىشچىلارنىڭ دەريادىن بىر تۈركۈم كىتاب سۈزۈۋالغانلىقى ۋە بۇ كىتابلارنى ئەتراپتىكى ئاھالىلەرگە تەقدىم قىلغانلىقى، ئاھالىلەرنىڭ بولسا ۋەزىيەتتىن قورقۇپ، بۇ كىتابلارنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار تارقالغان. يەنە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلارنىڭ بىرىدە ئىلى دەرياسىنىڭ قازاقىستان بۆلىكىدە بىر چارۋىچىنىڭ دەريادىن پىلاستىك خالتىغا ئورالغان «قۇرئانى كەرىم» نى سۈزۈۋالغانلىقى سۈرەتلىك ھالدا خەۋەر قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.