قەشقەر تارىخىدىكى «30-ئۆكتەبىر ۋەقەسى» ۋە ئۇنىڭ 43 يىللىق خاتىرىسى

ميۇنخېندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم تەييارلىدى
2024.10.31
qara-mashina-qoralliq-saqchi-milletler-ittipaqliqi-AFP ئۈرۈمچىدە قوراللىق قىسىملار قوراللىرىنى كۆتۈرگەن ھالدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايلى» دېگەن شوئار ئېسىلغان قارا ماشىنىدا شەھەرنى كەزمەكتە. 2009-يىلى 9-ئىيۇل، ئۈرۈمچى
AFP

خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، كوممۇنىست خىتاي ئارمىيەسى 1949-يىلى ئۇيغۇر دىيارىغا بېسىپ كىرگەندىن كېيىنكى دەسلەپكى 30-40 يىل جەريانىدا، «ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى» دەپ تەرىپلىنىدىغان قەشقەر شەھىرىدە خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى بىرقانچە قېتىملىق زور سىياسىي ۋەقەلەر يۈز بەرگەن. بۇنىڭ بىرى، بۇنىڭدىن 55 يىل ئىلگىرى، يەنى 1969-يىلىدىكى «مىجىت ۋە ئاخۇنوپ قوزغىلىڭى» بولۇپ، ئۇيغۇر تارىخچىلىرى بۇ قوراللىق قارشىلىق ھەرىكىتىنى شۇ زامانلاردىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى مۇھەممەدىمىن ئىمىنوف باشچىلىقىدا قۇرۇلغان مەخپىي تەشكىلات- «شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى» گە باغلايدۇ. قەشقەر شەھىرىنى مەركەز قىلىپ باشلانغان بۇ قوزغىلاڭ خىتاي ئارمىيەسى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغانلىقى مەلۇم.

قەشقەردە كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى قوزغالغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يەنە بىرى، بۇنىڭدىن دەل 43 يىل ئىلگىرى قەشقەر شەھىرىدە يۈز بەرگەن «30-ئۆكتەبىر ۋەقەسى» دۇر. بۇ ۋەقە 1981-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى شەھەر مەركىزىدە يې شىن ئىسىملىك بىر دۇكاندار خىتاينىڭ ئابدۇلكېرىم ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر دېھقاننى ئوۋ مىلتىقى بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋېتىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان. ۋەقەگە 50 مىڭدىن ئارتۇق شەھەر ئاھالىسى قاتناشقان.

دەسلەپتە «قاتىلنى تۇتۇپ جازالاپ بېرىش» تەلىپى بىلەن تىنچ شەكىلدە باشلانغان بۇ نامايىش، كېيىنچە مۇستەملىكىچى كۈچلەرگە بولغان غەزەپ-نەپرەت پۈتۈن ۋۇجۇدىنى قاپلىغان ياشلارنىڭ ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك ئۇرۇش-چېقىش ھەرىكىتىگە ئايلىنىپ كەتكەن. بۇ قېتىملىق قارشىلىق ھەرىكىتى قەشقەردىكى نۇرغۇنلىغان خىتاي ساقچىلىرى، ئەسكەرلىرى ۋە پۇقرالىرىنىڭ ئۆلۈمىنى، شۇنداقلا كۆپلىگەن ھۆكۈمەت بىنالىرى ۋە ئەسلىھەلىرىنىڭ ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

قەشقەر ساقچى دائىرىلىرى كېيىنچە «توپىلاڭغا 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئىزچىل قاتناشتى، 10 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلدى، يۈزدىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى» دېگەن يالغان مەلۇمات بىلەن مەزكۇر ۋەقەنىڭ كۆلىمى ۋە تەسىرىنى كىچىكلىتىشكە ئۇرۇنغان. ھالبۇكى، شۇ ۋاقىتتىكى تارىخىي ۋەقەلەرنى خاتىرىلەپ قالدۇرغان مەرھۇم تارىخچى ۋە ئىنقىلابچى نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ بۇ ھەقتىكى يازمىلىرىغا قارىغاندا، 1981-يىلى قەشقەردە يۈز بەرگەن «30-ئۆكتەبىر ۋەقەسى» خىتايدا «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» ئاخىرلىشىپ، «ئىسلاھات» ۋە «ئېچىۋېتىش» دەۋرى باشلانغان دەسلەپكى مەزگىللەردە شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى دەسلەپكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ بىرى ئىكەن. 1983-يىلى قەشقەردە زىيارەتتە بولغان گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئەربابلىرىدىن ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەينى زاماندا «30-ئۆكتەبىر ۋەقەسى» نىڭ تەسىرى ناھايىتى زور بولغان بولۇپ، بۇ ۋەقە بولۇپمۇ قەشقەر خەلقىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر ئىزلارنى قالدۇرغان ئىكەن.

گەرچە شۇ چاغدا خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ ۋەقەنىڭ تەسىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ ئاقسۇ، ئاتۇش، خوتەندىن ئەسكەر يۆتكەش بىلەن بىرگە، ئىچكىرى خىتايدىن زور تۈركۈمدە مۇنتىزىم قوشۇن يۆتكەپ كېلىپ قەشقەر شەھىرىنىڭ 4 ئەتراپىغا يەرلەشتۈرگەن بولسىمۇ، دەرھال تەدبىر قوللانمىغان. 11-ئاينىڭ 9-كۈنىگىچە قەشقەر شەھىرى گويا «ئازاد رايون» غا ئايلىنىپ قالغان. شەھەر ياشلىرى قوللىرىدا كالتەك-توقماقلارنى كۆتۈرۈشۈۋېلىپ، ھۇجۇم قىلىشقا «ئولجا» ئىزدەپ يۈرۈيدىغان بىر ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرگەن. بىرمۇ ئەسكەر، ساقچى ياكى خىتاي پۇقراسى كوچىغا چىقىشقا جۈرئەت قىلالمىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شۇ چاغدا ئەسكىرىي ياكى ساقچى كۈچلىرى بىلەن شەھەرنى دەرھال تىزگىنى ئاستىغا ئالالماسلىقىغا قەشقەردىكى بىر مەخپىي سىياسىي تەشكىلاتنىڭ ھەيۋىسى سەۋەبچى بولغان. «ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرىستان ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» ناملىق بۇ تەشكىلات 1980-يىلىدىن 1981-يىلى 10-ئايغا قەدەر قەشقەر شەھىرىنىڭ ھەر تەرەپلىرىگە خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى شوئارلار يېزىلغان تام گېزىتلىرىنى چاپلاپ، ئۇيغۇرلارغا ئادالەت ۋە ئازادلىق تەلەپ قىلىپ، بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان خىتاي ھاكىمىيىتىنى ساراسىمىگە سېلىپ كەلگەن. بۇ تەشكىلاتنىڭ قەشقەر شەھەر خەلقى ئارىسىدا «قوراللىق قوشۇن ئىكەن» دەپ نامى تارالغان. لېكىن ئەينى زاماندا بۇ تەشكىلات پاش بولغاندا، ئۇنىڭ قانداقتۇر زور بىر قوراللىق قوشۇن ئەمەس، بەلكى قۇرغۇچىلىرى ئاساسلىقى قەشقەر شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن تەركىب تاپقان بىر كىچىك گۇرۇھ ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان.

 «30-ئۆكتەبىر ۋەقەسى» نىڭ قوزغىلىشىغا سەۋەبچى بولغان «ئەكسىلئىنقىلابىي گۇرۇھ» دەپ قارالغان مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەسمىي قۇرۇلغان ۋاقتى 1981-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى بولۇپ، ئۇنىڭ 17 نەپەر ئەزاسى 1981-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى سەھەر سائەت ئىككىدىن باشلاپ شۇ كۈنى كەچكىچە تولۇق قولغا ئېلىنغان. ھۆكۈمەت شۇنىڭدىن كېيىن ئەسكەر ۋە ساقچىلارنى ئىشقا سېلىپ شەھەرنى كونترولى ئاستىغا كىرگۈزگەن.

خىتاي ھاكىمىيىتى «30-ئۆكتەبىر ۋەقەسى» نى «30-ئۆكتەبىر ئۇرۇش، چېقىش، بۇزۇش ۋەقەسى» دەپ ئاتىغان ۋە كېيىنچە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى قوزغاپ، ۋەقەگە ئىشتىراك قىلغان مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشلىرىنى تۇتۇپ سولاپ، ھەر خىل قاماق جازالىرىغا مەھكۇم قىلغان.

گېرمانىيەدىكى جامائەت ئەربابى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى بۇ خىلدىكى قارشىلىق ۋەقەلىرى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇندىن كېيىنمۇ يەنە يۈز بېرىدىكەن.

«30-ئۆكتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن قەشقەردىكى ئەسلىدىنلا سانى ئىنتايىن ئاز بولغان خىتايلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇ شەھەرنى تاشلاپ، خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىپ كەتكەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي ھۆججەتلىرىدە «مەملىكەت بويىچە 10 خەتەرلىك رايوننىڭ بىرى ۋە بىرىنچىسى» دەپ ئاتالغان قەشقەرگە خېلى بىر زامانغىچە خىتاي كۆچمەنلىرى ئاياق بېسىشقا جۈرئەت قىلالمىغان.

ھالبۇكى، مىڭلارچە يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى ۋە زور تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ شاھىتى بولۇپ كەلگەن قەشقەر شەھىرى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تىلى بىلەن ئېيتقاندا، بۈگۈن تۇتقۇنلار لاگېرىغا، ئۆتمۈشى مۇزېيلارغا قاچىلانغان قۇرۇق شەھەرگە، مەزلۇملارنىڭ غەمخانىسىغا ئايلىنىپ قالغان. 1981-يىلىدىكى «30-ئۆكتەبىر ۋەقەسى» بۇ شەھەرنىڭ ھازىرقى زامان تارىخىدىكى ئۇنتۇلغۇسىز خاتىرىلەرنىڭ بىر تامچىسى بولۇپ قالغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.