قەشقەر تاشمىلىقتا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن ئاز دېگەندە 20 نەپىرى كېسىۋېتىلگەن
2024.08.29
قەشقەر تاشمىلىقلىق بىر مۇھاجىرنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئۇنىڭ يۇرتداشلىرىدىن 10-كەنت باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى پاشاگۈل بەختى ئىلگىرى بىر مەزگىل بېشىغا ياغلىق ئارتقان تارىخى بولغانلىقى ئۈچۈنلا «دىنىي ئەسەبىيلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ كېسىۋېتىلگەن. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا پاشاگۈل بەختىنىڭ 2018-يىلى 6 يېرىم يىللىق كېسىلگەنلىكى ۋە يېقىندا جازا مۇددىتىنى تۈگىتىپ چىققانلىقى، پاشاگۈل بىلەن تەڭ تۇتقۇن قىلىنغان 20 چە ئوقۇتقۇچىنىڭ تېخىچە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.
نۆۋەتتە ياۋروپادا ياشاۋاتقان قەشقەر تاشمىلىقلىق بىر مۇھاجىر «قەشقەر كوناشەھەر ساقچى ھۆججەتلىرى» دىن پاشاگۈل بەختى ئىسىملىك بىر تونۇشىنىڭ رەسىمىنى ئۇچراتقان ۋە مۇناسىۋەتلىك قاناللىرى ئارقىلىق ئۇنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبى ھەققىدە ئېنىقلاش ئېلىپ بارغان. نەتىجىدە ئۇ پاشاگۈلنىڭ 20 نەچچە ئوقۇتقۇچى خىزمەتدىشى بىلەن بىرلىكتە دىنىي ئەسەبىيلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ 7 يىللىق كېسىلگەنلىكىنى ئۇققان. مەزكۇر ساقچى ھۆججەتلىرىدە پاشاگۈل بەختىنىڭ 2017-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى تۇتۇلغانلىقى ۋە 2018-يىلى «يېڭى تەربىيەلەش مەركىزى» نىڭ c بىنا 408-ياتىقىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغان. ھۆججەتتە يەنە پاشاگۈلنىڭ «جىنايىتى»، «ئۇنىۋېرسال سۇپا» نامىدىكى توردا ئاپتوماتىك دېلو مەلۇم قىلىش سىستېمىسى ئارقىلىق پاش بولغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
مەزكۇر ئارخىپتا يەنە دېيىلىشىچە، پاشاگۈل بەختى تاشمىلىق 10-كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسىدۇر. بىز پاشاگۈلنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن مەزكۇر مەكتەپنىڭ ئامانلىق ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. ئالاقىدار خادىم ئۆزىنىڭ بۇ خىزمەتكە يېڭى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرمىدى.
چەت ئەلدىكى تاشمىلىقلىق مۇھاجىرنىڭ ئىگىلىشىچە، پاشاگۈل بەختى يېزىدىكى بىر قىسىم كەسىپداشلىرى تەشكىللىگەن ئاياللار چېيىغا قاتناشقان، چايدا ئۆزئارا تۇرمۇش سۆھبەتلىرىدىن باشقا جىددىي بىر تېما تالاش-تارتىش ياكى مۇزاكىرە قىلىنمىغان. پەقەت شۇ قېتىملىق چاي، ئۆرپ-ئادەتلەر بويىچە سالام سائەت بىلەن باشلىنىپ دۇئا بىلەن ئاخىرلاشقان. مۇشۇنداق تۇرۇقلۇقمۇ، 2014- ۋە 2015-يىللىرىغىچە داۋام قىلغان بۇ چاي، 2017-يىلىغا كەلگەندە «قانۇنسىز توپلىنىش» ۋە «دىنىي ئەسەبىيلىكنى تارقىتىش» دەپ قارىلىپ، چاي ئەزالىرى پۈتۈنلەي تۇتۇپ سوراق قىلىنغان ۋە كۆپىنچىسى ئوخشىمىغان مۇددەتتە كېسىۋېتىلگەن.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان تاشمىلىق ساقچىخانىسىنىڭ بىر خادىمى، پاشاگۈل بەختىنىڭ تاشمىلىقتىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە بىرقانچە باشلانغۇچ مەكتەپتىن بولۇپ 20 نەچچە كەسىپدىشى بىلەن تەڭ تۇتۇلۇپ كېسىلگەنلىكىنى دەلىللىدى. بۇ خادىم پاشاگۈل بەختىنىڭ كېسىلىشىدە ئۇنىڭ دىنىي كەيپىياتىنىڭ «ئالاھىدە قويۇق» بولۇشىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
مەزكۇر ساقچىخانىدىكى خادىملارنىڭ يەنە دېيىشىچە، پاشاگۈل بەختى ئۈستىدىن دېلو تۇرغۇزۇلغاندىن كېيىن، ئۇ قاتناشقان چايدىكى ئاياللارلا ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمۇ تۇتۇپ تەكشۈرۈلگەن. بۇ جەرياندا، بۇ ئاياللار چېيىغا سورۇن ھازىرلاپ بەرگەن توختاجى بەكرى، تۇرغۇنجان، مەمەتئىمىن قاتارلىق بىر قىسىم ئەرلەرمۇ تۇتقۇن قىلىنغان. ئەسكەرتىلىشىچە، بۇلار 6 يىل بىلەن 15 يىل ئارىسىدا كېسىلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، پاشاگۈل بەختى بىلەن بىرلىكتە چايغا قاتناشقان، بېشىدا ياغلىقى بار ئاياللار ئەينى چاغدىكى «دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى ھەرىكەت» داۋامىدا «گۇناھ» ىنى تونۇپ ياغلىقلىرىدىن ۋاز كەچكەن بولسىمۇ، ئەمما 2017-يىلىغا كەلگەندە قايتا تۇتقۇن قىلىنغان.
تاشمىلىق يېزا 10-كەنت سېكرېتارىنىڭ دېيىشىچە، پاشاگۈل بەختى بۇ يىل 1-ئايدا 6 يېرىم يىللىق جازا مۇددىتىنى تۈگەتكەن، 2-ئايدا «تەربىيەلەش مەركىزى» گە ئاپىرىپ يەنە 6 ئاي «تەربىيە» بېرىلىپ قويۇپ بېرىلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 6-ئايدا ئۇنىڭغا ئىلگىرى جازا ئۆتىگەن مەزگىلدىكى كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى جەمئىيەتكە يايماسلىق ھەققىدە مەخسۇس تەلىم بېرىلگەن.
يۇقىرىدا قەشقەر تاشمىلىقتا پاشاگۈل بەختى قاتارلىق 20 نەچچە ئوقۇتقۇچىنىڭ بىر ئاياللار چېيىغا قاتناشقانلىقى ئۈچۈنلا «قانۇنسىز توپلىنىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ جازالانغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.