جەۋھەر ئىلھام: «دادامدىكى قەھرىمانلىق بوۋام ۋە مومامنىڭ روھىدىن مىراس قالغان!»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىدى
2024.09.24
Ilham-toxti-nasipxan-qunaxun-kepter-1920 بۇنىڭدىن ئون يىل بۇرۇن، يەنى 2014-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىدە مەخسۇس سوت ئېچىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى، ئۇيغۇر ئىقتىسادشۇناسى، پىروفېسسور ئىلھام توختى «دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانىدى.
RFA/Bahram Sintash

بۈگۈنگە قەدەر خىتاي تۈرمىسىدە ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىنى ئۆتەۋاتقان پىروفېسسور ئىلھام توختى ھەققىدە نەچچە يۈزلىگەن خەۋەر-ماقالە ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى يېتىشتۈرگەن ئاتا-ئانىسى ھەققىدە ھېچ نەرسە يېزىلمىغانلىقى مەلۇم. ئىلھام توختىنىڭ ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان قىزى جەۋھەر تۆت يىلنىڭ ئالدىدا تەتقىقاتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە چوڭ ئانىسى ناسىپخان قۇناخۇن ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلغان ئىدى. ئۇ تەسىراتىدا چوڭ ئانىسىنىڭ ئۆتمۈشتىكى جاپالىق ھاياتى ۋە بۇ ھاياتتىن شەكىللەنگەن چىدامچان خاراكتېرى، شۇنىڭدەك ئىقتىسادچان تۇرمۇش ئادىتى ھەققىدە ئالاھىدە توختالغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، دادىسىنىڭ تەۋەككۈلچى ۋە پىداكار روھىدا چوڭ ئانىسىنىڭ جاپالىق ھاياتى ۋە تەربىيەسىنىڭ زور تەسىرى بولغان.

 تەتقىقاتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئىلھام توختىنىڭ ئائىلە تارىخى ھەققىدە مەخسۇس ئىزدەنگەن زىيالىيلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئىلھام توختىنىڭ دادىسى توختى تەۋەككۈل 1960-يىللاردا بېيجىڭدا پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا، كېيىنچە لەنجۇدا تۆمۈر يول ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان. 1973‏-يىلى، يەنى «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» مەزگىلىدە قىزىل قوغدىغۇچىلار توختى تەۋەككۈلنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن. ئىككى ياش ۋاقتىدا دادىسىدىن يېتىم قالغان ئىلھام توختى ۋە ئىككى ئاكىسى ئانىسى ناسىپخان قۇناخۇننىڭ تەربىيەسىدە يېتىشىپ چىققان.

 ئابدۇۋەلى ئايۇپ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىر پائالىيەت سورۇنىدا ناسىپخان قۇناخۇن ئانا بىلەن ئۇچراشقان ۋە ناسىپخان ئانىنىڭ ئوغلىنىڭ ھەققانىيەتچى خاراكتېرىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى ئاڭلىغان. ئابدۇۋەلى يەنە ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن بىر قېتىم ئاتۇشقا بېرىپ ناسىپخان ئانىنى يوقلىغان. شۇ چاغدىمۇ ناسىپخان ئانىنىڭ خۇددى ئىلھام توختىغا ئوخشاشلا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىقتىسادىي بۇلاڭ-تالاڭ ۋە مەدەنىيەت ئىستىلاسىغا قارىتا ئىسيانكارلىقىغا شاھىت بولغان.

 ئابدۇۋەلى ئايۇپ بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئىلھام توختىنىڭ خىتايدەك بىر ياۋۇز ھاكىمىيەتكە جەڭ ئېلان قىلىش، مەھكۇم مىللىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۆز ھاياتىنى تەقدىم قىلىشتەك بۇ قەھرىمانلىق روھى ۋە پىداكارلىق خىسلىتىدە ئۆزىنىڭ تۇغما مىجەزى ۋە ئۆگەنگەن ئىلمىنىڭ تەسىرىدىن باشقا، بالىلىقىدىن باشلاپ شاھىت بولغان خىتاي زۇلمى ۋە ئانىسىنىڭ جاپالىق تەربىيەسىنىڭ پەۋقۇلئاددە رولى بارلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

 ئىلھام توختى ۋە ناسىپخان ئانىنىڭ روھى دۇنياسىنى يېقىندىن چۈشەنگەن تەتقىقاتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ، ناسىپخان ئانىنىڭ ۋاپاتىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن مەرھۇمەگە ئاتاپ تۆۋەندىكى شېئىرىنى قەلەمگە ئالغان.

ئوغلۇڭ تامان بارالماي كەتتىڭ،

توسقۇنلارنى يارالماي كەتتىڭ،

ئۈمىدسىزلىك ئوغا بولغان كۈن،

ئىلھامىڭغا قانالماي كەتتىڭ.

 

ئىلھامىڭنى كۆرەلمەي كەتتىڭ،

جۇدالىققا كۆنەلمەي كەتتىڭ،

قىسماقلاردا قىينالدىڭ قۇشتەك،

قاناتىڭنى سۆيەلمەي كەتتىڭ.

 

ئوغلۇم دېدىڭ ئوغاڭ قاينىدى،

يىغلاپ كۆزۈڭ ئۆچتى يانمىدى،

يۈرىكىڭنى قان قىلدى ھىجران،

 مەلھەمىڭنى سۈرەلمەي كەتتىڭ.

 

بىر ھەپتىدىن بۇيان بۇ شېئىر ئۇيغۇرچە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭرى تارقالماقتا. بۇ تارقىلىش ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىلھام توختى ۋە ئانىسىغا قارىتا ھۆرمەت، ئۇلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىغا قارىتا قىزىقىش ۋە دۇچ كەلگەن ھايات پاجىئەلىرىگە قارىتا ئېچىنىش تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلىمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.