«ئاسىيا بۈگۈن» گېزىتى ۋە قازاقىستاندا ئۇيغۇر تىلىدا چىقىۋاتقان باشقا گېزىتلەر دۇچ كېلىۋاتقان مۇشتەرى مەسىلىسى

ئالمۇتادىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان تەييارلىدى
2023.11.29
asiya-bugun-06

«ئاسىيا بۈگۈن» گېزىتىگە مۇشتەرى توپلاش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈشلەر، 2023-يىلى 28-نويابىر، ئالمۇتا RFA/Oyghan

asiya-bugun-01

«ئاسىيا بۈگۈن» گېزىتىگە مۇشتەرى توپلاش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈشلەر، 2023-يىلى 28-نويابىر، ئالمۇتا RFA/Oyghan

asiya-bugun-02

«ئاسىيا بۈگۈن» گېزىتىگە مۇشتەرى توپلاش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈشلەر، 2023-يىلى 28-نويابىر، ئالمۇتا RFA/Oyghan

asiya-bugun-03

«ئاسىيا بۈگۈن» گېزىتىگە مۇشتەرى توپلاش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈشلەر، 2023-يىلى 28-نويابىر، ئالمۇتا RFA/Oyghan

asiya-bugun-04

«ئاسىيا بۈگۈن» گېزىتىگە مۇشتەرى توپلاش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈشلەر، 2023-يىلى 28-نويابىر، ئالمۇتا RFA/Oyghan

asiya-bugun-07

«ئاسىيا بۈگۈن» گېزىتىگە مۇشتەرى توپلاش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈشلەر، 2023-يىلى 28-نويابىر، ئالمۇتا RFA/Oyghan

asiya-bugun-05

«ئاسىيا بۈگۈن» گېزىتىگە مۇشتەرى توپلاش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈشلەر، 2023-يىلى 28-نويابىر، ئالمۇتا RFA/Oyghan

ھازىر قازاقىستاندا ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنىۋاتقان گېزىتلەر مۇشتەرى توپلاش ئىشلىرى بىلەن جىددىي شۇغۇللانماقتا. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا 1957-يىلدىن بۇيان «كوممۇنىزم تۇغى»، ئاندىن سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن «ئۇيغۇر ئاۋازى» نامى بىلەن نەشر قىلىنىپ كېلىۋاتقان مەتبۇئاتتىن تاشقىرى شەخسىيلەرنىڭ، جەمئىيەتلىك تەشكىلاتلارنىڭ ۋە ئاۋام خەلقنىڭ ھامىيلىقىدا نەشر قىلىنىۋاتقان گېزىتلەرمۇ مەۋجۇتتۇر. شۇلارنىڭ بىرى ئاممىۋىلىقى جەھەتتىن ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئالمۇتا شەھىرىدە چىقىۋاتقان جۇمھۇرىيەتلىك «ئاسىيا بۈگۈن» گېزىتىدۇر.

 «ئاسىيا بۈگۈن» گېزىتى ئاساسىي جەھەتتىن ئۇيغۇر تىلىدا ۋە قىسمەن رۇس تىلىدا چىقىدۇ، گېزىت سەھىپىلىرىدىكى بەزى ماقالە ۋە ئەسەرلەر ئۇيغۇر كونا يېزىقىدىمۇ بېسىلىدۇ. ئۇ قازاقىستاننىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلىرىدا تارقىتىلىدۇ. گېزىتنىڭ ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچىقازاق، پانفىلوف ناھىيەلىرى بويىچە مەخسۇس مۇخبىرلىرى ئىشلەيدۇ. ھازىر بارلىق جايلاردا مەزكۇر گېزىتنى تەرغىب قىلىش ۋە ئوقۇرمەنلەر سانىنى كۆپەيتىش ئىشلىرى ئېلىپ بېرىلماقتا.

ئۇنداقتا، «ئاسىيا بۈگۈن» گېزىتىنىڭ تەقدىرى قانداق بولىدۇ؟ گېزىت ساھىبلىرى ئۇيغۇر تىلىدىكى بۇ گېزىتنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قانداق ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ؟

بىز گېزىت تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان ئۇنىڭ مۇخبىرى، باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلەپ كەلگەن تونۇلغان شائىرە تاشگۈل ھېزىياروۋانى زىيارەت قىلدۇق. ھازىر ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىنىڭ قورام يېزىسىدا تۇرۇۋاتقان تاشگۈل ھېزىياروۋا خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، «ئاسىيا بۈگۈن» گېزىتى 2006-يىلدىن باشلاپ يورۇق كۆرۈۋاتقان بولۇپ، ئۇ شۇ ۋاقلاردا مەرھۇم ئابدۇللام ھوشۇروف باشقۇرغان ئالمۇتا شەھەرلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغانىكەن.

تاشگۈل ھېزىياروۋا گېزىتنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلاردا كۆپلىگەن قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ئۇ ۋاقىتلاردا نۇرغۇن بالىلار ئىشلىدى. ئايلىق ئاز بولغانلىقتىن ياش، تالانتلىق بالىلارنىڭ ھەممىسى كەتتى. گېزىت ئېچىلغاندا ئابدۇللامنىڭ قېشىدا لايىھەلىگۈچى ئابلەھەت ھوشۇروف بىللە كەلدى. كېيىن كارلىن مەخپىروف قىرغىزىستاندا ئەرزان ئىكەن دەپ، شۇ ياقتا بېسىپ چىقىرىپ، ئۆتكۈزۈپ يۈردى. ئۇنى بىز مەھەللىمۇ-مەھەللە تارقىتىمىز. ئۇلارنىڭ پۇلىنى يىققىچە قىينىلىپ كېتەتتۇق. كېيىن ئابدۇللام پوچتا ئارقىلىق تارقىتىدىغان قىلدى. شۇ ۋاقىتلاردا ئۇيغۇرلاردا بىرىنچى قېتىم جۇمھۇرىيەتلىك مۇستەقىل گېزىتى چىقتى.»

تاشگۈل ھېزىياروۋا، ئابدۇللام ھوشۇروفنىڭ ئىلتىماسى بىلەن گېزىتنىڭ باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلەۋاتقان مەزگىللىرىدە ئىنتايىن كۆپ قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما كۆپچىلىكنىڭ ياردىمى بىلەن گېزىتنى ساقلاپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، ئاتاقلىق شائىر ۋە ژۇرنالىست ئىلاخۇن جېلىلوفنىڭ چوڭ ياردەم كۆرسىتىپ، مەنىۋىي قوللاپ-قۇۋەتلەپ كەلگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «شۇنىڭ بىلەن ئالتە يىل گېزىتنى چىقاردۇق. ئوقۇرمەنلىرىمىز بارغانسېرى گېزىتىمىزنى ماختاشقا باشلىدى. گېزىتتە شۇنچە يىل ئىشلەپ، بىرەر قېتىممۇ يامان بولدى دېگەن سۆزنى ئاڭلىماپتىمىز. يىگىت باشلىرى، مەدەنىيەت مەركەزلىرى، خانىم-قىزلار، چوڭ ئاتىلار قولىدىن كېلىشىچە ياردەم بەردى. شائىر-يازغۇچىلىرىمىز يېشىنىڭ چوڭ بولغىنىغا قارىماي، ماتېرىياللىرىنى ئەۋەتىپ تۇردى. يوق ماتېرىيالنى ئۆزىمىز ئىزدىدۇق. گېزىتكە مۇشتەرى توپلاش ۋاقتىدا مەن بىر چەتتىن ياركەنت، ئۇيغۇر، ئەمگەكچىقازاق، تالغىر ناھىيەلىرىگە باراتتىم. خەلققە چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق گېزىت 4200 تىراژغا كۆتۈرۈلدى. گېزىتنى 1500 تىراژ بىلەن ئالغان ئىدىم. شۇنىڭدىن كېيىن گېزىتىمىز كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى.»

تاشگۈل ھېزىياروۋا مەزكۇر گېزىتتە 15 يىل ئىشلەپ، ئالتە يىل گېزىتنى باشقۇرغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ھازىرمۇ شۇ گېزىتنىڭ باش مۇھەررىرى، تونۇلغان يازغۇچى ۋە شائىر، قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى تېلمان نۇراخۇنوفنىڭ ئىلتىماسى بىلەن ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسى بويىچە مەزكۇر گېزىتنىڭ مۇخبىر بولۇپ ئىشلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، تېلمان نۇراخۇنوف باش مۇھەررىر بولۇپ كەلگەندىن بۇيان گېزىت ئىشلىرى ياخشىلىنىپ، ھازىر ئېيىغا ئىككى ئەمەس، بەلكى ئۈچ قېتىم نەشر قىلىنماقتىكەن.

مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئالىمجان ھەمرايېفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەنتى، دۆلەت ئەربابى ئابدۇللا روزىباقىيېف قازاقىستاندا ئۇيغۇر مەتبۇئاتىنىڭ ئاساسىنى سالغاندىن بۇيان كۆپلىگەن نەشرلەر يورۇق كۆرۈپ كەلگەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندە دۆلەت تەرىپىدىن غەمخورلۇققا ئېلىنغان ‹ئۇيغۇر ئاۋازى› گېزىتى ناھايىتى ياخشى چىقىۋاتىدۇ. شۇنىڭغا قوشۇمچە بىر تۈركۈم نەشرلەر بار. شۇلارنىڭ بىرى بولغان <ئاسىيا بۈگۈن> گېزىتى خەلقنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن چىقىۋاتىدۇ. ئۇندىن باشقا ئۇيغۇر ناھىيەسىدە ئېلان قىلىنىۋاتقان «ئىلى ۋادىسى» گېزىتى بار. بۇ گېزىتلەر مەدەنىيەت تارىخىمىزدا زور رول ئوينايدۇ. ئەمما كېيىنكى ۋاقىتلاردا بىز بەلگىلىك خىرىسلارغا ئۇچراۋاتىمىز. مۇشتەرىلەر سانىنىڭ ئازىيىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىمىز. ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ھازىر بۇ گېزىتلەرنى ئوقۇش مەسىلىسىدە قىيىنچىلىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ. ياشلىرىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ ئانا تىلىدا چىقىۋاتقان گېزىتلەرگە قانداق جەلپ قىلىش مەسىلىسى ناھايىتى جىددىي ئەھۋالدا تۇرۇۋاتىدۇ.»

 ئالىمجان ھەمرايېف ھازىرقى ئىلمىي-تېخنىكا، تېخنولوگىيە تەرەققىي ئەتكەن بىر دەۋردە ياش ئەۋلادنىڭ ئۆز مىللىي كىملىكىنى ئۇنتۇپ كېتىش خەۋپىنىڭمۇ يوق ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇشۇنداق بىر شارائىتتا بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشنىڭ مۇھىملىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ يېقىندا ئالمۇتا شەھىرىنىڭ مەسىم ياقۇپوف نامىدىكى 101-مەكتەپ-گىمنازىيەدە ئۆتكەن «بىز <ئاسىيا بۈگۈن> گېزىتىنى ئوقۇيمىز» دەپ ئاتالغان مۇسابىقە-فېستىۋالىنىڭ مەقسىتىنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈردى: «مۇشۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش بويىچە مۇشۇنداق مۇسابىقىلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق، بىز بالىلارنى گېزىتىمىزنى ئوقۇشقا جەپ قىلىمىز دېگەن ئويدىمىز. بۇ مۇسابىقىنىڭ مەقسىتى بالىلارنى ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتىگە، ئەدەبىياتىغا، تارىخىغا قىزىقتۇرۇش. مەلۇم جەھەتتە بۇ مەقسەتكە يېتىۋاتىمىز دەپ ئويلايمەن. بىراق كۆپچىلىكنىڭ ئارىسىدا بۇ مەسىلە ناھايىتى مۇرەككەپ. كۆپلىگەن ياشلىرىمىز تىرىكچىلىك غېمىدە. قازاقىستاندىكى شارائىتىمىزدا مەنىۋىي جەھەتتىن مۇشۇ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرساق دېگەن نىيەتتەمىز. كېلەچەك ئەۋلادلار ئالدىدا قەرز-پەرزلىرىمىزنى ئادا قىلىۋاتىمىز دېگەن ئويدىمىز.»

سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئۇ قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىللىق گېزىتلەرگە ماقالە يازالايدىغان، ئانا تىلىدا بىلىم بېرەلەيدىغان، سەھنىلەردە ئۇيغۇر مىللىي سەنئىتىنى نامايىش قىلالايدىغان، ئومۇمەن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قالالايدىغان ياشلارغا ناھايىتى موھتاج ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستان مۇستەقىللىققا ئېرىشىپ، ئۇيغۇر تىلىدا «ئانا مەكتەپ»، «مەرىپەت» ، «خۇش كەيپىيات»، «دىدار» قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللار ئارقا-ئارقىدىن نەشىر قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى كېيىنچە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلار تۈپەيلىدىن نەشردىن توختىغان ئىكەن. ھازىر «ئېھسان»، «ئىنتىزار»، «ئاخبارات»، «ئۇيغۇر-پېن»، «غۇنچە»، «ئىجادكار» قاتارلىق ئۇيغۇر تىلىدىكى ژۇرناللار ئاساسەن ئۆز خىراجىتى ھېسابىغا نەشر قىلىنماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.