قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ 27 يىللىقىنى خاتىرىلىدى

ئالمۇتادىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان تەييارلىدى
2024.02.06
qazaqistan-5-fewral-07-1024

ئالمۇتادا «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ 27 يىللىقىغا بېغىشلانغان خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 4-فېۋرال، ئالمۇتا RFA/Oyghan

qazaqistan-5-fewral-05-1024

ئالمۇتادا «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ 27 يىللىقىغا بېغىشلانغان خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 4-فېۋرال، ئالمۇتا RFA/Oyghan

qazaqistan-5-fewral-01-1024

ئالمۇتادا «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ 27 يىللىقىغا بېغىشلانغان خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 4-فېۋرال، ئالمۇتا RFA/Oyghan

qazaqistan-5-fewral-02-1024

ئالمۇتادا «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ 27 يىللىقىغا بېغىشلانغان خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 4-فېۋرال، ئالمۇتا RFA/Oyghan

qazaqistan-5-fewral-03-1024

ئالمۇتادا «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ 27 يىللىقىغا بېغىشلانغان خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 4-فېۋرال، ئالمۇتا RFA/Oyghan

qazaqistan-5-fewral-04-1024

ئالمۇتادا «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ 27 يىللىقىغا بېغىشلانغان خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 4-فېۋرال، ئالمۇتا RFA/Oyghan

qazaqistan-5-fewral-06-1024

ئالمۇتادا «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ 27 يىللىقىغا بېغىشلانغان خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 4-فېۋرال، ئالمۇتا RFA/Oyghan

qazaqistan-5-fewral-09-1024

ئالمۇتادا «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ 27 يىللىقىغا بېغىشلانغان خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 4-فېۋرال، ئالمۇتا RFA/Oyghan

qazaqistan-5-fewral-10-1024

ئالمۇتادا «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ 27 يىللىقىغا بېغىشلانغان خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 4-فېۋرال، ئالمۇتا RFA/Oyghan

qazaqistan-5-fewral-11-1024

ئالمۇتادا «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ 27 يىللىقىغا بېغىشلانغان خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 4-فېۋرال، ئالمۇتا RFA/Oyghan

qazaqistan-5-fewral-12-1024

ئالمۇتادا «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ 27 يىللىقىغا بېغىشلانغان خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 4-فېۋرال، ئالمۇتا RFA/Oyghan

qazaqistan-5-fewral-13-1024

ئالمۇتادا «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ 27 يىللىقىغا بېغىشلانغان خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 4-فېۋرال، ئالمۇتا RFA/Oyghan

qazaqistan-5-fewral-14-1024

ئالمۇتادا «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ 27 يىللىقىغا بېغىشلانغان خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 4-فېۋرال، ئالمۇتا RFA/Oyghan

qazaqistan-5-fewral-15-1024

ئالمۇتادا «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ 27 يىللىقىغا بېغىشلانغان خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 4-فېۋرال، ئالمۇتا RFA/Oyghan

qazaqistan-5-fewral-17-1024

ئالمۇتادا «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ 27 يىللىقىغا بېغىشلانغان خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 4-فېۋرال، ئالمۇتا RFA/Oyghan

qazaqistan-5-fewral-16-1024

ئالمۇتادا «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ 27 يىللىقىغا بېغىشلانغان خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 4-فېۋرال، ئالمۇتا RFA/Oyghan

4-فېۋرال كۈنى ئالمۇتا شەھىرىنىڭ سۇلتانقورغان مەھەللىسىدىكى «قورغان» رېستورانىدا 1997-يىلىدىكى 5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 27 يىللىقى خاتىرىلەندى. خاتىرىلەش مۇراسىمنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىللىرى ئۇيۇشتۇردى. بۇ پائالىيەتكە ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئەتراپتىكى ناھىيەلەردىن بولۇپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەزالىرى ۋە جامائەت ۋەكىللىرىدىن 100 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.

خاتىرىلەش پائالىيىتىگە رىياسەتچىلىك قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەزاسى رەھىم مەڭسۈروف مەزكۇر يىغىلىشنىڭ ئاساسىي سەۋەبى ۋە مەقسىتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. ئاندىن ئازادلىق ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن قۇربان بولغان شېھىتلەرگە ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىندى.

ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسى غەيرەت يېزىسى ياشلار مەشرىپىنىڭ ئاساسچىلىرىنىڭ بىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بەختىشات مەمەتباقىيېف «غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋەتلىرى» تېمىسىدا دوكلات بەردى. ئۇ، ئىلى مەشرىپى يېتەكچىلىرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئادالەتلىك تەلەپ قىلىپ تىنچ نامايىش ئۇيۇشتۇرغانلىقى، ئەمما خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ نامايىشچىلارنى ئوققا تۇتۇپ، قىرغىنچىلىق پەيدا قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

مەزكۇر مۇراسىمدا سۆز قىلغان ۋەكىللەر، 5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ تارىخىي ساۋاقلىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىش-پائالىيەتلىرى ۋە ئۇنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللاپ-قۇۋۋەتلەشنىڭ مۇھىملىقى، ئانا تىلنى ساقلاش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن ئەسىرلىك باي مەدەنىيىتىنى تەرغىب قىلىش، ياشلارنى مىللىي روھتا تەربىيەلەش ۋە باشقىمۇ مەسىلىلەر ھەققىدە توختىلىپ ئۆتۈشتى.

مەزكۇر مۇراسىمدا 1944-1949-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزاسى، مىللىي ئارمىيە گېنېرالى مەرھۇم زۇنۇن تېيىپوفنىڭ جىيەنى تۇرسۇنئاي تېيىپوۋانىڭ نۇتۇقى جامائەتنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى. تۇرسۇنئاي تېيىپوۋا كوممۇنىست خىتايلار ئۇيغۇر دىيارىغا بېسىپ كىرگەندىن بۇيان ئۇلارنىڭ قانلىق سىياسىتىنىڭ بۈگۈنمۇ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ، بۇنىڭدىن 27 يىل ئىلگىرى غۇلجا ياشلىرىنىڭ ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان تىنچ نامايىشىنىڭ قانلىق باستۇرۇلۇشى، كەچۈرۈشكە بولمايدىغان جىنايەتتۇر، دېدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەزاسى، تىلشۇناس، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزات دوكتورى دىلنۇر قاسىموۋا خانىم مۇنداق دېدى: «خىتاي ۋەتىنىمىزگە بېسىپ كىرگەندىن بۇيان خەلقىمىزنى بىكارغا ئىشلىتىپ، قىيناۋاتىدۇ، زىيالىيلىرىمىزنى تۈرمىلەرگە قاماپ، ئازابلاۋاتىدۇ، بالىلارنى ئانىلىرىدىن ئايرىپ، ئۇلارنى زار قاقشىتىۋاتىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى شۇ تۈرمىلەردە، لاگېرلاردا يېتىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، بۈگۈنكى كۈندە شۇ قېرىنداشلىرىمىزنى ئازاد قىلىش، ۋەتىنىمىزنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش، خەلقىمىزنى خىتاي چاڭگىلىدىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن، ئۆزىمىز بىرىنچى بولۇپ ھەرىكەت قىلمىساق، كىم بىزنى قۇتۇلدۇرۇپ قويىدۇ؟ ئىككىنچىدىن، بىز قازاقىستاندا ياشاۋاتىمىز. بۇ ئەلدە ئانا تىلىدا مەكتەپلىرىمىز بار. توغرا، مۇھاجىرەتتىكى قېرىنداشلىرىمىز ئانا تىلىمىزنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن يەكشەنبىلىك مەكتەپلەرنى، كۇرسلارنى ئېچىۋاتىدۇ. كۆپ ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ. ئەمما بىز قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار بار ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ، مىللىي قەدرىيەتلىمىزنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكەت قىلمىساق بولمايدۇ. غۇلجا ياشلىرى ئۆز ۋاقتىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ئۆزلىرىنىڭ مانا مۇشۇنداق ئىنسانىي ھەقلىرىنى تەلەپ قىلغان، ھەمدە شۇ يولدا ئۆزلىرىنىڭ جانلىرىنى قۇربان قىلغان ئەمەسمىدى! ؟ بىز بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىشىمىز كېرەك، دەپ ئويلايمەن. »

دىلنۇر قاسىموۋا 1997-يىلىدىكى غۇلجا قىرغىنچىلىقى قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئومۇميۈزلۈك ئۆتكۈزۈپ، ئۇنى پۈتكۈل دۇنياغا تونۇشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان غەيرەت يېزىسى ياشلار مەشرىپىنىڭ ئاساسچىلىرىنىڭ بىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بەختىشات مەمەتباقىيېف مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى بۇ خاتىرىلەش پائالىيىتىدە تارىخىمىزغا، ئانا تىلىمىزغا، مەدەنىيىتىمىزگە مۇناسىۋەتلىك ياخشى ۋە تەسىرلىك پىكىرلەر، تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ھەقىقەتەنمۇ غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ بىزنىڭ ياشلىرىمىزغىمۇ كۆرسەتكەن تەسىرى چوڭقۇر دەپ ئويلايمەن. شۇ ۋەقەدىن كېيىن، بولۇپمۇ قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن بىزدە مىللىي قەدرىيەتلىرىمىزنى ساقلاش، تەشۋىق قىلىش ئىشلىرى كەڭ قانات يايدى. بولۇپمۇ غۇلجا ياشلىرىنىڭ ئالغا سۈرگەن ئۇلۇغ تەشەببۇسى-خەلقىمىزنىڭ ئۇزۇن ئەسىرلىك مىللىي مەدەنىيەت بايلىقى-مەشرىپىمىزنى راۋاجلاندۇرۇش، ئۇنى تەشۋىق-تەرغىب قىلىش، كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئۈلگە-ئىبرەت سۈپىتىدە قالدۇرۇش نىيىتى بىزگە ھەقىقەتەنمۇ چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردى. بىز خەلقىمىزنىڭ ھۆرلۈكى ۋە مىللىي قەدىرىيەتلىرىنى ساقلاش يولىدا ئۆز جانلىرىنى قۇربان قىلغان ئەنە شۇنداق مىللەتپەرۋەر شەخسلىرىمىزنى، شۇ جۈملىدىن غۇلجا ۋەقەسىدە مەردانىلىق بىلەن مەيدانغا چىقىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىي ھەقلىرى ئۈچۈن قۇربان بولغان قېرىنداشلىرىمىزنى ئەسلەشنى ئۆزىمىزنىڭ بۇرچى دەپ ھېسابلايمىز. بىز خەلقىمىزنىڭ بۈگۈنكى تەلەپلىرىنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا، شۇ يولدا جان پىدالىق بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتقان بارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا، مىللەتپەرۋەر شەخسلىرىمىزگە چەكسىز مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز. ئاخىرىدا دەيدىغىنىم، بىرلىكىمىز، ئىتتىپاقلىقىمىز ھەرگىز ئۈزۈلمىگەي! »

ئالمۇتادا ئۆتكۈزۈلگەن «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ 27 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىنىڭ قاتناشقۇچىلىرى بىردەك، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باشلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن قوللاپ-قۇۋۋەتلەشتە بۇنىڭدىن كېيىن ئاكتىپ ئىش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.