قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيەت مەركىزى يېڭى 2024-يىلىنىڭ خىزمەت نىشانلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى

ئالمۇتادىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان تەييارلىدى
2024.01.02
Qazaqistan-ug-md-01

قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى باشقارمىسىنىڭ يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2023-يىل، دېكابىر، ئالمۇتا RFA/Oyghan

Qazaqistan-ug-md-02

قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى باشقارمىسىنىڭ يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2023-يىل، دېكابىر، ئالمۇتا RFA/Oyghan

Qazaqistan-ug-md-03

قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى باشقارمىسىنىڭ يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2023-يىل، دېكابىر، ئالمۇتا RFA/Oyghan

Qazaqistan-ug-md-04

قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى باشقارمىسىنىڭ يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2023-يىل، دېكابىر، ئالمۇتا RFA/Oyghan

Qazaqistan-ug-md-05

قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى باشقارمىسىنىڭ يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2023-يىل، دېكابىر، ئالمۇتا RFA/Oyghan

Qazaqistan-ug-md-06

قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى باشقارمىسىنىڭ يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2023-يىل، دېكابىر، ئالمۇتا RFA/Oyghan

Qazaqistan-ug-md-07

قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى باشقارمىسىنىڭ يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2023-يىل، دېكابىر، ئالمۇتا RFA/Oyghan

يېقىندا ئالمۇتادىكى «مېتالل پروم گرۇپ» شىركىتىنىڭ مەجلىس زالىدا قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى باشقارمىسىنىڭ يىغىنى بولۇپ ئۆتتى. ئۇنىڭغا مەركەز رەھبەرلىكى ۋە ئۇنىڭ باشقارما ئەزالىرى قاتناشتى. يىغىندا 2023-يىلىنىڭ يەكۈنى چىقىرىلىپ، كېلەچەك پىلانلىرىنى تۈزۈش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان.

يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان قازاقىستان خەلق بىرلەشمىسى كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى دولقۇنتاي ئابدۇخېلىل قازاقىستاننىڭ بارلىق شەھەر ۋە يېزىلىرىدىكى مەركەز شۆبىلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا قويغان ۋەزىپىلىرىنى ۋە پىلانلىرىنى تولۇقى بىلەن ئورۇنلىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ شۇنىڭدەك قازاقىستان دۆلىتى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنى ئەڭ ئاكتىپ مەركەزلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە تونۇيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىندا سۆزگە چىققان قازاقىستان خەلقى بىرلەشمىسى كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ پەخرىي رەئىسى شاھىمەردان نۇرۇموف ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلى، مەدەنىيىتى، سەنئىتى، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاش ۋە تەرغىب قىلىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈنگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە 2024-يىلى قىلىنىدىغان ئىشلار ھەققىدە ئۆز تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يىغىندا سۆزگە چىققان مەركەز تەركىبىدىكى ئالىملار، مائارىپ، خانىم-قىزلار، تەنھەرىكەت ۋە باشقىمۇ كېڭەشلەرنىڭ رەھبەرلىرى ھېسابات بەردى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئالمۇتا شەھىرى نورۇزباي ناھىيەلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئىسمايىلوف ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، دولقۇنتاي ئابدۇخېلىل باشقۇرۇۋاتقان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى بىر يىلنىڭ ئىچىدە كۆپلىگەن ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ۋە بۇنىڭغا سالماقلىق خىراجەت سەرپ قىلغان.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ھەقىقەتەنمۇ جۇمھۇرىيەت بويىچە كۆپلىگەن ئالىملار، مۇئەللىملەر، تەنھەرىكەتچىلەر، يازغۇچىلار، جامائەت ئەربابلىرى بىلەن ئۇچرىشىشلار ئۆتكۈزۈلدى، كۆرگەزمىلەر ئۇيۇشتۇرۇلدى، خەيرخاھلىق پائالىيەتلىرى، مەدەنىيىتىمىزگە ئائىت باشقىمۇ ئىشلار قىلىندى. ئاساسەن مىللىي مەكتەپلىرىمىزنى ساقلاپ قېلىشقا كۆپ كۈچ چىقاردى. ئەمدى ئۆزىمىزنىڭ ناھىيەسىگە كەلسەك، 2023-يىلى بىز 18 پائالىيەت ئۆتكۈزدۇق. شۇلارنىڭ ئارىسىدا نورۇز بايرىمىنى، خانىم-قىزلار بايرىمىنى، 1-ماي خەلقلەر دوستلۇقى كۈنىنى ئاتاپ ئۆتۈشكە بولىدۇ. شۇنداقلا بىز ئۆزىمىزنىڭ ناھىيەسىدە مەكتەپنى تاماملاۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدۇق. ئۇلار ئەۋېزوۋ ناھىيەسىدىكى ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى گىمنازىيە ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىغا چۈشۈش بويىچە سۆھبەتلەر ئۆتكۈزدى» .

بەختىيار ئىسمايىلوف يەنە ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ ياشلار، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، ھوقۇق قوغداش ئورگانلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ زىيىنى، تەنھەرىكەتنىڭ ئەھمىيىتى، باشقىمۇ مۇھىم تەربىيەۋى سۆھبەتلەر ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «2024-يىلىدىمۇ بىز ياشلار بىلەن يېقىندىن ئىشلەشنى توغرا كۆرۈۋاتىمىز. چۈنكى ياشلار بىزنىڭ كېلەچىكىمىز. بىز ياشلارنى جەمئىيەت ئىشلىرىغا كۆپرەك تارتىپ، مىللىي مائارىپىمىزنى، ئەدەبىياتىمىزنى، مەدەنىيىتىمىزنى، سەنئىتىمىزنى ھۆرمەتلەشكە تەربىيەلەشنى پىلانلاۋاتىمىز. پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، مەن قازاقىستاندىكى ۋە دۇنيادىكى بارلىق قېرىنداشلىرىمنى يېڭى يىل بىلەن تەبرىكلەپ، سالامەتلىك، خاتىرجەملىك، بەخت تىلەيمەن. بارلىق ياشلىرىمىزنى ئېلىمىز، خەلقىمىز ئۈچۈن ھارماي خىزمەت قىلىشقا چاقىرىمەن» .

 «ئۇيغۇر ئاۋازى» جۇمھۇرىيەتلىك ئىجتىمائىي-سىياسىي گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى، جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى ئالىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئېرشات ئەسمەتوف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «2023-يىلنى جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى ئۈچۈن مېۋىلىك، نەتىجىلىك بولدى، دەپ ئويلايمەن. ئىشىمىزنىڭ يەكۈنىنى چىقىرىپ، قازاقىستاندىكى چوڭ دەرگاھلارنىڭ بىرى-دوستلۇق ئۆيىدە كېڭەيتىلگەن مەجلىس ئۆتكۈزۈپ، مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئىشلىرىغا پائال ئارىلاشقان ئەزىمەتلەرگە مۇكاپاتلار تاپشۇردۇق. بۇ يىل بارلىق كېڭەشلەر ناھايىتى پائالىيەتچانلىق كۆرسەتتى. ئىشىمىز دۆلەت، خەلق تەرىپىدىن مۇناسىپ باھالاندى، دەپ ئويلايمەن. بولۇپمۇ خەلقىمىزنىڭ قان-تومۇرى بولغان مائارىپ ساھەسى بويىچە ناھايىتى كۆپ ئىشلار قىلىندى» .

ئېرشات ئەسمەتوف يەنە ئالىملار كېڭىشىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ۋە خەلقئارا دېرىزىدە كۆپلىگەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ شۇنىڭدەك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ مەزكۇر مەركەزنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىنى ئەتراپلىق يورۇتۇپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئېرشات ئەسمەتوف سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئۆزى باشقۇرۇۋاتقان كوللېكتىپى نامىدىن بارلىق ئۇيغۇرلارنى يېڭى يىل بىلەن سەمىمىي تەبرىكلەپ، چوڭ ئۇتۇقلار تىلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى يەنە ئۆتكەن يىلىنىڭ خىزمەتلىرىنى يەكۈنلەش يىغىنىدا قوشنا قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىشلەشنى يەنىمۇ داۋاملاشتۇرۇش، شۇنىڭدەك دۇنيادا ياشاۋاتقان بارلىق ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىش قارارىغا كەلگەن. مەركەز باشقارمىسى مۇشۇ يىلنىڭ يانۋار ئېيىنىڭ باشلىرىدا 2024-يىل پىلانىنى بېكىتىشنى كۆزدە تۇتماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.