قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى بۇ يىلقى رامىزان ئېيىدا خەير-ساخاۋەتلىك ئىشلارنى داۋام قىلماقتا

ئالمۇتادىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان تەييارلىدى
2024.03.28
almuta-ramazan-6.jpg

قازاقىستاننىڭ ياركەنت تەۋەسىدە ئېلىپ بېرىلغان خەيرخاھلىق ئىشلاردىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى،، 1-مارت، ئالمۇتا. RFA/Oyghan

almuta-ramazan-1.jpg

قازاقىستاننىڭ ياركەنت تەۋەسىدە ئېلىپ بېرىلغان خەيرخاھلىق ئىشلاردىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى،، 1-مارت، ئالمۇتا. RFA/Oyghan

almuta-ramazan-2.jpg

قازاقىستاننىڭ ياركەنت تەۋەسىدە ئېلىپ بېرىلغان خەيرخاھلىق ئىشلاردىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى،، 1-مارت، ئالمۇتا. RFA/Oyghan

almuta-ramazan-3.jpg

قازاقىستاننىڭ ياركەنت تەۋەسىدە ئېلىپ بېرىلغان خەيرخاھلىق ئىشلاردىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى،، 1-مارت، ئالمۇتا. RFA/Oyghan

almuta-ramazan-4.jpg

قازاقىستاننىڭ ياركەنت تەۋەسىدە ئېلىپ بېرىلغان خەيرخاھلىق ئىشلاردىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى،، 1-مارت، ئالمۇتا. RFA/Oyghan

almuta-ramazan-5.jpg

قازاقىستاننىڭ ياركەنت تەۋەسىدە ئېلىپ بېرىلغان خەيرخاھلىق ئىشلاردىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى،، 1-مارت، ئالمۇتا. RFA/Oyghan

almuta-ramazan-7.jpg

قازاقىستاننىڭ ياركەنت تەۋەسىدە ئېلىپ بېرىلغان خەيرخاھلىق ئىشلاردىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى،، 1-مارت، ئالمۇتا. RFA/Oyghan

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار بۇ يىل 11-مارتتىن تارتىپ روزا تۇتۇشقا كىرىشكەن ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلار ھەر يىلى روزا-رامىزان ئېيى باشلىنىشى بىلەن خەير-ساخاۋەتلىك ئىشلارنى يۈرگۈزۈشنى ئەنئەنىگە ئايلاندۇرغان.

بۇ يىلمۇ ئالمۇتا شەھىرى ۋە ۋىلايىتى، شۇنىڭدەك يەتتىسۇ ۋىلايىتىدە ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار ئۇلۇغ روزا-رامىزاننىڭ بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپلا يېتىم-يېسىرلەرگە، ئىقتىسادىي ئەھۋالى ناچار ئائىلىلەرگە، كۆپ بالىلىق ئائىلىلەرگە، مەجرۇھلارغا ۋە باشقا موھتاج ئائىلىلەرگە ماددىي ياردەم قىلىشنى داۋام قىلماقتا. خەۋەر تېپىشىمىزچە، بۇ ئىشلارنى جاي-جايلاردىكى ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركەزلىرى، يىگىت باشلىرى، خانىم-قىزلار ۋە ياشلار ئۇيۇشتۇرۇپ كەلگەن.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن يەتتىسۇ ۋىلايىتى پانفىلوف ناھىيەلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى ئازاد گايىتوف ئەپەندى بىلەن ئالاقىلەشتۇق. ئۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ناھىيەدە مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ يېتەكچىلىكىدە يىگىت باشلىرى، خانىم قىزلار ۋە ياشلارنىڭ بارلىق يېزىلاردا خەيرخاھلىق ئىشلىرىنى جانلاندۇرغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «ياشلار بىلەن چوڭ يىغىن قىلدۇق. ياشلىرىمىزنىڭ كۆزىدىن ئوت يېنىپ تۇرىدۇ. مۇشۇ يېقىندا بىلال نازىم باغچىسىنىڭ رېمونتىنى پۈتكۈل يۇرت بويىچە قولغا ئالايلى دەۋاتىمىز. تىجارەتچىلىرىمىزدىن يەتتىسۇ ناھىيەلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى، ناھىيەلىك ئالىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى تۇرغانجان زايىتوف خەيرخاھلىق ئىشلاردىن نېرى ئەمەس. ئۇ ياخشى ئىشلارنى قولغا ئېلىپ، مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ شەنىنى كۆتۈرۈۋاتىدۇ. گۈلجاھان مۇراتوۋا ئانىمىزنىڭمۇ ياركەنت تەۋەسىگە قىلغان خەيرخاھلىق ئىشىنى سۆز بىلەن يەتكۈزۈش مۇمكىن ئەمەس. ھەر يىلى 300 ئائىلىگە يېمەك-ئىچمەك ئېلىپ كېلەتتى. بۇ ئانىمىز ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ ئىشىنى قىزى دىلەرەم ۋە ئوغۇللىرى داۋام قىلىپ، بۈگۈنكى تاڭدا 140 ئائىلىگە ياردەم قولىنى سوزدى.»

ئازاد گايىتوف يەنە باشقىمۇ كۆپلىگەن تىجارەتچىلەرنىڭ مۇشۇنداق خەير-ساخاۋەتلىك ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنى قازاقىستاننىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتىغا ئۆز تۆھپىلىرىنى قوشۇشقا چاقىردى.

بىز شۇنىڭدەك ئالمۇتا ۋىلايىتى تالغىر ناھىيەسىنىڭ باش يىگىت بېشى ئۆكتەبىر قۇرباننىيازوف ئەپەندى بىلەن ئالاقىلەشتۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: «روزا-رامىزاندا ئوت كېتىش پاجىئەلىرى كۆپ بولۇپ كەتتى. شۇنداقلا ئاغرىۋاتقان بالىلارمۇ كۆپ. شۇلارغا قولىمىزدىن كەلگەن ياردەملەرنى كۆرسىتىۋاتىمىز. يېقىندا قىزىلتۇ 4-يېزىسىدا ياش بىر ئائىلىنىڭ ئۆيىگە ئوت كېتىپ، تۈگەل كۆيۈپ كېتىپتۇ. ئالتە بالىنىڭ ئىككىسى مەجرۇھ. ئۆي ئىگىسىنىڭ بېشى ئوپېراتسىيە قىلىنغان. شۇنىڭغا ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى دولقۇنتاي ئابدۇخېلىل بىلەن ياردەم قىلدۇق. شۇنداقلا ئاشىبۇلاق يېزىسىدا يەنە بىر ياش ئائىلىنىڭ ئۆيىگە ئوت كېتىپ، ئۇنىڭغا ياردەمگە پۇل يىغىۋاتىمىز. قىزىل غەيرەت يېزىسىدا ئاغرىۋاتقان بەختىيار دېگەن ئىنىمىز بار. ئۇنىڭغا چەت ئەلگە بارىدىغانغا مەبلەغ كېرەككەن. ئۇنىڭغا يىغىشتۇرۇپ بەردۇق.»

ئىسلام ئەقىدىسى بويىچە ھەر بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن پىتىر-سەدىقە بېرىش پەرز بولۇپ، ئۇ ئادەتتە كەمبەغەللەرگە، يېتىم-يېسىرلەرگە ۋە باشقىلارغا بېرىلىدۇ. كېيىنكى ۋاقىتلاردا پىتىر-سەدىقىنى مائارىپقا، بولۇپمۇ بىلىم ئېلىش ئىمكانىيىتى بولمايۋاتقان ياشلارغا، شۇنىڭدەك ئېغىر ئەھۋالدا قالغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ سەرپ قىلىش ئۇلۇغ پەرزلەرنىڭ بىرى بولۇپ ئومۇملاشقان. بۇ جەھەتتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىلى رەھىم مەنسۇروۋ بۇ يىل روزا ئېيى باشلانغان بىرىنچى كۈندىلا كۆپچىلىككە مۇراجىئەت قىلغانلىقى مەلۇم.

رەھىم مەنسۇروۋ ئەپەندى بۇ مەسىلە ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «يېقىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا دۇنيادىكى بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا بۇ يىلقى پىتىر-سەدىقىدىن ياردەم قىلساق، دېگەن ئىدى. بۇ بولسىمۇ، تايلاند تۈرمىلىرىدە يېتىۋاتقان نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز بار. شۇلار ھازىر ئاچلىقتىن قىينىلىۋاتىدۇ. بىراق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇلارنى تاشلىمايدۇ، قولىدىن كەلگەن ياردەمنى قىلىۋاتىدۇ. شۇلار قاتارىدا قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلىرىمىز پىتىر-سەدىقىدىن شۇ جايغا ئاز بولسىمۇ ئەۋەتسەڭلار، دەپ ئويلايمەن. شۇ يەردە 50 كە يېقىن قېرىندىشىمىز ئۇششاق بالىلىرى بىلەن ئاچتىن-ئاچ ياتىدۇ. بۇ يىل ئۇلارغا ئون يىل بولىدىكەن. شۇلارغا ئاز-تولا ياردەم بەرسەك، دەپ سىلەردىن ئۈمىد قىلىمەن.»

مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار يىللاردىن بۇيان مۇشۇنداق خەير-ساخاۋەتلىك ئىشلارنى داۋام قىلىپ كەلمەكتە. شۇنىڭدەك ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن تەبىئىي ئاپەت يۈز بەرگەن جايلارغا كۆپ مىقداردا ماددىي ياردەم كۆرسىتىلگەن ئىدى. جۈملىدىن ئۆتكەن يىلى تۈركىيەدە يەر تەۋرەش ئاپىتى بولغاندا قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار ئىئانە توپلاش ھەرىكىتى باشلاپ، يىغىلغان مەبلەغنى تېگىشلىك ئورۇنلارغا يەتكۈزگەنىدى. قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆزلىرى ئۇنچە باي بولمىسىمۇ كۆڭلى-كۆكسىنىڭ ئالەمچە باي بولۇشىدەك بۇ خىسلىتى ئۆز نۆۋىتىدە «بىلسەڭ ئەگەر ئۇيغۇر دېگەن مۇشۇنداق» دېگەن ناخشىدا تەسۋىرلەنگەن بايانلارنىڭ چىنلىقىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسەتمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.