قازاقىستاندىكى «ئىلى ئۆڭىرى-ئىلى ۋادىسى» گېزىتى ئۇيغۇر مىللىي مەتبۇئاتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆز تۆھپىسىنى قوشماقتا
2024.10.09
تارىخىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىن تارتىپ قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەتبۇئاتى راۋاجلىنىشقا باشلاپ، بۇ جەھەتتە كۆپلىگەن ئۇتۇقلار قولغا كەلگەنىدى. ئۇنىڭ تۇنجى نەشرى «سادائى تارانچى» دەپ ئاتالغان بولۇپ، كېيىنرەك «كەمبەغەللەر ئاۋازى»، «كولخوزچىلار ئاۋازى»، 1957-يىلدىن تارتىپ «كوممۇنىزم تۇغى» دېگەن ناملار بىلەن چىقىشقا باشلىغان. قازاقىستان مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن كېيىن ئۇ «ئۇيغۇر ئاۋازى» دېگەن نام بىلەن بۈگۈنگىچە يورۇق كۆرمەكتە. بۇ نەشردىن باشقا ھازىر قازاقىستاندا ئۇيغۇر ۋە رۇس تىللىرىدا «ئاسىيا بۈگۈن» (بۈگۈنكى ئاسىيا)، ئۇيغۇر ۋە قازاق تىللىرىدا «ئىلى ئۆڭىرى-ئىلى ۋادىسى» جۇمھۇرىيەتلىك گېزىتلىرىمۇ مەۋجۇتتۇر. يېقىندا ئالمۇتا ۋىلايىتى ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ مەركىزى چونجا يېزىسىدىكى مەدەنىيەت ئۆيىدە «ئىلې ئۆڭىرى-ئىلى ۋادىسى» گېزىتى ئۆزىنىڭ 90 يىللىقىنى قۇتلۇقلىدى.
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز مەزكۇر گېزىتنىڭ باش مۇھەررىرى، قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى ئابدۇماناپ ئابلىزوف ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ مەزكۇر نەشرنىڭ سوۋېت كوممۇنىستىك تۈزۈمى، كوللېكتىپلاشتۇرۇش سىياسىتى، سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشى، ئارقا سەپنى تىكلەش، بوز يەرلەرنى ئۆزلەشتۈرۈش، بازار ئىقتىسادى، ئۆزگەرتىپ قۇرۇش، مۇستەقىللىق يىللىرى دېگەنگە ئوخشاش سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي جەريانلارنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئابدۇماناپ ئابلىزوف مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى مەرىكىلىك 6680-سانىدا بىز بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ، شادلىقىنى بىز بىلەن بۆلۈشۈپ تۇرغان «ئىلى ۋادىسى» نىڭ دەسلەپكى سانى 1934-يىلى 29-سېنتەبىردە لاتىن يېزىقىدا «ستالىنچى» نامى بىلەن بىر ۋاراق ھەجىمدە يورۇق كۆرۈپتۇ. نەشرىمىز شۇ چاغدىكى ياركەنت ناھىيەسىدىكى «متس» نىڭ، يەنى ماشىنا-تىراكتور ئىستانسىسىنىڭ سىياسىي ئورگانى بولغان ئىكەن. بۇ تەۋەدىن ئۇيغۇر ناھىيەسى تەشكىللىنىپ بۆلۈنۈپ چىققان 1935-يىلى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارارى بىلەن ئۇنىڭ ۋاكالەتچىلىكىگە ئۆتكۈزۈلۈپ، پائالىيىتىنى باشلاپتۇ. ئۇ چاغدىكى ناھىيە مەركىزى-پودگورنويې يېزىسىغا كۆچۈرۈلۈپ، ياركەنتتە نەشر قىلىنىۋاتقان «كولخوزچىلار ئاۋازى» گېزىتى تەرىپىدىن ماددىي، مەنىۋى ياردەم ۋە ئۈسكۈنە-تېخنىكىلار بىلەن تەمىنلىنىپتۇ. ماتېرىيال بازىسى ھاسىل قىلىنغۇچە مەزكۇر گېزىت باسمىخانىسىدا بېسىلىپتۇ. مەخسۇس پولىگرافىيەلىك جابدۇق، باسما-ھەرپلەر بىلەن جابدۇلغاندىن كېيىن دەسلەپكى سانى ناھىيە باشچىسى مەرۈپ ئىبراھىموفنىڭ ئىسىم-شەرىپى بىلەن يورۇق كۆرۈپتۇ».
ئابدۇماناپ ئابلىزوف گېزىت خادىملىرى سىدىق توقايېف، نۇر قۇربانوف، نەسىردىن ئازنىباقىيېف، نۇراخۇن مامۇتوف قاتارلىقلارنىڭ گېزىتنىڭ دەسلەپكى سانلىرىنىڭ يورۇق كۆرۈشىدە مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئۇ يىللىرى گېزىت چىقىرىش يىڭنە بىلەن قۇدۇق قازغاندەك مۇشەققەتلىك ئىدى. رېداكسىيە بىلەن باسمىخانا بىر ئورۇندا بولۇپ، بارچە ئىش قول كۈچى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلاتتى. كادىرلار يېتىشمەيتتى. ھەرپلەر قول بىلەن تىزىلاتتى. كېيىنچە لېنوتىپ ماشىنىلىرى كەلتۈرۈلۈپ، شۇلار ئارقىلىق ھازىرلاش مۇمكىنچىلىكى پەيدا بولغان. ماۋزۇلار بولسا يەنىلا قولدا تىزىلاتتى. تاختىدىكى تەييار بەتلەر قولدىن چۈشۈپ چېچىلىپ، ئاخشىمى تۈن يېرىمىغىچە يېڭىباشتىن بەت ياسىغان ئىشلارمۇ يۈز بەرگەن. گېزىت بېسىش ماشىنىلىرىدا بارماقلار ھەرىكەتكە كېلىپ بىر-بىرلەپ بېسىشقا 5-6 سائەت كېتەتتى، ئىش تاماملانغۇچە تۈن يېرىم بولۇپ كېتەتتى. تۈپلىنىپ تەييار بولغان گېزىتلەر ئەتىسى تاڭ سەھەر ھارۋىلار بىلەن پوچتىغا يەتكۈزۈلۈپ، ئاتلار بىلەن يېزىمۇ-يېزا تارقاتقان مەزگىللەر ئەسلىمە بولۇپ قالدى. بۈگۈنكى كۈندە نوئۇتبۇك (لەپتوپ) بىلەن تىزىلىپ بەت ياسىلىدۇ، ئاندىن ئېلېكتىرونلۇق پوچتا ئارقىلىق يىگىرمە مىنۇت ئەتراپىدا قوبۇللاپ ئالغان باسمىخانىدا زامانىۋىي تېخنىكىلار ئارقىلىق يېرىم سائەت ئارىلىقىدا بېسىلىپ چىقىدۇ. سۈپەت جەھەتتىن كۆركەم ۋە مۇكەممەل».
ئابدۇماناپ ئابلىزوفنىڭ ئېيتىشىچە، گېزىتكە مۇشتەرى توپلاش ئىشى ئانا مەكتەپكە ئوقۇغۇچى يىغىشتەك مۇرەككەپ مەسىلىگە ئايلانغان. ئۇيغۇر مەدەنىيىتى مەركەزلىرى، يىگىت باشلىرى، خانىم-قىزلار كېڭەشلىرى گېزىتنىڭ تايانچىلىرىغا، غەمخورچىلىرىغا ئايلانغان.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، «ئىلى ۋادىسى» گېزىتى 2021-يىلنىڭ 23-ئىيۇلدىن باشلاپ جۇمھۇرىيەتلىك مەرتىۋىگە ئىگە بولۇپ، قازاقىستاننىڭ جاي-جايلىرىغا تارالماقتا. گېزىتنىڭ تىراژىمۇ بارغانسېرى كۆپىيىپ، كۆپكە تونۇلماقتا. گېزىت ئىلگىرى «تىنچلىق ئەمگەك»، «كوممۇنىزم يولى»، «ئىلى ۋادىسى»، «ئىلى ۋادىسى-ئىلې شۇغىلاسى»، «ئىلې ئۆڭىرى-ئىلى تەۋەسى» ناملىرى بىلەن چىققان. ھازىر بۇ گېزىت ئۇيغۇر ناھىيەسىدە كىندىك قېنى تامغان بارچە قازاق، ئۇيغۇر شائىر يازغۇچى، ئالىم، ژۇرنالىستلارنىڭ سۆيۈملۈك گېزىتى، تەلىمات مەكتىپى بولۇپ قالماقتا. گېزىتىنىڭ راۋاجلىنىشىدا ئۆمەرجان ئادىلوف، مىرزەخمەت مېرىموف، سەدۋاقاس مەسۈتوف، تۇرسۇنجان نىزاموف، ئابۇلجان مۇسىياروف، ئەمىردىن تايىروف، ماھىنۇر نىزامدىنوۋا، مېرۋانەم كېبىروۋا، ئەمىردىن نادىروف ۋە باشقا كۆپلىگەن شەخسلەر ئاساسلىق رول ئوينىغان.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «تۇران» ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، تارىخ پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى زۇلفىيە كەرىموۋا خانىم قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مەتبۇئاتىنىڭ تارىخى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مەتبۇئاتىنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇزۇن كەچمىشى بار. بۇ ھەقتە مەشھۇر ئۇيغۇرشۇناس ئالىم، تارىخچى، مەرھۇم مۇنىر يېرزىن ئۆزىنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتلىرىدا مول مەلۇماتلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن. ئۇنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، دەسلەپكى مەتبۇئات سەھىپىلىرى 1910-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا، يەنى يەتتىسۇدا سوۋېت ھاكىمىيىتى ئورنىتىلغاندىن ئىلگىرى پەيدا بولغان. تارىخچىلار، شۇ جۈملىدىن، مۇنىر يېرزىن ئۇيغۇر مەتبۇئاتىنىڭ تارىخىنى يەتتىسۇدا 1918-يىلى نەشر قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ تۇنجى گېزىتى «سادائى تارانچى» گېزىتى بىلەن باغلاشتۇرىدۇ. ئەگەر شۇنىڭغا ئاساسلانساق، دېمەك ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر مەتبۇئاتىنىڭ تارىخىغا يۈز يىلدىن ئاشتى دېسەك بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈنگىچە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزى بولغان قازاقىستاندا بىر قانچىلىغان گېزىت ۋە ژۇرناللار نەشر قىلىنىپ كەلگەن ئىدى. قازاقىستان مۇستەقىللىققا ئېرىشىپ، ئۇيغۇر تىلىدا «ئانا مەكتەپ»، «مەرىپەت»، «خۇش كەيپىيات»، «دىدار» قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللار ئارقا-ئارقىدىن نەشر قىلىنغان بولسىمۇ، ئامما ئۇلارنىڭ كۆپى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلار سەۋەبىدىن تاقىلىپ كەتتى. كېيىنرەك يورۇق كۆرۈشكە باشلىغان «ئېھسان»، «ئىنتىزار»، «ئاخبارات»، «ئۇيغۇر-پەن»، «غۇنچە»، «ئىجادكار» قاتارلىق ژۇرناللارمۇ ئۇيغۇر مەتبۇئاتىدا مەلۇم رول ئوينىدى، ئامما، ئەپسۇسكى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى تاقىلىپ كەتتى.»
زۇلفىيە كەرىموۋا ئۇيغۇر ناھىيەسىدىن نۇرغۇنلىغان مەشھۇر شەخسلەرنىڭ يېتىلىپ چىقىپ، ئومۇمەن قازاقىستاننىڭ تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشقانلىقىنى، بۇنىڭ بارلىقىنىڭ ئەنە شۇ مەتبۇئات سەھىپىلىرىدە يورۇتۇلۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندە قازاقىستان ئۇيغۇر مىللىي مەتبۇئاتى ئەڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇر مىللىي مەتبۇئاتىنىڭ كارۋان بېشى بولۇپ كېلىۋاتقان «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى بىلەن بىر قاتاردا، ھازىر ئېلىمىزدە ئۇيغۇر تىلىدا «ئاسىيا بۈگۈن»، «ئىلى ۋادىسى» قاتارلىق گېزىتلىرىمىز نەشر قىلىنىۋاتىدۇ. يېقىندا «ئىلى ۋادىسى» گېزىتى ئۆزىنىڭ 90 يىللىقىنى ئاتاپ ئۆتتى. بۇ گېزىتتە خەلقىمىزنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، ئەدەبىياتى، سەنئىتى، زامانداشلىرىمىزنىڭ بۈگۈنكى ھايات-تىرىكچىلىكى، ئېلىمىزنىڭ ھەر ساھەلەردە قولغا كەلتۈرۈۋاتقان ئۇتۇقلىرى ھەققىدە ياخشى، مەزمۇنلۇق ماقالىلەر داۋاملىق بېرىلىپ تۇرۇۋاتىدۇ. قازاق ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدا نەشر قىلىنىۋاتقان بۇ گېزىت، ئەلۋەتتە، قازاق ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دوستلۇقىنىڭ، بىرلىكىنىڭ يارقىن ئۈلگىسىدۇر. بۇ پۇرسەتتە، گېزىتىمىزنى مۇشۇ تەۋەللۇتى بىلەن چىن قەلبىمدىن تەبرىكلەيمەن ھەم چوڭ ئۇتۇقلار تىلەيمەن.»
چونجادىكى مەدەنىيەت ئۆيىدە ئۆتكەن تەنتەنىدە ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى بوتا ئېلېئۇسىزوۋا، جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى دولقۇنتاي ئابدۇخېلىل، «بېنت» جەمئىيىتى مۇدىرلار كېڭىشىنىڭ پىرېزىدېنتى دىلمۇرات قۇزىيېف، شۇنداقلا پاتىگۈل مەقسەتوۋا، قادىربېك قۇناپىيا ئوغلى قاتارلىق ئۇيغۇر، قازاق يازغۇچىلىرى ۋە باشقىلار گېزىت ئۈچۈن قىزغىن تىلەكلىرىنى ئېيتقان. شۇنىڭدەك، بۇ تەنتەنىدە چوڭ كونسېرت پىروگراممىسى كۆرسىتىلگەن.