قازاقىستاندا ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى مەكتەپنىڭ 60 يىللىقى قۇتلۇقلاندى
2024.11.15
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان مائارىپىنىڭ ئاساسى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا سېلىنغان. بۇ ئۇلنى سالغۇچىلارنىڭ بىرى، ئەينى ۋاقىتلاردا يەتتىسۇدا سوۋېت ھاكىمىيىتىنى ئورنىتىشقا ئاكتىپ قاتناشقان، ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ، مەدەنىيەت، مەتبۇئات قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا زور رول ئوينىغان دۆلەت ئەربابى ۋە سىياسەت ئادىمى ئابدۇللا روزىباقىيېفتۇر.
بۈگۈنكى كۈندە قازاقىستاندىكى 60 قا يېقىن ئارىلاش تىلدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىلىدىغان، يەنى رۇس، قازاق، ئۇيغۇر تىللىرىدا ئارىلاش ئوقۇتۇلىدىغان، شۇنداقلا ساپ ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىلىدىغان مەكتەپلەردە 17 مىڭدەك ئۇيغۇر پەرزەنتى بىلىم ئالماقتا. بۇ مەكتەپلەرنى ئانا تىلىدا تاماملاپ، دۆلەتنىڭ ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىدا بىلىم ئېلىۋاتقان ھەمدە ھەر ساھەلەردە ئەمگەك قىلىپ، چوڭ ئۇتۇقلارغا ئېرىشىۋاتقان ئۇيغۇر قىز-يىگىتلىرىمۇ ئاز ئەمەس. ئەنە شۇنداق مەكتەپلەرنىڭ بىرى ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيەدۇر. ئالمۇتا شەھىرىنىڭ دوستلۇق مەھەللىسىگە جايلاشقان مەزكۇر بىلىم دەرگاھى تولۇق ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان مەكتەپ بولۇپ، يېقىندا بۇ مەكتەپ ئۆزىنىڭ 60 يىللىقىغا بېغىشلانغان مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى.
مۇراسىمغا ئالمۇتا شەھەرلىك بىلىم دەرگاھلىرى، جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر ۋە ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، زىيالىيلار، پېشقەدەم ئۇستازلار، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار قاتناشتى. مۇراسىم قازاق ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، دەسلەپتە قازاقىستاننىڭ دۆلەت مارشى ئورۇندالدى.
مەكتەپ ھاياتىدىن ئېلىنغان «ئانا مەكتىپىم-ئالتۇن ماكانىم» ناملىق ۋىدىيو كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، مەكتەپنىڭ 60 يىللىقىغا بېغىشلانغان كىتابنىڭ لېنتىسىنى كېسىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىن رىياسەتچىسى مۇنداق دېدى: «مەكتىپىمىزنىڭ 60 يىللىق تەۋەللۇتى مۇناسىۋىتى بىلەن مەكتەپ تارىخىنى، شۇ يىللار ئىچىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان يېڭى ئىدىيەلەر ۋە ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرى، بىلىم ئۇرۇقىنى چاچقان ئۇستازلار ۋە مەكتەپ ھاياتىنىڭ ئەڭ ئەھمىيەتلىك ۋەقەلىرىنى ئىزھار قىلغان بۇ كىتابنى تەييارلاپ چىقتۇق. مەكتەپنىڭ 60 يىللىق تارىخىنىڭ ئۆزى-بىر كىتاب بولۇپ، ھەر بىر يۈزلىنىش، ھەر بىر ئېتىراپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ، ئۇستازلارنىڭ ھەم شۇنداقلا ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ ساندۇقى.»
بۇ مۇراسىمغا ئالمۇتا شەھىرى قازاقىستان خەلقى بىرلەشمىسى كاتىباتلىقىنىڭ يېتەكچىسى نازار بالغىمبايېف ۋە ئەۋېزوف ناھىيەسى ھاكىمىنىڭ ئورۇنباسارى بانۇ ماناپوۋا قاتناشتى. ئۇلار سۆزلىرىدە قازاقىستاننىڭ مائارىپ ئەلاچىسى شاۋكەت نىياز ئوغلى ئۆمەروف باشقۇرۇۋاتقان گىمنازىيە كوللېكتىپىنى ۋە بارلىق مېھمانلارنى سەمىمىي تەبرىكلىدى.
بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قېتىم چاقىرىلغان قازاقىستان پارلامېنتى سېناتىنىڭ ئەزاسى مارس باتتالوف سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «ھۆرمەتلىك پېداگوگىكا كوللېكتىپى، سىلەرنى بۈگۈن مۇشۇ شەرەپلىك تەۋەللۇت بىلەن تەبرىكلەيمەن. زېرىپ ئاكا مولوتوفتىن باشلاپ مۇشۇ يەردە ئولتۇرغان مەكتەپنىڭ پېشقەدەم ئۇستازلىرىغا باش ئېگىپ سالام بېرىمەن. بۇ سىلەرنىڭ ئەمگىكىڭلارنىڭ مېۋىسى. يەنە ئېيتىدىغىنىم شۇكى، ھۆرمەتلىك ئوقۇغۇچىلار ۋە مۇئەللىملەر، مەكتىپىڭلار بىلەن پەخىرلىنىڭلار، چۈنكى مۇنداق مەكتەپلەر ئاز بولۇپ، بىردىنبىر سانىلىدۇ. »
ئاندىن تۆتىنچى ۋە بەشىنچى قېتىم چاقىرىلغان قازاقىستان پارلامېنتى ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى مۇرات ئەخمەدىيېف، «بېنت» شىركىتىنىڭ باشقارما رەئىسى دىلمۇرات قۇزىيېف، جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى دولقۇنتاي ئابدۇخېلىل، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى جەمئىيەتلىك بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ھاكىمجان ئارۇپوف، ئالمۇتا شەھەرلىك بىلىم بېرىشتىكى يېڭى تېخنولوگىيەلەرنىڭ ئىلمىي-مېتودىكىلىق مەركىزى رەھبىرى دەئۇرېن ساغىنغالىيېف، قازاقىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن مۇئەللىمى، 140-مەكتەپ-گىمنازىيەنىڭ مۇدىرى سانىيا تىلېئۇباي، «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى يېرشات ئەسمەتوف ۋە باشقىلار مەكتەپنىڭ ئېرىشكەن ئۇتۇقلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، ئۆز تىلەكلىرىنى بىلدۈردى ۋە سوۋغىلىرىنى تاپشۇردى.
مۇراسىم ئاخىرىدا سۆز ئالغان مەكتەپ مۇدىرى شاۋكەت ئۆمەروف بارلىق مېھمانلارغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.
مۇراسىم داۋامىدا مەكتەپ مۇئەللىملىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى، شۇنىڭدەك مۇرات ئەخمەدىيېف باشلىغان «ياشلىق» ئانسامبىلىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن چوڭ كونسېرت پىروگراممىسى كۆرسىتىلدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان پېشقەدەم ئۇستاز، نەشرىياتچى زېرىپ مولوتوف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئالدى بىلەن شۇنى ئېيتىمەنكى، بۈگۈنكى كۈندە مەكتەپنىڭ مەجلىس زالى، مەيدانى، قورۇسى ۋە باشقا ئەسلىھەلىرى زامانىۋى، ئادەمنىڭ كۆڭلى خوش بولغۇدەك دەرىجىدە ئازادە. مۇنداق مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى ئوقۇماسلىققا ھېچ ھەققى يوق. مەكتەپنىڭ ئۆتمۈشىگە قارايدىغان بولساق، مەن بۇ مەكتەپكە 1968-يىلى ئىشقا ئورۇنلاشقان. ئۇ ۋاقىتتا بۇ مەكتەپتە بارى-يوقى 182 ئوقۇغۇچى بار بولۇپ، سەككىزىنچى سىنىپقىچە ئوقۇتۇلاتتى. مۇئەللىملەر كوللېكتىپى 30 غا يېقىن ئادەم ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە مەكتەپتە 1500 ئەتراپىدا ئوقۇغۇچى بار. مۇئەللىملەرنىڭ سانى 100 دىن ئېشىپ كەتكەن بولسا كېرەك.»
زېرىپ مولوتوف، شاۋكەت ئۆمەروفنىڭ توغرا ۋە ئاقىلانە يېتەكچىلىكىدە مەكتەپنىڭ چوڭ ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئاباي نامىدىكى قازاق مىللىي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى رۇسلان ئارزىيېف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «خەلقىمىزنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەنتى ئابدۇللا روزىباقىيېف نامى بىلەن ئاتىلىدىغان 153-ئۇيغۇر مەكتەپ-گىمنازىيەسى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭلا ئەمەس، بەلكى دۇنيادىكى بارلىق مىللەتپەرۋەر ۋە مەرىپەتپەرۋەر ئۇيغۇرلارنىڭ پەخرىگە ئايلاندى، دەپ ئېيتساق ئارتۇق بولمايدۇ. مەزكۇر مەكتەپ-گىمنازىيەمىز ئۆزىنىڭ بىلىم كۆرسەتكۈچلىرى بويىچە قازاقىستاندىكى ئەڭ ئىلغار مەكتەپلەر قاتارىدا بولسا؛ ئوقۇغۇچىلارنى مىللىي مەدەنىيەت ۋە مىللىي سەنئەت مۇھىتىمىزدا تەربىيەلەش، يەنى مىللىي تەربىيە ئىشلىرىدا بارلىق ئانا تىللىق مەكتەپلىرىمىزگە ئۈلگە بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. ھەر قانداق مەكتەپنىڭ ئۇتۇقى ئۇنىڭ رەھبەرلىكى قاتلىمىغا باغلىق ئىكەنلىكى شۈبھىسىز. مەكتەپ مۇدىرى شاۋكەت ئۆمەروف قازاقىستانغا تونۇلغان مائارىپچى ۋە ماھىر تەشكىلاتچى.»
رۇسلان ئارزىيېف يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «قازاقىستاندا مۇئەللىملەرنى تەييارلايدىغان پېداگوگىكىلىق ئۇنىۋېرسىتېتلار بار. ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدىكى ئۇستازلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئالمۇتا شەھىرىگە ئورۇنلاشقان ئاباي نامىدىكى قازاق مىللىي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ۋە قىزلار مىللىي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىلىم ئالىدۇ. بۇ ئۇنىۋېرسىتېتلاردا مەكتەپتە ئوقۇتۇلىدىغان بارلىق پەنلەر بويىچە ئۇستازلار تەييارلىنىدۇ. ئۇلار قازاق ۋە رۇس تىللىرىدا بىلىم ئالىدۇ. كېيىنكى يىللىرى قازاق تىلىدا بىلىم ئالىدىغان ياشلارنىڭ سانى جىددىي ئۆسمەكتە. ھازىر ئوقۇغۇچىلارنىڭ 80 پىرسەنتىگە يېقىنى ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىدا دۆلەت تىلى قازاق تىلىدا ئوقۇيدۇ. بۇ ئەھۋال ئۇيغۇرچە مەكتەپنى تاماملىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىغا چۈشۈپ، تىلدىن قىينالماي، بىمالال ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېتىشىگە ياخشى ئاساس بولدى.»
ئىگىلىشىمىزچە، ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيەنى شاۋكەت ئۆمەروف باشقۇرغان يىللىرى، يەنى 2001-يىلى مەكتەپكە «كۆپ ساھەلىك گىمنازىيە» مەرتىۋىسى بېرىلىپ، يېڭى دەرىجىگە كۆتۈرۈلگەن. بۇ مەكتەپ يەنە ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەمدە يۇنېسكو بىلەن زىچ ئالاقە ئورنىتىپ ئىشلىگەن. نەتىجىدە 2016-يىلى بۇ مەكتەپ يۇنېسكو ئىختىساسلاشتۇرۇلغان مەكتەپلەر قاتارىغا قوشۇلغان. كېيىنكى يىللاردا مەكتەپ «ئالمۇتا مەكتەپلىرى» لايىھەسىگە قاتناشقان ھەمدە خەلقئارا باكالاۋرىيات (international baccalaureate) پىروگراممىسىغا نامزات مەكتەپ سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن.