قازاقىستان ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ «مەھمۇد قەشقىرى» دىرامىسى ئالقىشقا ئېرىشتى
2024.04.26

قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدىكى قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرى ئۆزىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقى، مەھمۇد قەشقىرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسىرىنىڭ يېزىلغانلىقىنىڭ 950 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن دىراماتورگ ئەكرەم ئەخمەتوفنىڭ «مەھمۇد قەشقىرى» ناملىق ئەسىرىنى 24-ئاپرېل تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە قويدى. تۈرك دۇنياسىنىڭ مەشھۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقىرى ۋە قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ تارىخى بايان قىلىنغان سەھنە ئەسىرى تاماشىبىنلارنىڭ زور ئالقىشىغا ئېرىشتى.
مەزكۇر ئۇيغۇر تىياتىر ئۆمىكى تۈركسوي يەنى خەلقئارالىق تۈركىي مىللەتلەر كۈلتۈر تەشكىلاتى بىلەن قازاقىستاننىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن تۈركىيەگە كەلگەن بولۇپ، تىياتىرنى ئەنقەرەدىكى ھەر قايسى ئىدارە جەمئىيەت مەسئۇللىرى، ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ، كۆپ ساندا كىشى كۆردى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تىياتىر رېژىسسورى دىلمۇرات باھاروف مۇنداق دېدى: «بۇ يىل تىياتىرىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ90-يىلى، بۇ سەۋەبتىن تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە بۇ خاتىرە پائالىيىتىمىزنى باشلىدۇق. ئۇنىڭدىن سىرت مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ‹تۈركىي تىللار دىۋانى› ناملىق ئەسىرىنىڭ يېزىلغانلىقىنىڭ 950-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2024-يىلىنى ‹مەھمۇد قەشقىرى يىلى› ئېلان قىلدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن قازاقىستان مەدەنىيەت ۋە ئاخبارات مىنىستىرلىقىنىڭ قوللىشى، تۈركسوي تەشكىلاتىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئەنقەرەدە ئويۇن قويدۇق. »
ئىگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇر تىياتىرى بۇرۇن ھەر يىلى ئۆزىنىڭ پائالىيىتىنى «ئانارخان» دىرامىسىدىن باشلايدىغان بولۇپ، بۇ بىر ئەنئەنە بولۇپ شەكىللەنگەنىكەن. لېكىن، كېيىنكى يىللاردا بۇ ئەھۋال ئۆزگىرىپ، ئۇيغۇر تارىخى بايان قىلىنغان «بايانچۇر» ۋە «ئىدىقۇت»، بۇ يىلى بولسا «مەھمۇد قەشقىرى» ئەسىرى بىلەن 90 يىللىق خاتىرە تويى باشلانغان. مەزكۇر ئەسەردىكى مەھمۇد قەشقىرى رولىنى ئوينىغان دىلشات ئامانبايېف ئەپەندى مەھمۇد قەشقىرى رولىنى ناھايىتى ياخشى ئورۇنلىغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ زور ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئۇ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «مەن 20 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر تىياتىرىدا ئىشلەۋاتىمەن. خەلقىمىزگە بۇرچىمىزنى ئادا قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز. بىز ۋەتىنىمىزنى، مەدەنىيىتىمىزنى دۇنياغا تونۇتۇشقا تىرىشىۋاتىمىز.»
ئۇ، مەھمۇد قەشقىرىنىڭ رولىنى ئويناشنىڭ قېيىن ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەھمۇد قەشقىرىنىڭ رولىنى ئويناش ماڭا ئېغىر كەلدى. رەھمەتلىك رېژىسسورىمىز مۇھىتجان ئەزىزوف ئاكىمىز ئالەمدىن ئۆتۈپ كەتتى. بىز بۇ ئاكىمىز بىلەن كۆپ ئىشلىدۇق. ئۇ، ئاچقان يولدا مېڭىپ ۋەزىپىمىزنى ئادا قىلىشقا تىرىشتۇق. »
بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان تۈركسوي تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سايىت يۈسۈپ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن ئۇيغۇرچىنى ياخشى چۈشىنەلمىگەن بولساممۇ، تىياتىردىكى بۇ چىنلىقتىن نېمە ئاڭلاتقانلىقىنى چۈشەندىم. بەك تەسىرلىك ئۇنتۇلماس بىر كېچە بولدى. مەھمۇد قەشقىرىدىن بۇرۇن، كېيىن ۋە ئۇ دەۋردە ئۆتكەن ئۇلۇغلارنى ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمەن. ئۇيغۇر تىياتىرىغا رەھمەت ئېيتىمەن. »
ئەنقەرەدە تۇرۇۋاتقان ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىدا تۈركولوگىيە كەسپى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان رابىگۈل، تۈركىيەدە ئۇيغۇر تىلىدا تىياتىر كۆرگەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولغانلىقىنى، تەسىرلىنىپ كۆزىگە ياش ئالغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئىگىلىشىمىزچە، قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى ئۇيغۇر تىياتىرى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان «كۆك كۆڭلەكلىكلەر» ھەۋەسكارلار ئۇيۇشمىسى ئاساسىدا1934-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۆز سەھنىسىنى جالال ئاسىموف ۋە ئابدۇلھەي سادىروفنىڭ «ئانارخان» دىرامىسى بىلەن باشلىغانىدى. 90 يىللىق تارىخقا ئىگە مەزكۇر تىياتىر سەھنىسىدە ئەخمەت شەمىيېف، مەريەم سەمەتوۋا، روشەنگۈل ئېلاخۇنوۋا، غۇلامخان جەلىلوف، خەلچەم ئېلىيېۋا، مۇرات ئەخمىدى قاتارلىق ئاتاقلىق سەنئەتكارلار ئۆز تالانتىنى نامايان قىلىپ، مىڭلىغان تاماشىبىنلارنىڭ ئالاھىدە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان. ئۇلار قازاقىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئارتىسى، خەلق ئارتىسى دېگەندەك يۇقىرى ناملارغا سازاۋەر بولغان.
ھازىر بۇ ئۇيغۇر تىياتىرىنى دىلمۇرات باھاروف باشقۇرماقتا. تىياتىر تەركىبىدە «ناۋا» مىللىي چالغۇ ئەسۋابلار ئانسامبىلى، «رۇخسارى» ئۇسسۇل ئانسامبىلى ۋە دىراما گۇرۇپپىسى ئىشلىمەكتە.