كامبودژادىن قايتۇرۇلغان مەمەتتۇرسۇن ئۆمەرنىڭ ئېغىر كېسەل ھالەتتە تۈرمىدە ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىدى
2024.11.18
tayland-uyghur-xitaygha-yotkesh-1.jpg 109 ئۇيغۇرنى تايلاندتىن خىتايغا ئېلىپ ماڭغان كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 9-ئىيۇل.
CCTV

بۇنىڭدىن 15 يىل بۇرۇن كامبودژادىن خىتايغا قايتۇرۇلغان 20 ئۇيغۇرنىڭ 17 نەپىرى 16 يىللىقتىن مۇددەتسىزگە قەدەر كېسىۋېتىلگەنىدى. ئىنكاس قىلىنىشىچە، كېسىلگەنلەردىن ھېچبىرى تا ھازىرغىچە قويۇپ بېرىلمىگەن، ئەكسىچە ئىككى نەپىرى تۈرمىدە جان ئۈزگەن، بەزىلىرى ھەر خىل كېسەللىكلەرگە مۇپتىلا بولغان. مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلىشىچە، بۇلاردىن 20 يىللىق كېسىلگەن مەمەتتۇرسۇن ئۆمەر نۆۋەتتە «كۆز پولتىيىش» يەنى «قالقانسىمان بەز ئارتېرىيە قېتىش» كېسىلىگە گىرىپتار بولغان. دائىرىلەر ئۇنى مۇشۇ كېسەلچان ھالىتىدىمۇ تۈرمىدە ئەمگەككە سېلىشنى توختاتمىغان.

2009-يىلى 19-دېكابىر كۈنى كامبودژادىن خىتايغا قايتۇرۇلغان 20 ئۇيغۇردىن مەمەتتۇرسۇن ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىدىن بىرى - ئايشەمگۈل نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان بولۇپ، ئۇ ئەينى چاغدا مەزكۇر 20 ئۇيغۇرنىڭ بىرقىسمىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىلەن كۆرۈشۈش ۋە مۇڭدىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان. ئۇنىڭ بۇ ئالاقىسى، ئۆزى چەت ئەلگە چىقىپ كەتكەن 2014-يىلىدىن كېيىنمۇ، ھەر خىل قاناللار بىلەن داۋام قىلغان. ئۇنىڭ ئەڭ يېقىندا ئۇقۇشىچە، مەمەتتۇرسۇن ئۆمەر داخىيەن تۈرمىسىدە ئېغىر كېسەل بولۇپ، يۇرتى يەكەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن دورا ئەۋەتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. مەزكۇر ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى ئېغىر بولغاچقا، كېرەكلىك دورىلارنى يەتكۈزۈپ بېرەلمىگەن. ئايشەمگۈل خانىمنىڭ يەنە دېيىشىچە، مەمەتتۇرسۇن ئۆمەرنىڭ ئايال-بالىلىرى يەكەن بازار ئىچى 4-ئاھالىلەر كومىتېتى 7-مەھەللىدىن بولۇپ، بۇ ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ بىر ساقچى خادىمى بۇ يىل 10-ئاينىڭ ئاخىرى خىزمەت مۇناسىۋىتى داخىيەن تۈرمىسىگە بېرىپ مەمەتتۇرسۇن ئۆمەر بىلەن كۆرۈشكەن ۋە ئائىلىسىگە ئۇنىڭ سالىمىنى يەتكۈزگەن.

بىز ئايشەمگۈل خانىم تەمىنلىگەن ئالاقە ئۇچۇرىغا ئاساسەن مەزكۇر ساقچى خادىمىغا تېلېفون قىلدۇق. بۇ خادىمنىڭ دېيىشىچە، ئۆز تەۋەلىكىدىن داخىيەن تۈرمىسىدە جازا ئۆتەۋاتقان 10 نەچچە كىشى بار بولۇپ، ئۇ بۇ مەھبۇسلارغا ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم مەھەللىسىنىڭ «تەرەققىياتى» ۋە ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ «خاتىرجەم ۋە باياشات» ياشاۋاتقانلىقى يەنى پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ «غەمخورلۇقى» ھەققىدە مەلۇمات بېرىدىكەن. ئۇ بۇ قېتىم ئەنە شۇ ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش داۋامىدا، مەمەتتۇرسۇن ئۆمەرنىڭ كېسىلىدىن خەۋەر تاپقان. ئۇنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەمەتتۇرسۇن ئۆمەر ئاممىباب تىلدا «جاكاڭ» يەنى «كۆز پولتىيىش» كېسىلى دەپ ئاتىلىدىغان، مېدىتسىنادا «قالقانسىمان بەز ئارتېرىيە قېتىش كېسىلى» دېيىلىدىغان كېسەلگە گىرىپتار بولغان؛ 20 يىللىق جازا مۇددىتىنىڭ 15 يىلىنى تۈگەتكەن مەمەتتۇرسۇن ئۆمەر، مەزكۇر كېسەللىك سەۋەبىدىن نۆۋەتتە تەرلەش، ماغدۇرسىزلىنىش، سۆڭەك ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىك ئازابىنى چەكمەكتە ئىكەن.

مەزكۇر ساقچى خادىمى داخىيەن تۈرمىسىدىكى مەھبۇسلارغا تەشۋىقات خىزمىتىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، يەكەنگە قايتىپ كېلىپ، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ خىراجىتىدىن ئۇنىڭغا بىرقىسىم دورىلارنى ئەۋەتىپ بەرگەن. ئۇنىڭ يەنە ئاشكارىلىشىچە، تۈرمە دائىرىلىرى كېسەلچان مەمەتتۇرسۇن ئۆمەرگە «كۆپ ياردەملەرنى قىلغان» بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى تۈرمىدە ئەمگەككە سېلىشنى تېخىچە توختاتمىغان.

7‏-مەھەللە ئامانلىق مۇدىرى، مەمەتتۇرسۇن ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىڭ ھەقىقەتەن ناچار ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ كېسەللىرىگە كېرەك بولغان دورىلارنى تەمىنلەش ئىمكانىيىتى يوقلۇقىنى تىلغا ئالدى.

مەمەتتۇرسۇن ئۆمەرنىڭ تۇغقىنى ئايشەمگۈل خانىم، كامبودژادىن قايتۇرۇلۇپ كېلىنىپ كېسىلگەنلەردىن بىرىنىڭمۇ قويۇپ بېرىلمىگەنلىكى، ئىككىسىنىڭ تۈرمىدە جان ئۈزگەنلىكى، بۇ ئىككىسىدىن بىرىنىڭ مەمەتئەلى روزى ئىكەنلىكى؛ شۇ قاتاردا قايتۇرۇلغان، ئەمما 6 ئايدىن كېيىن ئىككى بالىسى بىلەن بىرلىكتە قويۇپ بېرىلگەن شېھىدە قۇرباننىڭ 4 ئايلىق ھامىلىسىنىڭ قىيىن-قىستاق داۋامىدا قورساقتىن چۈشۈپ كەتكەنلىكىنىمۇ ئىنكاس قىلغانىدى. نۆۋەتتە بۇ ئۇچۇرلار داۋاملىق ھالدا ئېنىقلانماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.