ئۇيغۇر قىزى ئەلەنۇر تۇرغانوۋا بوكستىن دۇنيا چېمپىيونى بولدى

ئالمۇتادىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان تەييارلىدى
2024.11.07
elanur-turghanova-boks-09

بوكس بويىچە ياشلار ئارىسىدا دۇنيا چېمپىيونى ئاتىقىغا سازاۋەر بولغان ئەلەنۇر تۇرغانوۋا. 2024-يىل، نويابىر، قازاقىستان RFA/Oyghan

elanur-turghanova-boks-13

بوكس بويىچە ياشلار ئارىسىدا دۇنيا چېمپىيونى ئاتىقىغا سازاۋەر بولغان ئەلەنۇر تۇرغانوۋا. 2024-يىل، نويابىر، قازاقىستان RFA/Oyghan

elanur-turghanova-boks-12

بوكس بويىچە ياشلار ئارىسىدا دۇنيا چېمپىيونى ئاتىقىغا سازاۋەر بولغان ئەلەنۇر تۇرغانوۋا. 2024-يىل، نويابىر، قازاقىستان RFA/Oyghan

elanur-turghanova-boks-11

بوكس بويىچە ياشلار ئارىسىدا دۇنيا چېمپىيونى ئاتىقىغا سازاۋەر بولغان ئەلەنۇر تۇرغانوۋا. 2024-يىل، نويابىر، قازاقىستان RFA/Oyghan

elanur-turghanova-boks-10

بوكس بويىچە ياشلار ئارىسىدا دۇنيا چېمپىيونى ئاتىقىغا سازاۋەر بولغان ئەلەنۇر تۇرغانوۋا. 2024-يىل، نويابىر، قازاقىستان RFA/Oyghan

elanur-turghanova-boks-08

بوكس بويىچە ياشلار ئارىسىدا دۇنيا چېمپىيونى ئاتىقىغا سازاۋەر بولغان ئەلەنۇر تۇرغانوۋا. 2024-يىل، نويابىر، قازاقىستان RFA/Oyghan

elanur-turghanova-boks-07

بوكس بويىچە ياشلار ئارىسىدا دۇنيا چېمپىيونى ئاتىقىغا سازاۋەر بولغان ئەلەنۇر تۇرغانوۋا. 2024-يىل، نويابىر، قازاقىستان RFA/Oyghan

elanur-turghanova-boks-06

بوكس بويىچە ياشلار ئارىسىدا دۇنيا چېمپىيونى ئاتىقىغا سازاۋەر بولغان ئەلەنۇر تۇرغانوۋا. 2024-يىل، نويابىر، قازاقىستان RFA/Oyghan

elanur-turghanova-boks-05

بوكس بويىچە ياشلار ئارىسىدا دۇنيا چېمپىيونى ئاتىقىغا سازاۋەر بولغان ئەلەنۇر تۇرغانوۋا. 2024-يىل، نويابىر، قازاقىستان RFA/Oyghan

elanur-turghanova-boks-04

بوكس بويىچە ياشلار ئارىسىدا دۇنيا چېمپىيونى ئاتىقىغا سازاۋەر بولغان ئەلەنۇر تۇرغانوۋا. 2024-يىل، نويابىر، قازاقىستان RFA/Oyghan

elanur-turghanova-boks-03

بوكس بويىچە ياشلار ئارىسىدا دۇنيا چېمپىيونى ئاتىقىغا سازاۋەر بولغان ئەلەنۇر تۇرغانوۋا. 2024-يىل، نويابىر، قازاقىستان RFA/Oyghan

elanur-turghanova-boks-02

بوكس بويىچە ياشلار ئارىسىدا دۇنيا چېمپىيونى ئاتىقىغا سازاۋەر بولغان ئەلەنۇر تۇرغانوۋا. 2024-يىل، نويابىر، قازاقىستان RFA/Oyghan

elanur-turghanova-boks-01

بوكس بويىچە ياشلار ئارىسىدا دۇنيا چېمپىيونى ئاتىقىغا سازاۋەر بولغان ئەلەنۇر تۇرغانوۋا. 2024-يىل، نويابىر، قازاقىستان RFA/Oyghan

قازاقىستان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ تەنھەرىكەتنىڭ بوكس، ژيۇ-ژىتسۇ، يەنى بىرازىلىيەچە ئەركىن مۇشتلىشىش، كىك-بوكسىڭ، يەنى پۇت-قولى بىلەن ئەركىن مۇشتلىشىش، كاراتې، يەنى قائىدىسىز چېلىشىش، چامباشچىلىق ۋە مۇشتلىشىش، گىمناستىكا ھەم باشقىمۇ تۈرلىرى بويىچە ئاسىيا ۋە دۇنيا مۇسابىقىلىرىدە چوڭ نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ ھەقتە قازاقىستاننىڭ ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىمۇ يورۇتۇلۇپ، ئۇيغۇرلارنى خۇشال قىلماقتا.

5-نويابىر كۈنى ئالمۇتا شەھىرىنىڭ خەلقئارا ئايروپورتىدا چېرنوگورىيە، يەنى قاراتاغ جۇمھۇرىيىتىنىڭ بۇدۋې شەھىرىدە بوكس بويىچە ياشلار ئارىسىدا ئۆتكەن دۇنيا مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلىرى داغدۇغىلىق قارشى ئېلىندى. شۇلارنىڭ ئارىسىدا ئالمۇتا ۋىلايىتى ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىنىڭ قورام يېزىسىدا 2006-يىلى تۇغۇلغان 18 ياشلىق ئۇيغۇر قىزى ئەلەنۇر تۇرغانوۋامۇ بولدى. ئەلەنۇرنىڭ بۇ قېتىم ئېرىشكەن ئۇتۇقى مەملىكەتنىڭ بىر قاتار مەتبۇئاتلىرىدا خەۋەر قىلىندى.

 «قازاقىستان 365» تور گېزىتىدە مۇنداق دېيىلگەن: «قازاقىستانلىق بوكسچى ئەلەنۇر تۇرغانوۋا چېرنوگورىيە بۇدۋېدىكى ياشلارنىڭ دۇنيا مۇسابىقىسىدە ئەلگە تۆتىنچى ئالتۇن مېدالنى ئېلىپ كەلدى. ئاخىرقى 50 كىلوگىرامغىچە بولغان سالماقتىكى يەكمۇيەك ئېلىشىشتا تۇرغانوۋا ئىرېلاندىيەلىك كارلا پىك بىلەن كۈچ سىنىشىپ، غەلىبىگە ئېرىشتى. تەكىتلەش كېرەككى، ئەلەنۇر تۇرغانوۋا ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىدە تۇغۇلۇپ، چوڭ بولغان».

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قورام ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى مۇئەللىمى گۈلچەھرەم سادىروۋا خانىم مۇنداق دېدى: «مەن ئەلەنۇرنىڭ 5-سىنىپتىن باشلاپ سىنىپ يېتەكچىسى بولدۇم. ئەلەنۇر كەمسۆزلۈك، كىچىك پېئىل قىز بولدى. سىنىپتىكى ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ يۈردى. بوكس بىلەن 7-سىنىپتىن باشلاپ شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. ئالدى بىلەن ناھىيەلىك، ۋىلايەتلىك بايقاشلارغا مەكتەپ نامىدىن قاتنىشىپ، مۇكاپاتلىق ئورۇنلارنى ئېلىپ يۈردى. دائىم مەشىق قىلىپ يۈرەتتى. مەن ئەلەنۇرنىڭ بوكسقا قىزىقىشىنى كۆرۈپ، ‹بۇ، قىزلارنىڭ ئىشى ئەمەس، قىزلارغا لايىق ئىشنى تۇتۇڭ› دەپ قوياتتىم. ئەمما ئەلەنۇر ‹ئۇستاز، مەن بەرىبىر چېمپىيون بولىمەن!› دېگەن مەقسىتى بىلەن دۇنيا چېمپىيونى بولدى. بۇ بولسىمۇ ئۇ قىزنىڭ تىرىشىشى تۈپەيلى ئەمەلگە ئاشتى. ئەلەنۇرغا ئولىمپىك چېمپىيونى بولۇشىغا تىلەكداش بولۇپ، كۈچ-قۇۋۋەت ۋە سالامەتلىك تىلەيمەن.»

ئەلەنۇرنىڭ كىچىكىدىن بوكس بىلەن شۇغۇللىنىشىدا ھەم ئۇنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا يەتكەن ئۇتۇقلىرىدا بولۇپمۇ ئۇنىڭ سامات ئاخمېتوف، زاكىر ئابدۇقادىروف، ھېمىت توختاخۇنوفقا ئوخشاش تىرېنېرلىرى ھەم ئۇستازلىرى مۇھىم رول ئوينىغانىدى. شۇلارنىڭ بىرى سامات ئاخمېتوف ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئەلەنۇر 2018-يىلى بوكسنى باشلىدى. 2019-يىلى تالدىقورغان شەھىرىدە ۋىلايەت چېمپىيونى بولدى. قازاقىستان بويىچە مۇسابىقىگە يېشى كىچىك بولغانلىقتىن بارالمىدى. 2020-يىلى ئەلەنۇر يەنە ۋىلايەت بويىچە چېمپىيون بولدى. شۇ يىلى ئۇ قازاقىستان بويىچە ئالمۇتادا چېمپىيون بولدى. شۇنىڭ بىلەن قازاقىستاننىڭ ياش-ئۆسمۈرلەر كوماندىسى تەركىبىگە كىردى. 2021-يىلى سېربىيەدە بولغان خەلقئارا مۇسابىقىدە مىس مېدالغا ئېرىشتى. شۇ يىلى يەنە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى دۇبەيدە ئۆتكەن ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەر ئارىسىدىكى ئاسىيا مۇسابىقىسىدە ئۈچىنچى ئورۇننى ئىگىلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئەلەنۇر قىزىمىزنى ئالمۇتادىكى تىرېنېرلارغا ئەۋەتتۇق. شۇ ياقتىن خەلقئارا مۇسابىقىلەرنىڭ چېمپىيونى بولدى. بۇلتۇر قازاقىستان پايتەختى ئاستانا شەھىرىدە بوكس بويىچە ئۆتكەن ئاسىيا مۇسابىقىسىدە بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلەپ، ئاسىيا چېمپىيونى بولدى. بۇ يىلى بولسا، مانا، ئۆزۈڭلار ياخشى بىلىسىلەر، تۈنۈگۈنلا دۇنيا چېمپىيونى بولدى.»

«قازاقىستان-24» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ «بوكس بويىچە ياشلارنىڭ دۇنيا مۇسابىقىسى غالىبلىرى ئالمۇتا ئايرودۇرۇمىدا كۈتۈۋېلىندى» ناملىق كۆرسىتىشىدە مۇنداق دەپ خەۋەر قىلىنغان: «قازاقىستاننىڭ بوكس بويىچە ياشلار كوماندىسى ئالمۇتاغا قايتىپ كەلدى. چېرنوگورىيەدە ئۆتكەن ياشلار ئارىسىدىكى دۇنيا مۇسابىقىسىنىڭ نەتىجىلىرى بويىچە ئېلىمىز كوماندىسى 17، يەنى 6 ئالتۇن، 1 كۈمۈش، 10 مىس مېدال ئالدى. قازاقىستان مېدال بويىچە ئالدىنقى ئورۇنغا چىقتى ھەم ئۆزبېكىستان ۋە رۇسىيەنىڭ كۈچلۈك رىقابەتچىلىرىدىن ئۇزاپ كەتتى. سەھەردىن باشلاپ ئالمۇتا ئايرودۇرۇمى ئادەمگە لىق تولغان. دۇنيا چېمپىيونى ئەلەنۇر تۇرغانوۋانى خۇشاللىق كۆز ياشلىرى بىلەن ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى قارشى ئېلىۋالدى. ئاخىرقى يەكمۇيەك ئېلىشىشتا 50 كىلوگىرامغىچە بولغان سالماقتا ئۇ ئىرېلاندىيەلىك رىقابەتچىسى ئۈستىدىن غالىبىيەت قازاندى.»

ئەلەنۇر تۇرغانوۋا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېگەن: «بۇ ئېغىر سىناق بولدى. ئاجايىپ بىر سېزىم. مەن ئىنتايىن خۇشالمەن. مەن ھەممەيلەننىڭ قوللىغانلىقى ئۈچۈن مىننەتدارلىقىمنى ئېيتىمەن».

ئەلەنۇر تۇرغانوۋانى 5-نويابىر كۈنى قورام يېزىسىنىڭ يۇرت-جامائەتچىلىكىمۇ داغدۇغىلىق قارشى ئالدى. بۇ ھەقتە قورام يېزىسىنىڭ چوڭ يىگىت بېشى قۇربانجان ئىسلاموف ئەپەندى خەۋەر قىلدى. ئۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئەلەنۇر قىزىمىز يۇرتنىڭ پەخرى. مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا بوكسقا قىزىقىپ، مەشىقلەندى. قورام مەكتىپىگە سامات دېگەن ئىنىمىز كېلىپ، مەشىقلەندۈرىدۇ. مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا ئەلەنۇر كۆزگە چۈشۈپ، كېيىن ئالمۇتاغا بېرىپ، باشقا مەشىقلەندۈرگۈچىلەر بىلەن ئىشلىدى. ئۇ يەرگە بېرىپمۇ چوڭ ئۇتۇقلارغا يەتتى. 5-نويابىر كۈنى دۇنيا چېمپىيونى دېگەن ئاتاقنى ئېلىپ كېلىپ، قورام يۇرتىنى تېخىمۇ خۇشاللىققا چۆمدۈردى. كېيىن يېزا ھاكىمىيىتىگە كېلىدۇ. يېزا باشلىقى تۇرسۇنباي ئېمېنبايېف تەبرىكلەپ، سوغىلارنى تاپشۇرغاندىن كېيىن ئەلەنۇر دەسلەپكى مەشىقلەندۈرگۈچىسى سامات ئىككىسى ئۇرۇش قاتناشقۇچىلىرىنىڭ بېشىغا قەبرىسىگە گۈل قويدى. يۇرتتا داستىخانلار سېلىندى. ھەممە يېزىلاردىن يىگىت باشلىرى، خانىم-قىزلار ئالدىدا مۇشۇ يۇرتنىڭ ئاتىسى مەھەممەت قارىم ئەلەنۇرنىڭ تېخىمۇ چوڭ ئۇتۇقلارغا يېتىشىگە، ئۆمرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشىغا دۇئا قىلدى».

ئىگىلىشىمىزچە، ئەلەنۇر تۇرغانوۋا 2021-يىلى سېربىيەدە ئۆتكەن بوكس بويىچە خەلقئارا مۇسابىقىگە قىزلاردىن قاتناشقان بىردىنبىر قازاقىستانلىق بولغانىدى. ئۇنىڭ ئۇتۇقى قازاقىستان بوكس بىرلەشمىسىنىڭ دىققىتىدە بولۇپ، كېيىنكى يىللاردا ئۇنىڭغا بولغان قىزىقىش بارا-بارا ئۆستى ھەمدە ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭمۇ دىققىتىنى تارتقانىدى. ئەمدى ئەلەنۇرنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىش ئارزۇسىنىڭ بار ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. 

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.