قەشقەردىكى «ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىيا سودا بازىرى» نېمە سەۋەبتىن چېقىلدى؟

ئوبزورچىمىز ئاسىيە ئۇيغۇر
2022.03.23
قەشقەردىكى «ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىيا سودا بازىرى» نېمە سەۋەبتىن چېقىلدى؟ دۇكىنى ئالدىدا ئولتۇرغان بىر ئۇيغۇر تىجارەتچى. سۈرەت 2015-يىلى 19-ئاپرىل قەشقەردىكى بىز بازاردا تارتىلغان.
AFP

يېقىندا قەشقەر كونىشەھەر رايونىنىڭ يارباغ دەرۋازىسىغا جايلاشقان، «قەشقەر ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىيا سودا بازىرى» نىڭ چېقىلىدىغانلىقىغا دائىر خەۋەر ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىندى. خەۋەرنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا مەزكۇر بازارنىڭ چېقىلىشىغا ئالاقىدار سىنلار تورلاردا تارقىلىپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقان.

«قەشقەر ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىيا سودا بازىرى» بولسا قويۇق ئۇيغۇرچە پۇراققا ئىگە بولۇپ،  كۆلىمى چوڭ ۋە تارىخىي ئۇزۇن بولغان قەشقەرنىڭ مەزكۇر  بازىرى قەدىمكى ۋە ئوتتۇرا ئەسىرلەردە ئەڭ ئاۋاتلاشقانىدى.  كۆپلىگەن غەرب ۋە شەرق سەيياھلىرىمۇ  قەشقەردىكى بۇ بازارلارغا كەلگەن ۋە بۇ بازارلارنىڭ ئاۋات، گۈزەل ۋە ئۆزگىچىلىكى ھەققىدە خاتىرىلەر  قالدۇرغانىدى. قەشقەر قەدىمدىن تارتىپلا يىپەك يولىدىكى غەرب بىلەن شەرقنى تۇتاشتۇرىدىغان  مۇھىم ئۆتەڭ بولۇپ كەلگەن. لېكىن، كونا يىپەك يولىنىڭ خارابلىشىشى بىلەن تەڭ، قەشقەردىكى بۇ كونا بازار خارابلاشمىغان، ئەكسىچە تارىخنىڭ بوران – چاپقۇنلىرىدا يەنىلا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي، ئەنئەنىسى، مەدەنىيىتى ھەتتا مىللىي مەۋجۇتدىيىتىنىڭ جانلىق ئىسپاتىغا ئايلانغان. ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ شانلىق تارىخىغا شاھىت بولغان بۇ بازار كېيىنكى كۈنلەردە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئاتالمىش مۇقىملىق ۋە مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى توسالغۇغا ئايلىنىپ قالغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى «ئون يىللىق مالىمانچىلىق» تىن كېيىن،1980-يىللاردا «ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش» سىياسىتى يولغا قويمىغىنىدا ھاكىمىيەتنى ۋەيران قىلىدىغان قورقۇنچلۇق ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن، «ئىسلاھات» يولىنى تاللىغان. ئەمما بۇ «ئىسلاھات» نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ئۈچۈن ناھايىتى ھىيلە – مېكىرلىك بىر پىلان قوللانغان. بۇ پىلان بولسىمۇ، «دەسلەپتە بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ ئالدىن بېيىشىغا يول قويۇش» تۇر. بۈگۈن قارايدىغان بولساق، ئالدىن بېيىشقا يول قويغان بۇ بىر تۈركۈملەرنىڭ خىتاينىڭ دېڭىز ئەتراپى رايونلىرىدىكى خىتاي نوپۇسىنى ئاساس قىلغان خەلقلەر ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. يەنى خىتاينىڭ «ئىسلاھات، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش» سىياسىتىدىن خىتاي بولمىغان مىللەتلەر بەھرىمەن قىلىنمىغان. ئۇيغۇر رايونىدا بۇ ئەھۋال تېخىمۇ غەلىتە شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىققان.  1975-يىلى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى»1982-يىلى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ۋە  خىتاينىڭ «ئالدىن بېيىشىغا يول قويۇلغانلار» قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن تاكى 90-يىللارنىڭ باشلىرىغىچە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىي بىلەن شىمالىي قىسمىدا ئېغىر ئىقتىسادىي تەڭپۇڭسىزلىق شەكىللىنىپ، جەنۇبىي رايون خىتايدىكى ئەڭ نامرات رايونغا ئايلانغان، بىڭتۇەن قارمىقىدىكى شىمالىي رايونلارنىڭ ئىقتىسادى بولسا خىتايدىكى تەرەققىي تاپقان جايلارنىڭ ئىقتىسادى بىلەن تەڭ ياكى ئۈستۈن ھالەتكە ئۆتكەن.

1994-يىلى خىتاي ئاتالمىش «نامراتلىقنى يىلتىزىدىن تۈگىتىش» سىياسىتىنى باشلاپ، جەنۇبتىكى ئۇيغۇرلار نوپۇسى 90%تىن ئارتۇق ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنى نىشان قىلغان، «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» پىلانىنى يولغا قويغان. بۇ پىلان ئاساسىدا خىتاي ھۆكۈمىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ۋە دۆلەت ئىچى، سىرتىدىكى كۈچلەرنى ئىشلىتىپ، «شىنجاڭنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش» چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ ئاساستا «شىنجاڭغا ياردەم» ۋە «غەربنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش» قاتارلىق سىياسەتلەرنى يۈرگۈزگەن.

1996-يىلىدىن باشلاپ «شىنجاڭغا ياردەم» پىلانىدا خىتاينىڭ دېڭىز ئەتراپى رايونلىرىدىكى خىتاي مەمۇرىيلار ئۇيغۇر رايونىدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا بىرىنچى قول رەھبەرلىك ئورنىنى ئىگىلەشكە باشلىغان. قەشقەر كونىشەھەرنى «چېقىپ، تۈزەش» مۇ دەل بۇ يىللاردا باشلانغان بولۇپ، قەشقەر بازىرىنى يوقىتىشمۇ بۇ پىلانلارنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم پىلانلارنىڭ بىرى بولغان.

1996-يىلى «7-نومۇرلۇق ھۆججەت» نى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن، بىر تۈركۈم خىتاي ھاكىمىيىتىگە سادىق، پارتىيەنىڭ سىياسەت، پرىنسىپ ۋە ئاساسىي نەزىرىيەلىرىدە چىڭ تۇرۇپ، كۆرسەتمىلىرىگە بويسۇنۇپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر، دىن سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرەلەيدىغان خىتاي رەھبەرلەرنى كۆپلەپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشنى قارار قىلىپ بېكىتكەن. ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» سىياسىتى دەل بۇ قارارنىڭ ئىجرا قىلىنىشى بىلەن باشلانغان.

قەشقەر ۋىلايىتىگە «ياردەم بەرگۈچى» لەر بولسا خىتاينىڭ شەندۇڭ ۋە تيەنجىن قاتارلىق ئۆلكە ۋە شەھەرلىرى بولۇپ، 2002-يىلىدىن باشلاپ شەندۇڭ ۋە تيەنجىنلەردىن كەلگەن خىتايلار قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسى يېزا، ناھىيە، شەھەرلىرىنىڭ بىرىنچى قول رەھبەرلىك ئورنىغا ئولتۇرۇشقا باشلىغان. قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كونا رەستىلىرى، قەدىمىي ئۆي – زېمىنلىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ جۇلاسى بولغان ھەرقانداق نەرسىنى كۆزدىن يوقىتىش مەقسەت قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان «شىنجاڭغا ياردەم» ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىغا دۇچ كەلگەن. ھەتتا بۇ جەرياندا بىر قىسىم قارشىلىقلارمۇ ئوتتۇرىغا چىققان. چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆي -زېمىنلىرىنى، دۇكان، پوكەيلىرىنى مەجبۇرىي چېقىشلاردا ئۇيغۇرلار يېتەرلىك تۆلەمگە ئېرىشەلمەيلا قالماستىن، بەلكى قانۇنىي ھەقلىرىنى قوغداشقىمۇ ئىمكانسىز قالغان. سودا – تىجارەت بىلەن تىرىكچىلىك قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تىرىكچىلىك يوللىرى كېسىلگەن، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى ئېشىپ، ئەسلىدىمۇ پىلانلىق، ۋاسىتىلىك شەكىلدە نامراتلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار، ئاتالمىش«شىنجاڭغا ياردەم» نامىدا تېخىمۇ ئېغىر نامراتلىشىشقا يۈزلەنگەن.  ھايات يوللىرىنىڭ بىر- بىرلەپ كېسىپ تاشلىنىشى، ئۇيغۇرلارنى ئامالسىز قارشىلىق قىلىشقا ياكى يۇرت – ماكانلىرىنى تاشلاپ، ياقا -يۇرتلاردىن تىرىكچىلىك يوللىرىنى تېپىشقا مەجبۇر قىلغان. قارشىلىق كۆرسەتكەن ئۇيغۇرلار بولسا رادىكاللىق، ئاشقۇنلۇق ۋە تېررورلۇق قاتارلىق قالپاقلار ئاستىدا باستۇرۇلۇپ، يوقىتىلغان.

2010-يىلىغا كەلگەندە بولسا ئاتالمىش«بىرىنچى قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دا خىتاينىڭ دېڭىز ئەتراپى رايونلىرىدىكى 19ئۆلكە شەھەرگە ئۇيغۇر رايونىنىڭ 12ۋىلايەت ئوبلاستى بۆلۈپ بېرىۋېتىلگەن. جەنۇبتىكى تۆت ۋىلايەت ۋە  ئوبلاست بولغان قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ ۋە قىزىلسۇدىن ئىبارەت ئۇيغۇرلار نوپۇسى زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا «نۇقتىلىق ياردەم بېرىش» بولسا، خىتاينىڭ «بىرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە مەڭگۈلۈك ئەمىنلىك بەرپا قىلىش» تىكى  ئەڭ مۇھىم دۆلەت ئىستراتېگىيەسى قىلىنغان. جەنۇبتىكى ئۇيغۇرلار نوپۇسى 90% تىن كۆپ نىسبەتنى ئىگىلەيدىغان تۆت ۋىلايەت ۋە ئوبلاستقا بېرىلگەن بۇ «نۇقتىلىق ياردەم_ ئالاھىدە ئىمتىياز»لار ئاقىۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆي – ماكانلىرىدىن، مىللىي كىملىكىدىن، ئېتىقادىدىن، ئۆرپ- ئادىتى، مەدەنىيىتى، تارىخىغا ۋارىسلىق قىلىش ھەقلىرىدىن، ئۆز تۇپراقلىرىدىن مەھرۇم قىلدى. قەشقەر ئوتتۇرا  ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا  چوڭ بازىرىنىڭ يوقىتىلىشىمۇ دەل ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئىچىدىكى ئېغىر پاجىئەلەرنىڭ بىرىدۇر.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىنى« ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون» قىلىپ قۇرۇپ چىقىش پىلانى خىتاي مەركىزىي كومىتېتىنىڭ  2010-يىلىدىكى ئىككى يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ،  شۇ يىلى 5- ئايدىكى  بىرىنچى قېتىملىق ئاتالمىش «مەركەز شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى»دا تەستىقلانغان. قەشقەردىكى «ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىيا سودا بازىرى» نىڭ چېقىلىشىمۇ دەل بۇ پىلاننىڭ ئەمەلىيلىشىشىدۇر. 

خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەرنى، شېنجېن ئۇسلۇبىدىكى ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قىلىپ قۇرۇپ چىقماقچى بولغان. شۇ سەۋەب،  قەشقەر خىتاينىڭ «يېڭى يىپەك يولى پىلانى» دا، قەشقەرنى خىتاينى غەرب بىلەن باغلايدىغان ئىشىك قىلماقچى بولغان. بۇ سەۋەبتىن ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم» نامىدا خىتاينىڭ دېڭىز ئەتراپى رايونلىرىدىكى ئالدىن تەرەققىي تاپقان 19 ئۆلكە شەھەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ 12ۋىلايەت ئوبلاستىنى بۆلۈپ بېرىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنى «ياردەم» قالپىقى ئاستىدا يوقىتىش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارغان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن –مائارىپ ۋە مەدەنىيەت  ئورگىنى UNESCO نىڭ بېيجىڭدىكى مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى بياتېرىس كالدۇن، قەشقەر كونىشەھەرنىڭ چېقىلىش جەريانىدىكى بۇزغۇنچىلىقلىرىنى كۆرۈپ مۇنداق دېگەن:«بۇ گويا   تالىبانلارنىڭ ئافغانىستاندىكى  6ئەسىرلىك تارىخقا ئىگە بولغان داڭلىق بۇت ھەيكەلنى ۋەيران قىلغىنىدەك بىر ھەرىكەت. ھازىر بۇ يەردە بۇزۇۋېتىلگەن قەدىمىي يادىكارلىقلارنىڭ ھېچبىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىمكانى يوق ۋە كېچىكتى».

دەرۋەقە، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى بەلكى «قەشقەر ئوتتۇرا ۋە غەربىي  ئاسىيا سودا بازىرى»دەك 2000 نەچچە يۈز يىللىق ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بىر يادىكارلىقنىڭ يوقىتىلىشىدىن ھېس قىلالىشىمىز مۇمكىن.

***

مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.