قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرى يېڭى ئوقۇش يىلىنى باشلىدى
2024.09.04
قازاقىستاندا ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىلىم مىنىستىرلىقى بېكىتكەن ئوقۇش پىروگراممىسى ئاساسىدا راۋاجلىنىپ كېلىۋاتقانلىقى ئېنىق. ئۇيغۇر تىللىق مەكتەپلەردە ۋە ئارىلاش، يەنى ئوقۇتۇش قازاق، رۇس ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدا يۈرگۈزۈلىدىغان مەكتەپلەردە بۈگۈنكى كۈندە 17 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر بالىسى ئۆز ئانا تىلىدا بىلىم ئالىدۇ. ئەنە شۇ مەكتەپلەر يېقىندا 2024-2025-ئوقۇش يىلىنى باشلىدى.
بۇ يىل 1-سېنتەبىر يەكشەنبىگە توغرا كەلگەن بولسىمۇ، بىلىم مىنىستىرلىقىنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن بارلىق مەكتەپلەردە ئەنئەنىۋى «بىرىنچى قوڭغۇراق» مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، بۇنىڭغا پەقەت 1-ۋە 11-سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى قاتناشتۇرۇلدى. 2-سېنتەبىردە بولسا، «بىلىم كۈنى» گە بېغىشلانغان «مېنىڭ ۋەتىنىم-قازاقىستان» ماۋزۇسىدا ئوچۇق دەرسلەر بولۇپ ئۆتتى. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرى بولۇپمۇ ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر، ئەمگەكچىقازاق ۋە تالغىر ناھىيەلىرىدە، يەتتىسۇ ۋىلايىتىنىڭ پانفىلوف ناھىيەسىدە ئورۇنلاشقان.
بىز ئالمۇتا شەھىرىنىڭ «شاپاغات»، يەنى ئىلگىرى زاريا ۋوستوكا دەپ ئاتالغان مەھەللىدە ئورۇنلاشقان مۇرات ھەمرايېف نامىدىكى 150-ئومۇمىي بىلىم بېرىدىغان ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مۇدىرى مۇھىدىن ئىماشېف ئەپەندى بىلەن ئالاقىلەشتۇق. ئۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ يىل بىر نۆلىنچى، ئىككى بىرىنچى سىنىپنىڭ ئېچىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مۇھىدىن ئىماشېف ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۇيغۇر مەكتەپلىرىگە بولغان مۇناسىۋىتىنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈردى: «ئاتا-ئانىلار تەرەپتىن ئۇيغۇر مەكتىپىگە دۇرۇس كۆز قاراشتا بولۇپ، بالىلىرىنى بېرىۋاتقان ئاتا-ئانىلارمۇ يېتەرلىك. شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا بالىلىرىنىڭ ئۆزگە تىللىق مەكتەپلەرگە بېرىۋاتقان ئاتا-ئانىلارمۇ يېتەرلىك. بۇنىڭغا كېيىنكى ۋاقىتتا ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە بالا سانىنىڭ كېمىيىپ كېتىشى پاكىت. نېمە ئۈچۈن دېسەك، بالىسىنى ئۇيغۇر تىلىدىكى مەكتەپلەرگە بەرمەيدىغان ئاتا-ئانىلار بالىلىرىمىز يۇقىرىقى ئوقۇش ئورۇنلىرىغا چۈشەلمەيدۇ، ئىمتىھان تاپشۇرالمايدۇ، ئەتە-ئۆگۈن ئىشلىگەندە قىينىلىدۇ، دېگەنگە ئوخشاش ئۇلارنىڭ باھانىلىرى بار. بىراق بۇنىڭ بارلىقىنىڭ ئۇنداق ئەمەس ئىكەنلىكىنى ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ئۆزلىرىنىڭ تىلەكلىرى بىلەن، ئۇلارنىڭ ئوقۇشقا چۈشۈۋاتقان، ئۇتۇققا يېتىۋاتقان، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئىشلەۋاتقان ئىشلىرى بىلەن دەلىللەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن شۇنى تېخىچە چۈشەنمەيۋاتقان ئاتا-ئانىلىرىمىزمۇ نۇرغۇن. دۆلەت تەرىپىدىن ئۇيغۇر مەكتەپلىرىگە بولغان كۆز قاراش ياخشى، تولۇق تەمىنلەنگەن.»
مۇھىدىن ئىماشېف يەنە مەكتەپ ئالدىدا ھەل بولمايۋاتقان بەزى مەسىلىلەرنىڭمۇ بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى: «شەخسەن بىزنىڭ مەكتەپتە بىنا 1961-يىلى سېلىنغان. شۇنىڭدىن بۇيان تولۇق رېمونت، جۆندەش ئىشلىرى ئۆتمىگەن. يېڭى مەكتەپ سېلىنىدۇ دەپ ۋەدىلەر بېرىلگەنىدى. بىراق، ئەپسۇس، ئون يىلدىن ئېشىپ كەتتى، يېڭى مەكتەپنىڭ قۇرۇلۇشى باشلانمايۋاتىدۇ. يېقىندا مىنىستىر بىلەن ئۇچرىشىش بولۇپ ئۆتتى. شۇ ئۇچرىشىشتا بىزنىڭ مەكتەپ توغرىسىدا مىنىستىر خەۋەردار بولدى. مىنىستىر ئۆزى مەسىلىنى كۆتۈردى. يېقىن ئارىدا مەكتەپ مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، يېڭى مەكتەپنىڭ سېلىنىدىغانلىقىنى ئۆزىنىڭ نازارىتىگە ئالدى. ئەلۋەتتە، بۇ بىزنى خۇشال قىلدى. بىزگە مەدەت بەردى، دېسەممۇ بولىدۇ. بۇمۇ دۆلەت تەرىپىدىن ئۇيغۇر مەكتەپلىرىگە بولغان غەمخورلۇقنىڭ يارقىن مىسالى بولۇشى كېرەك، دەپ خۇلاسە چىقاردۇق.»
ئالمۇتا شەھىرىدە يەنە پۈتۈنلەي ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۆتىلىدىغان ئىككى مەكتەپ بار بولۇپ، ئۇلار دوستلۇق مەھەللىسىدىكى ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيە ھەم سۇلتانقورغان مەھەللىسىدىكى مەسۈم ياقۇپوف نامىدىكى 101-مەكتەپ-گىمنازىيەدۇر. بۇ مەكتەپلەردە 2 مىڭدىن كۆپ بالا ئۆز ئانا تىلىدا بىلىم ئالىدۇ.
ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسى بايسېيىت يېزىسىغا ئورۇنلاشقا ئىسمائىل تاھىروف نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى ئىليار نۇرخالىقوف ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يېڭى ئوقۇش يىلى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «بىز ئۈچ بىرىنچى سىنىپ، يەنى 65 بالا بىلەن ئوقۇش يىلىنى باشلىدۇق. بالىلىرىمىزنىڭ ئومۇمىي سانى 726. ئۇلارغا 71 ئۇستاز بىلىم بېرىپ كەلمەكتە. ئەلۋەتتە، ھەر يىلى يېڭى ئۈمىد، يېڭىلىقلارنى كۈتىمىز. بالىلىرىمىزغا پۇختا، سۈپەتلىك بىلىم بېرىمىز دەپ، ئاتا-ئانىلىرىمىزغا ۋەدە بېرىپ، 1-سىنىپقا قوبۇل قىلدۇق. ئاتا-ئانىلارنىڭ مەكتىپىمىزگە، تىلىمىزغا بولغان كۆز قارىشى ئىنتايىن ياخشى. ھەممىسى چۈشىنىشلىك بىلەن قاراپ، بالىلىرىنى مەكتەپكە بارلىق قورال-سايمانلىرى، كېرەك ياراقلىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت مەكتىپىمىزدە بەزىدە ھال-ئوقىتى تۆۋەن، يېتىم، يېرىم يېتىم بالىلار، كۆپ بالىلىق ئاتا-ئانىلىرىمىزغا قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى بويىچە يۈرگۈزۈلگەن ‹مەكتەپكە يول› ھەرىكىتى بويىچە كۆپلىگەن ياردەملەر كەلدى. بۈگۈنكى تاڭدا بارلىق بالىلار مەكتەپتە ئوقۇشقا 100 پىرسەنت تەييار.»
ھازىر قازاقىستان ئۇيغۇر تىلىدا باشلانغۇچ، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مائارىپى ساقلىنىپ كېلىۋاتقان بىردىن-بىر مەملىكەتتۇر. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاساسىي قىسمى ياشايدىغان ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇر تىلىدىكى مائارىپ قاتتىق چەكلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئانا تىلىدىكى مائارىپى ئالدىدا تۇغۇلۇۋاتقان بەزى قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارماقتا.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى ھاكىمجان ھەمرايېف ئەپەندى قازاقىستاندا ئۇيغۇر تىللىق مەكتەپلەرنى ساقلاپ قېلىشتا بەزى ئويلاندۇرىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «شۇنى ئوچۇق ئېيتىش كېرەككى، قازاقىستان مۇستەقىللىق ئالغاندىن بۇيان باشقا مىللەتلەر قاتارىدا بىز، ئۇيغۇرلارمۇ، كۆپلىگەن ئىمتىيازلارغا ئىگە بولدۇق. بولۇپمۇ ئانا تىلىمىزدىكى سىنىپلىرىمىزنى، مەكتەپلىرىمىزنى ساقلاپ قالالىدۇق. مۇستەقىللىقتىن كېيىن ئوتتۇز يىلدىن ئوشۇق ۋاقىت ئۆتسىمۇ، تېخىلا رۇس تىلىنىڭ، رۇس مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلالماي كېلىۋاتىمىز. بۇ پەقەت بىزنىڭلا ئەمەس، بەلكى قېرىنداش قازاق خەلقىنىڭمۇ بېشىدىن ئۆتۈۋاتىدۇ. مۇستەقىللىقنىڭ دەسلەپكى يىللىرى قازاقىستاندا 60 تىن ئوشۇق ئوقۇتۇش ئۇيغۇر تىلىدا يۈرگۈزۈلىدىغان مەكتەپ بار بولۇپ، شۇلارنىڭ ئىچىدە 12 مەكتەپ تازا ئۇيغۇر تىللىق بولسا، ھازىرقى كۈندە ئەھۋالىمىز ئېچىنىشلىق بولۇۋاتىدۇ. يەنى ئانا تىلىدا ئوقۇۋاتقان پەرزەنتلىرىمىز سانىنىڭ ئازىيىشى بىزنى قاتتىق تەشۋىشلەندۈرۈۋاتىدۇ. بەزى مەكتەپلەردىكى ئەھۋال بىزنى خۇشال قىلسا، بەزى مەكتەپلەردىكى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ مۇتلەق قىسمى ئورۇنلاشقان يېزا يەرلىرىدىكى ئەھۋال بىزنى ئويلاندۇرۇۋاتىدۇ. راست، مىللەتپەرۋەر ئىنسانلىرىمىز ئۇيغۇر مائارىپىنى توختىماي تەرغىب قىلىۋاتىدۇ. ئۇلارغا چەكسىز مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز. لېكىن مىللىي مەكتەپلىرىمىزنى ساقلاپ قېلىش بۇ ئايرىم شەخسلەر ياكى جەمئىيەتلىك تەشكىلاتلار ئەمەس، بۇ پۈتۈنلەي بىر خەلقنىڭ ۋەزىپىسى. بىز بارلىقىمىز بىرلىشىپ، كۈچىمىزنى مۇشۇ مەسىلىگە سەپەرۋەر قىلغاندىلا ئانا تىللىق مائارىپىمىزنى، شۇنىڭ ئارقىسىدا مىللىي كىملىكىمىزنى ساقلاپ قالالايمىز.»
ئىگىلىشىمىزچە، بۇ ئوقۇش يىلى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان، مەسىلەن، ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىدىكى مەكتەپلەردە 270 تىن ئوشۇق بالا، يەتتىسۇ ۋىلايىتىنىڭ پانفىلوف ناھىيەسىدىكى مەكتەپلەردە 476 بالا ئانا تىلىدىكى 1-سىنىپقا كىرگەن.