قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى روزا ھېيتىنى كۈتۈۋالدى
2024.04.10
10-ئاپرېل قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆزلىرى ياشاۋاتقان جايلاردىكى مەسچىتلەرگە يىغىلىپ، ھېيت نامىزىنى ئوقۇدى. ھېيت نامىزى ئادەتتىكىدەك ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان بارلىق يەرلەردە ئۆتتى. ئالمۇتا، ياركەنت، قونايېف شەھەرلىرى، شۇنىڭدەك ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر، ئەمگەكچىقازاق، تالغىر ناھىيەلىرى ۋە يەتتىسۇ ۋىلايىتىنىڭ پانفىلوف ناھىيەسىدىكى يېزىلار شۇلار جۈملىسىدىندۇر.
مەزكۇر مەسچىتلەرگە جەم بولغان خەلق نامازدىن چىقىپ، قەبرىستانلىقلاردا ياتقان ئاتا-ئانىلىرىنىڭ، قېرىنداشلىرىنىڭ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ تۇپراق بېشىغا بېرىپ، ئۇلارنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇدى ۋە ئۆيمۇئۆي كىرىپ، بىر-بىرىنى ھېيتلىدى.
قازاقىستان پايتەختى ئاستانادىن قالسا، مەملىكەتتىكى ئىككىنچى چوڭ شەھەر ھېسابلىنىدىغان ئالمۇتادا ئۇيغۇرلار ئاساسىي جەھەتتىن دوستلۇق، گورنىي-گىگانت، سۇلتانقورغان، زاريا ۋوستوكا مەھەللىلىرىدە ئورۇنلاشقان. بۈگۈن، 10-ئاپرېل روزا ھېيت نامىزى دوستلۇق مەھەللىسىگە جايلاشقان «مۇزەممىن مەسچىتى» دە ئوقۇلدى.
ناماز تاماملىنىپ، بىز ئەنە شۇ مەسچىتنىڭ ئۇستازى بەخىتجان ھەمرايېفنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بۇ يىل دۇنيادىكى پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا چۈشكەن ئېغىرچىلىقلارغا، شۇنداقلا قازاقىستان دىيارىدا ئاقتۆپە، ئاقتاۋ، ئورالدىكى سۇ بېسىش ئاپىتىگە بىنائەن مەسچىتىمىزدە ھېيت نامىزىدا، شۇنداقلا تاراۋى نامازلىرىدا مۇسۇلمان جامائىتى يىغىلىپ، بىر قېرىنداشتەك ئۆملۈكتە ئاپەتكە ئۇچرىغان قېرىنداشلىرىمىز شۇ ئېغىرچىلىقلاردىن قۇتۇلۇپ كەتسۇن دەپ دۇئا قىلدۇق. بىز دائىم ھېيتنى خاسىيەتلىك دەپ تونۇيمىز. ھەممىمىزنىڭ كىچىك بالىلىرىمىزمۇ، شۇنداقلا يۇرت-جامائەتمۇ شۇنى ئۆتكۈزۈشكە ئامراق. بىراق، بىز شۇلارغا ئورتاق بولىمىز دەپ، ناغرىلارمۇ چېلىنمىدى ھەم ھېيت داستىخانلىرىمۇ يېيىلمىدى. ھەممىسى توختىتىلدى. چۈنكى قازاق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بېشىغا چۈشكەن ئېغىرچىلىققىمۇ بىز بەرداشلىق بېرىپ، ئۆز كۆڭلىمىزدىن داستىخانغا كېتىدىغان ھەر قانداق خىراجەتنى ئاقتۆپە ۋە ئورالغا يوللىماقچى بولدۇق» .
ئالمۇتا ۋىلايىتى ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ باھار يېزىسىدا تۇرىدىغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى سەيدالىم ئامۇتوف ئەپەندى پۈتكۈل جاھان مۇسۇلمانلىرى روزا ئېيىنى خۇشال ئۆتكۈزگەن بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭلى يېرىم ۋە مۇسىبەتتە بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەپسۇس، بىز ۋەتەنسىز، ۋەتەننىڭ ھۆرلۈكىسىز، ئازادلىقىسىز زار قان يىغلاپ، روزىلارنى تۇتتۇق. ھەر بىرىمىز تۇتقان روزىمىزدا ئاللادىن ئۆتۈنۈپ، ۋەتىنىمىزنىڭ ئازادلىقىنى سورىدۇق. ۋەتەننىڭ سىرتىدا، ھەر بىر دۆلەتتە ياشاۋاتقان خەلقىمىز ئەنە شۇ ۋەتىنى بار مىللەتلەر خۇشال-خۇرام، ئاللادىن مېھىر-شەپقەت سوراپ، چىرايلىق روزىلارنى تۇتقان بولسا، بىز ناھايىتى ئېغىر ئاسارەت ئاستىدا ياشاۋاتقان مىللەت سۈپىتىدە ئېغىرچىلىقتا قالغان، ۋەتەنسىز تۇتقان روزىمىز بولۇپ ھېسابلاندى. ئىلاھىم، ئاللا بىزگە تېز ئارىدا ۋەتىنىمىزنى ئازاد قىلىپ بەرسىكەن دەيمىز. ئەمما قازاقىستان دىيارىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار قازاق مىللىتى بىلەن بىرلىكتە خۇشاللىقتا رامىزان ئېيىنىڭ نامازلىرىنى ئوقۇدۇق. نامازلىرىمىزدا ۋەتىنىمىزنىڭ ئازادلىقىنى تىلىدۇق» .
ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىگە قاراشلىق بايسېيىت يېزىسى ئۇيغۇرلار ئەڭ زىچ ئولتۇراقلاشقان چوڭ يېزىلارنىڭ بىرىدۇر. مەزكۇر يېزىنى ئۇيغۇرلار «قاشىي يۇرتى» دەپمۇ ئاتايدۇ. چۈنكى تارىخىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 19-ئەسىرنىڭ مەشھۇر شائىرى سېيىت مۇھەممەت قاشىي ئۇيغۇر دىيارىدىن كۆچۈپ چىقىپ، مۇشۇ يېزىغا كېلىپ ئورۇنلاشقان ئىكەن. بىز ئەنە شۇ يۇرتنىڭ چوڭ يىگىت بېشى غىلاجىدىن ئوسمانوف بىلەن ئالاقىلەشتۇق.
غىلاجىدىن ئوسمانوف ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، پۈتكۈل بايسېيىت خەلقى نامىدىن بارلىق ئۇيغۇرلارنى، پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنى روزا ھېيتى بىلەن قىزغىن تەبرىكلىدى. ئۇ ئۇلۇغ روزا ئېيىدا بايسېيىت خەلقىنىڭ قازاقىستاندا تەبىئىي ئاپەت يۈز بەرگەن جايلارغا ياردەم قولىنى سوزغانلىقىنى، شۇنىڭدەك يېزا ياشلىرىنىڭ مەبلەغ توپلاپ، قەبرىستانلىقنىڭ ئەتراپىنى توسۇپ، تازىلاپ، رېمونت قىلىپ چىققانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ھېيت قازاقىستاننىڭ بارلىق ئۆلكىلىرىدە ناھايىتى يۇقىرى كەيپىياتتا ئۆتمەكتە. بىزدىمۇ شۇنداق ئۆتتى. بۇ كەيپىياتنىڭ ياخشى بولۇشىنى ئالمۇتادىن كەلگەن نازىم ئىنىمىز قوللىدى. ئۇ ناغرىچىلارنى يىغىپ، نامازدىن چىقىپ، كوچا-كوچىلاردا ناغرا، كاناي ۋە سۇنايلارنى چېلىپ، بارلىق يۇرتداشلارنىڭ كۆڭلىنى، كەيپىياتىنى كۆتۈردى. نازىم ئىنىمغا چوڭ رەھمەت ئېيتىمەن. يۇرتىمىزنىڭ ياشلىرى، ئاكتىپلىرى پائال قاتناشتى. ياشلار نامازغا ناھايىتى نۇرغۇن قاتناشتى. ھەممىسىنىڭ كەيپىياتى يۇقىرى. ھېيت بايرىمىنى بۈگۈن ناھايىتى ياخشى باشلاپ، ئاخىرىنى چىقاردۇق، يەنە داۋاملىشىدۇ. شۇ بالىلىرىمىزنى ئىنسانىي پەزىلەت بىلەن تەربىيەلىگەن ئانىلىرىمىز، ئاتىلىرىمىز ئامان بولسۇن. بالىلىرىمىزنىڭ كېلەچىكى پارلاق، ئىمانلىق، ئىنسابلىق بولسۇن. ھېچ قاچان ئۆز يۇرتىنى، يېرىنى ئۇنتۇمايدىغان بولۇپ، قەيەردە بولمىسۇن، شۇ يۇرتىنى ئەسلەپ تۇرىدىغان بولسۇن. ۋەتىنىمىز قازاقىستاننىڭ كېلەچىكى پارلاق بولسۇن. بارلىق بايراملارنى شۇنداق خۇشال-خۇرام، ياخشى ئۆتكۈزۈۋاتىمىز ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ياخشى ئۆتكۈزىمىز دەپ ئۈمىد قىلىمىز»
غىلاجىدىن ئوسمانوف شۇنىڭدەك قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقنى نىشان قىلىپ، قازاقىستاننىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتىغا زور ئۈلۈش قوشۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ يەنە پۈتكۈل قازاقىستان خەلقىگە بەخت، خاتىرجەملىك تىلىدى.
قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرى يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمىدىن كېلىۋاتقان مىللىي ئەنئەنىسى بولغان مەشرەپنى تىكلەشتە مۇھىم رول ئوينىماقتا. جاي-جايلاردا تەشكىللىنىۋاتقان مەشرەپلەر ئانا تىلىنى، تارىخنى ساقلاشقا، مىللىي مەدەنىيەتنى تەشۋىق-تەرغىب قىلىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلمەكتە.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىگە قاراشلىق غەيرەت يېزىسى ياشلار مەشرىپىنىڭ ئاساسچىلىرىنىڭ بىرى بەختىشات مەمەتباقىيېف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندە ئانا ۋەتىنىمىزدە ياشاۋاتقان خەلقىمىز، قېرىنداشلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىلىنى، بۇرۇندىن كېلىۋاتقان ئۆرپ-ئادەتلىرىنى، مەدەنىيىتىنى، دىنىي ئەنئەنىلىرىنى ساقلاشتا خىتاينىڭ قاتتىق بېسىمىغا ئۇچراۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ياشلىرىمىزنى ئۆز مىللىتىدىن يالتايتقۇزۇپ، خىتايلاشتۇرۇش ھەرىكەتلىرى بىزنى قاتتىق تەشۋىشلەندۈرىدۇ. مانا بۈگۈن بىز قازاقىستاندىكى ئەركىنلىكلەردىن پايدىلىنىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلۇغ پەرزى روزا تۇتۇشنى ئامان-ئېسەن ئاياغلاشتۇرۇپ، مەسچىتلەرگە بېرىپ، ھېيت نامىزىنى ئوقۇدۇق. بۇ يىلمۇ روزا تۇتقان ياشلارنىڭ سانى ئاز بولمىدى. ياشلار روزا-رامىزان ئېيىدا چوڭلار بىلەن بىرلىكتە روزا تۇتۇپ، ئىپتارلارنى ئۇيۇشتۇردى، خەيرخاھلىق ئىشلىرىغا ئاكتىپ ئارىلاشتى. ياشلىرىمىز ئۆز دۇئالىرىدا خەلقىمىزگە بەخت-سائادەت، ئەركىنلىك، مۇستەقىللىق تىلىدى. مەنمۇ باشقىلار قاتارىدا ئانا ۋەتىنىمىزنىڭ مۇستەقىل بولۇپ، خەلقىمىزنىڭ پاراۋان، بەختلىك ياشىشىنى تىلەيمەن. بارلىق مۇسۇلمانلارنى روزا ھېيتى بىلەن تەبرىكلەپ، بىرلىككە، ئىتتىپاقلىققا چاقىرىمەن» .
ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستان مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن كېيىن ھۆكۈمەت تەرىپىدىن دۆلەت، مىللىي ۋە كەسپىي بايراملار رەسمىي تەستىقلانغانىدى. دىنىي بايراملارنىڭ ئىچىدىن مۇسۇلمانلارنىڭ روزا ھېيتى ۋە قۇربان ھېيتى خەلق تەرىپىدىن تەبرىكلىنىدىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار مەملىكەتنىڭ رەسمىي بايراملىرى تىزىمىغا ئېلىنمىدى. پەقەت قۇربان ھېيتى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك نىزامنامىسىنىڭ 84-ماددىسىغا بىنائەن دەم ئېلىش كۈنى دەپ قوبۇل قىلىنغان.