قازاقىستانلىق ئۇيغۇر گىمناستىكىچى ھەسەن سەلىموف ۋېنگىرىيەدە چېمپىيون بولدى

ئالمۇتادىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان تەييارلىدى
2024.10.14
qazaqistan-gimnastika-tenterbiye-02 قازاقىستانلىق گىمناستىكىچى ھەسەن سەلىموف ۋېنگىرىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا گىمناستىكا مۇسابىقىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن. 2024-يىلى 5-ئۆكتەبىر، ۋېنگىرىيە
RFA/Oyghan

قازاقىستاننىڭ تەنھەرىكەت ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ھەم ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، قازاقىستانلىق گىمناستىكىچى ھەسەن سەلىموف ۋېنگىرىيەنىڭ غەربىگە جايلاشقان قەدىمىي شەھەر سومباتخېيدا ئۆتكەن گىمناستىكا بويىچە خەلقئارا مۇسابىقىنىڭ نۆۋەتتىكى باسقۇچىدا 14.300 نومۇر بىلەن ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، گىمناستىكا بويىچە قازاقىستان كوماندىسى ئىككى ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن بولۇپ، مۇسابىقىنىڭ بىرىنچى كۈنىدە ئۇنىڭدا قازاقىستاننىڭ قارىغاندا شەھىرىدىن كېلىپ قاتناشقان تەنھەرىكەتچى داريا ياسىنسكايا 13.166 نومۇر بىلەن ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن. ئارقىدىن كۆپ ۋاقىت ئۆتمەيلا يەنە بىر قازاقىستانلىق تەنھەرىكەتچى ھەسەن سەلىموف گىمناستىكىنىڭ ئەركىن تۈرىدە، يەنى گىلەمدە سەكرەش تۈرى بويىچە بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن. مۇسابىقە باھالىغۇچىلىرى ھەسەن سەلىموفنىڭ گىمناستىكىنىڭ مۇرەككەپ ئېلېمېنتلىرىنى ئورۇنلىغانلىقىنى بايقاپ، ئۆزلىرىنىڭ يۇقىرى باھاسىنى بەرگەن ھەم شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىرىنچىلىكنى ئالغان. بۇ ھەقتە قازاقىستاننىڭ ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ مەتبۇئات خىزمىتىمۇ خەۋەر بەرگەن.

قازاقىستانلىق گىمناستىكىچى ھەسەن سەلىموف (ئوتتۇرىدا) ۋېنگىرىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا گىمناستىكا مۇسابىقىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن. 2024-يىلى 5-ئۆكتەبىر، ۋېنگىرىيە
قازاقىستانلىق گىمناستىكىچى ھەسەن سەلىموف (ئوتتۇرىدا) ۋېنگىرىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا گىمناستىكا مۇسابىقىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن. 2024-يىلى 5-ئۆكتەبىر، ۋېنگىرىيە
RFA/Oyghan

بىز گىمناستىكا بويىچە دۇنيا چېمپىيونى ھەسەن سەلىموف بىلەن ئالاقىلەشتۇق. ئۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «مەندە گىمناستىكىنىڭ ئەركىن تۈرىدە، يەنى گىلەمدە سەكرەش تۈرى بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسىدە غەلىبە قىلىش پىلانى بولغانىدى. خۇداغا شۈكرى، بۇ ئەمەلگە ئاشتى. بىز بىرىنچىلىكنى ئىگىلىدۇق ھەم ئالدىمىزغا قويۇلغان ۋەزىپىلەرنى تولۇق ئورۇنلىدۇق. بۇ مېنىڭ تەجرىبەمدىكى بىرىنچى ئۇتۇق ئەمەس، ئەلۋەتتە. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسابىقىلەردە ئەنسىرەش بولمىدى. ئۆزۈمنى شۇنچىلىك ياخشى ھېس قىلدىم. ياخشى تەييارلىقتىن ئۆتتۈم. ماڭا مېنىڭ دوختۇرلىرىم، بارلىق تىرېنېرلىرىم ياردەم قىلدى. ھەممىگە رەھمەت، بىز كۆزلىگەن مەقسىتىمىزگە يەتتۇق. بىرىنچىلىكنى ۋە يەنە شۇنداقلا ئايرىم مۇكاپاتلارغىمۇ ئېرىشتۇق. بۇ، مەن ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. ئەلۋەتتە، غەلىبىدىن دائىم ياخشى ھېس-تۇيغۇلار قالىدۇ. مېنىڭ بارلىق ئۇرۇق-تۇغقانلىرىم، يېقىنلىرىم، ھەتتا قوشنىلىرىم بۇنىڭغا بەك خۇشال بولدى. بۇ مەن ئۈچۈن شۇنچىلىك كۆڭۈللۈك بولدى. مېنى قوللىغان ھەممەيلەنگە ئۆزۈمنىڭ مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن. ۋېنگىرىيەدە ئۆتكەن مۇسابىقىدە مەن گىلەمدە سەكرەش ھەم گىمناستىكىنىڭ ئەركىن تۈرىدە ئويۇن كۆرسىتىش بويىچە ھۈنىرىمنى كۆرسەتتىم. بولۇپمۇ گىمناستىكىنىڭ ئەركىن تۈرىدە ماھارەت كۆرسىتىش بويىچە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۈم.»

قازاقىستاندىكى ياش ئۇيغۇرلاردىن يېتىشىپ چىققان داڭلىق گىمناستىكىچى نارىمان قۇربانوف بولۇپ، ئۇنىڭ نەتىجىلىرى ھەققىدە دۇنيا ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ھەمدە «ئەركىن ئاسىيا» رادىيوسىمۇ كۆپلىگەن خەۋەرلەرنى ئېلان قىلىنغانىدى.

ئەنە شۇ گىمناستىكا بويىچە ئولىمپىك چېمپىيونى نارىمان قۇربانوف زىيارىتىمىزنى خۇشاللىق ئىلكىدە قوبۇل قىلدى. ئۇ ھەسەن سەلىموفنىڭ بۇ ئۇتۇقلىرىدىن خۇشال بولۇپ، مۇنداق دېدى: «بۇ باسقۇچ، ھەسەننىڭ كەسپىي پائالىيىتىدىكى ئىككىنچى ئۇتۇق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ ھەم ئۇ باسقۇچتىن ئىشەنچلىك ھالدا ئۆتتى. بۇ بىزنى ھەيران قالدۇردى. ھەسەننىڭ بۇ ئۇتۇقى تۈركىيەدىن باشلاندى ھەم بۇلغارىيەدە داۋام قىلدى. ئەمدى مانا ۋېنگىرىيەدە ئۆتكەن خەلقئارا مۇسابىقىدە ئۇنىڭ ئۇتۇقى ئالتۇن مېدال بىلەن ئاياغلاشتى. ھەقىقەتەن بۇ ئىنتايىن ياخشى نەتىجە. سەۋەبى ئۇ دۇنيا مۇسابىقىسىنىڭ ئىچىدە بەش باسقۇچتا ئۆز ھۈنىرىنى كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ ئۈچىدە مېدالغا ئېرىشتى. ئۇنىڭ بۇ نەتىجىلىرى بىزگە شۇنداق ئۈمىد بېرىدۇكى، ھەسەن يېڭى ئولىمپىك كوماندىسى تەركىبىدە بولۇپ، ئۇنىڭ كېلەچەكتە ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىشىغا بولغان ئىشەنچىمىزنى ئاشۇرىدۇ.»

قازاقىستانلىق گىمناستىكىچى ھەسەن سەلىموف (سولدا) ۋېنگىرىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا گىمناستىكا مۇسابىقىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن. 2024-يىلى 5-ئۆكتەبىر، ۋېنگىرىيە
قازاقىستانلىق گىمناستىكىچى ھەسەن سەلىموف (سولدا) ۋېنگىرىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا گىمناستىكا مۇسابىقىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن. 2024-يىلى 5-ئۆكتەبىر، ۋېنگىرىيە
RFA/Oyghan

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر گىمناستىكىچىلىرىنى تەربىيەلەشتە كۆپلىگەن پائالىيەتچىلەرنىڭ يېتەكچى رول ئاتقۇرغانلىقى مەلۇم. شۇلارنىڭ بىرى «كېنتاۋر» قابىلىيەتلىك تەنھەرىكەتچىلەرگە ياردەم قىلىش جەمئىيەتلىك فوندىنىڭ رەئىسى، قازاقىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن تىرېنېرى مەھمۇت ئىسكەندەروفتۇر.

مەھمۇت ئىسكەندەروف ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ھەسەن سەلىموف قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى كوماندىسىنىڭ ئەزاسى. ئۇ خەلقئارا دەرىجىدىكى تەنھەرىكەت ماھىرى. ئۇ ۋېنگىرىيەدە ئۆتكەن گىمناستىكا بويىچە خەلقئارا مۇسابىقىدە ئالتۇن مېدال ئالدى. ئۇ، بۇنىڭدىن تاشقىرى بىر قانچىلىغان باسقۇچلارغا قاتنىشىپ، ياخشى نەتىجىلەرنى نامايىش قىلغانىدى. ھەسەن كېلەچىكى بار تەنھەرىكەتچى. ئۇ ھازىر كېلەر يىلى بولىدىغان دۇنيا مۇسابىقىسىگە تەييارلىنىۋاتىدۇ. گىمناستىكىنىڭ يېڭى ئېلېمېنتلىرىنى ئۆگىنىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ دۇنيا چېمپىيونى بولىدىغىنىغا ئۈمىدىمىزمۇ بار.»

مەھمۇت ئىسكەندەروف بولۇپمۇ نارىمان قۇربانوفنىڭ ئولىمپىك چېمپىيونى بولغانلىقىنىڭ پەقەت ئۇيغۇر خەلقىلا ئەمەس، بەلكى قازاقىستان تارىخىدا كۈتۈلمىگەن ۋەقە بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ كېلەچىكىگىمۇ چوڭ ئۈمىد بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ھەسەن سەلىموفتىنمۇ چوڭ ئۈمىدلەرنى كۈتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلىرى پەقەت تەنھەرىكەتلا ئەمەس، بەلكى ئىلىم-پەن، مائارىپ، ئەدەبىيات، سەنئەت، باشقا ساھەلەردىمۇ چوڭ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، قازاقىستاننىڭ شان-شەرىپىنى تىكلىمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.