قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 15 يىللىقىنى خاتىرىلىدى
2024.07.10

6-ئىيۇل كۈنى ئالمۇتا شەھىرىگە ئورۇنلاشقان «ئاق بۇلاق» رېستورانىغا جەم بولغان ئۇيغۇرلار 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 15 يىللىقىغا بېغىشلانغان خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىللىرى ئۇيۇشتۇرغان بۇ مۇراسىمغا ئالمۇتا شەھىرى ۋە ناھىيەلەردىن كەلگەن ۋەكىللەر قاتناشتى.
خاتىرىلەش مۇراسىمىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەزاسى رەھىمجان مەنسۇروف رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ، مەزكۇر مۇراسىمنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىدىكى ئەڭ قانلىق ۋەقەلەرنىڭ بىرى 2009-يىل 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەشكە بېغىشلانغانلىقىنى، بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ مۇراسىمنى كەڭ دائىرىدە ئۆتكۈزۈش مۇمكىن بولمىغانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ ۋاقتىنى بۆلۈپ كەلگەنلەرگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى. ئاندىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىللىرىدىن بىرى تۇرسۇنجان سايىتوف قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ، ئۇيغۇر خەلقىگە ئازادلىق، ئەركىنلىك، ھۆرلۈك تىلىدى.
سۆزگە چىققان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى، سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە سەۋەبلىرى، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ھەم تارىخىي ئەھمىيىتى، خەلقئارا ۋەزىيەت، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىشلىرى ھەققىدە تەپسىلىي دوكلات قىلدى.
قەھرىمان غوجامبەردى ئۈرۈمچى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، تىنچ نامايىشقا چىققان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي قوراللىق كۈچلىرى تەرىپىدىن ئوققا تۇتۇلغانلىقىنى بايان قىلدى.
مۇراسىمدا قەھرىمان غوجامبەردى مۇراسىم قاتناشقۇچىلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ھازىر ئالمۇتا ۋىلايىتى ئۇيغۇر ناھىيەسىدە ياشاۋاتقان ۋەكىلى سەيدالىم ئامۇتوف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بۈگۈن ماتەم ئاستىدا ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 15 يىللىقىنى خاتىرىلەش كۈنىنى ئۆتكۈزدۇق. ئۇنىڭدا كوممۇنىست خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئەسكە ئالدۇق. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي مەسلىھەتچىسى قەھرىمان ئاكا 15 يىل مۇقەددەم ئۈرۈمچىدە بولغان ۋەقەنى تولۇق، تەپسىلىي سۆزلەپ ئۆتتى. ئەلۋەتتە، بىزنىڭ نەپرىتىمىز قوزغالدى. قەھرىمان ئاكا ئۆز سۆزىدە خىتاي ئارمىيەسىنىڭ قورالسىز خەلقنى قىرغانلىقى توغرىلىق چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. شەخسەن ئۆزۈم ۋەتىنىمىزنىڭ تېز ئازاد بولۇپ، يالماۋۇزنىڭ قولىدىن قۇتۇلساق دېگۈم كېلىدۇ. بىز بولۇپمۇ ھازىرقى ۋەزىيەتتە غەپلەت ئۇيقۇسىدا ئولتۇرغان ياشلارنى ئويغىتىشىمىز كېرەك. بۇ زۆرۈر دەپ ئويلايمەن. بۇنىڭدىن 15 يىل مۇقەددەم ۋەتىنىمىزنىڭ ئازادلىقى يولىدا، ھۆرلۈك يولىدا ئۆزلىرىنىڭ جېنىنى قۇربان قىلغان ئوغلانلىرىمىزغا، قىزلىرىمىزغا، ئانىلىرىمىزغا رەھمىتىمنى ئېيتقۇم كېلىدۇ. شۇ ئىنسانلىرىمىزنىڭ ياتقان يەرلىرىنى جەننەت قىلغاي».
مەزكۇر مۇراسىمغا تالغىر ناھىيەسىدىن كېلىپ قاتناشقان گۈلبانۇم باقىيېۋا خانىم مۇنداق دېدى: «قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى، جۈملىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى يىغىلىپ، تارىخىي ۋەتىنىمىزدە 2009-يىل 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقىدا، ھازىرقى ۋاقىتتا لاگېرلاردا قىينىلىپ، شېھىت بولۇپ كەتكەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ روھلىرىغا ئاتاپ، قۇرئان تىلاۋەت قىلدۇق. بىز تارىخىي ۋەتىنىمىزدىكى قانداش ھەر ۋاقىتتا ئەسكە ئېلىپ تۇرىمىز. بىز شۇ لاگېرلاردا ئولتۇرغانلارنى ئازاد بولسۇن، ۋەتىنىمىزمۇ ئازاد بولسىكەن دەپ ئارمان قىلىمىز. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار قازاقىستان پۇقراسى بولغاچقا، قازاقىستاننىڭ قانۇنىنى بۇزۇشقا بولمايدۇ. شۇڭا مۇشۇنداق ئەسلەش مۇراسىملىرىنى ئۆتكۈزۈۋاتىمىز».
ئالمۇتىدا ئۆتكەن خاتىرىلەش پائالىيىتىدە سۆزگە چىققانلار قازاقىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇلار شۇنىڭدەك ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرلىشىپ، ھەرىكەت قىلىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش لازىملىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۇيغۇر خەلقىگە بىرلىك، ئىتتىپاقلىق تىلىدى.