ئەنگلىيە مۇخبىرلىرى: «بىز قەشقەردە نېمىلەرنى كۆردۇق؟ » (1)
2023.05.22

خىتاي ھۆكۈمىتى 2019-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدىكى «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى لاگېرلارنىڭ تاقالغانلىقى ھەمدە «كۇرسانتلار» نىڭ «ئوقۇش پۈتتۈرۈپ جەمئىيەتكە قايتقانلىقى» نى ئېلان قىلغاندىن بۇيان بۇ ھەقتىكى كۆپلىگەن ئۇچۇرلار ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كەلگەنىدى. بۇنىڭغا ماس ھالدا يېقىنقى مەزگىللەردە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالغان ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ خىتاي پاسپورتى بىلەن چەتئەللەرگە ساياھەتكە ماڭغانلىقى ھەققىدىكى قىسقا ۋىدىيولار نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەتنىڭ بۇرۇنقىدىن ئۆزگەرگەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى نامايان قىلىشقا باشلىدى. بۇنىڭغا ئەڭ يېڭى مەزمۇن سۈپىتىدە قوشۇلغىنى گېرمانىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئاخبارات تورى بولغان «ئەينەك» (Der Spiegel) تورىنىڭ مۇخبىرلار گۇرۇپپىسى 2023-يىلى ئاپرېل ئېيىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئون كۈنلۈك نەق مەيدان تەكشۈرۈشىدىن كېيىن 17-ماي كۈنى ئېلان قىلغان تەپسىلىي خەۋەر بولدى. ئۇنىڭدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي مۇھىتنىڭ يەنىلا نورماللىقتىن سەل يىراق ھالدا تۇرۇۋاتقانلىقى ئېيتىلسىمۇ، ما شىڭرۇي ئۇيغۇر دىيارىغا يېڭىدىن رەھبەر بولۇپ ئەۋەتىلگەندىن كېيىن ئىلگىرىكى ۋەزىيەتتە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى، ھازىر ئىلگىرىكى «ساقچى دۆلىتى» نىڭ «جىددىي ھالەت» لىرىنىڭ كۆزدىن يىتكەنلىكى بايان قىلىندى. ھالبۇكى، ئەنگلىيەدىكى «ئاسمان خەۋەرلىرى» (Sky News) ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرلار گۇرۇپپىسى 18-ماي كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلار ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ ئەمەلىيەتتە ئاشكارا شەكىلدىن كۆرۈنمەس ھالەتكە ئۆتۈپ بولغانلىقىنى نامايان قىلدى.
«بىز ‹ساقچى دۆلىتى› نىڭ بەلگىسىنى ھەممىلا يەردە كۆردۇق! »
ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق تاشقى دۇنياغا مەلۇم بولۇشقا باشلىغان ۋاقىتلاردىلا بۇ جايغا كەلمەكچى بولغان غەرب ئاخبارات خادىملىرىنىڭ ئاللىقاچان قاتمۇ-قات توسۇققا ۋە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ «ئىز قوغلاش» لىرىغا دۇچ كېلىدىغانلىقى كۆپ قېتىملىق ئۇرۇنۇشلاردا ئىسپاتلانغانىدى. شۇ سەۋەبتىنمۇ ئۇيغۇر دىيارىدا زادى نېمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقى ئىزچىل «يېپىق قازان» ھالىتىدە تۇرۇۋەردى. «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» شوئارى تۇيۇقسىزلا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن «ئاسمان خەۋەرلىرى» نىڭ مۇخبىرلار گۇرۇپپىسى 2023-يىلى مايدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى قەدىمىي ماكانلاردىن بولغان قەشقەرگە يېتىپ كەلدى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتى جاكارلىغان «قايتا تەربىيەلەش ئاياغلاشتى» دېگەن شوئار بىلەنلا ھەممىنى چۈشەندۈرۈپ كەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى بايقىدى.
مۇخبىرلار گۇرۇپپىسى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تەبىئىي گۈزەللىكىدىنمۇ بەكرەك ھېس قىلغان رېئاللىق ئايروپىلاندىن چۈشكەن ھامانلا ھېس قىلغىلى بولىدىغان جىددىي كەيپىياتنىڭ ھەممىلا جايدا داۋام قىلىشى بولغان. بولۇپمۇ تولۇق قوراللانغان ساقچىلارنىڭ برونېۋىك ماشىنىلاردا توختىماستىن چارلاشلىرى، توپ-توپ ھەربىيلەر ۋە ساقچىلارنىڭ قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرۇشى، ھەممىلا جاينى بىر ئالغان كۆزىتىش كامېرالىرى بىردەك «ئاز دېگەندىمۇ نەچچە مىليون ئادەم لاگېرغا قامالغان» دەپ تونۇلۇۋاتقان بۇ رايوننىڭ ئادەمسىز كوچىلىرىدا مېڭىپ يۈرگەن شالاڭ كىشىلەرنىڭ ئىزچىل قاتتىق كونتروللۇق ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.
بۇ قېتىمقى زىيارەت جەريانىدا مۇخبىرلار گۇرۇپپىسى قەشقەر ۋە خوتەندىكى 14 ئورۇندىكى «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» گە بارغان. ئەمما بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 13 ئورۇن ئاللىقاچان لاگېر بولۇشتىن قالغان. ئۇ جايلاردىكى بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرىمۇ ئېلىۋېتىلگەن. سەككىز ئورۇن بولسا ئىلگىرى مەكتەپ بولغان بولسىمۇ ھازىر ئۇلارنىڭ ئىككىسى تاشلاندۇق ماكانغا ئايلانغان. يەنە ئىككىسى بولسا «پارتىيە مەكتىپى» گە ئۆزگەرتىلگەن. ئىلگىرى لاگېر ئۈچۈن لايىھىلەنگەن بىر قىسىم ئەسلىھەلەر راستىنىلا قارىماققا لاگېر بولۇشتىن قالغان. ئەمما بۇ مۇئەسسەسەلەرنىڭ باشقىلىرى ھېچكىم ئۆتەلمەس ئېگىز قارا دەرۋازىلىق تۈرمىلەرگە ئايلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ تاملىرىغا «دۆلەت تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتەيلى» دېگەندەك شوئارلار يېزىلغان. مۇخبىرلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرىدىن خېلېن سىمىت (Helen Ann-Smith) بۇ ھەقتە توختىلىپ، ھازىر مىليونلاپ ئادەم تۇتۇش توختىغان بولسىمۇ ئۆزى كۆرگەن قەشقەر كوچىلىرىدىكى ئادەملەرنىڭ «يۈرىكى قېپىدىن چىقىپ كەتكەن» ھالەتتە ئىكەنلىكىگە ئالاھىدە دىققەت قىلغان. ئۇ مۇنداق دېدى: «باستۇرۇشنىڭ يۇقىرى پەللىسى ھازىر تامام بولغاندەك قىلىدۇ. ئەمما مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە كىشىلەر ھازىر ئۆيدىن چىقىشتىنمۇ قورقىدىكەن. ئۇلار دەرۋەقە ھەرگىزمۇ مەسچىتلەرگە بارمايدۇ. ئۇلار ئاشكارا ھالدا ئۇيغۇر تىلىدىمۇ سۆز قىلالمايدىكەن. چۈنكى بۇ ھەرقاچان ئوخشىمىغان تەھدىتلەرگە نىشان بولىدىكەن. چەتئەللىك مۇخبىرلارغا سۆز قىلغان كىشىنى بولسا ئۇدۇللا تۈرمىگە ئېلىپ كېتىدىكەن. شىنجاڭدا نۇرغۇن مەسچىتلەر ۋە مەقبەرىلەر، شۇنىڭدەك مەدەنىيەت ئىزنالىرى ئىسلامىيەتكە قارشى كۈرەشتە ۋەيران قىلىۋېتىلگەن. بۇ قېتىم بىز كۆرگەن مەسچىتلەرنىڭ كۆپ قىسمى دۇكانلارغا ئايلاندۇرۇلۇپتۇ. ھازىر خىتايدا نۇرغۇن ئىشلار <نامراتلىقنى تۈگىتىش> نامىدا ئىجرا قىلىنىۋاتىدۇ. ئەمما بىز كۆرگەن رېئاللىق بۇ ئىشلارنىڭ قەستەن بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن ئالساق، بىز بارغان قەبرىستانلىقنى ئۇلار يېقىندا تۈزلىۋېتىپتۇ. بۇ قەبرىستانلىقنى ئۇيغۇرلار نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئىشلىتىپ كەلگەنىكەن. قارىساق بىر كىچىك بالىنىڭ جەسەت سۆڭىكى توپا ئارىسىدىن كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ھەمىشە باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى قوغداۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىدۇ. شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ پولۇ يەپ، ئۇسسۇلغا چۈشكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھازىر بۇنىڭدىن باشقا ئىشلارنى قىلىشقا يول قويۇلمىسا كېرەك. ئەمما ئىنسان ھەرگىزمۇ ھەر ۋاقىت ئۇسسۇل ئويناپلا ئۆتمەيدىغۇ؟ » .
مۇخبىرلار گۇرۇپپىسى ھەرقايسى جايلاردا كۆرگەن «ئاسايىشلىق» نىڭ ئەڭ كۈچلۈك سىمۋولى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇسسۇلغا چۈشۈشى بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭغا يوشۇرۇنغان كۆپلىگەن «سىرلار» ئۇلارنىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ جايدا كۆرگەن بىر ئاجايىپ ئىشلار شۇ بولدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ گۈزەللىكى ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئەقلىنى لال قىلىدۇ. قەشقەرنىڭ كوناشەھەر رايونى ساياھەتچىلەر ئۈچۈن لايىھىلەنگەن بولۇپ، بۇ جاينى ئۇلار ناھايىتى كۆڭۈل قويۇپ لايىھىلەپ چىققان. بۇ يەرگە كەلگەن ھەرقانداق ئادەم ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ھىدلىرىنى دەرھاللا ھېس قىلالايدۇ. قارىساق بۇ جايغا كەلگەن خىتاي ساياھەتچىلەرمۇ دەل ئاشۇ گۈزەللىك سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىملىرىنى كىيىپ سۈرەتلەرگە چۈشۈپ يۈرىدۇ. ئەمما كوچىلاردا ئاشۇ خىلدىكى كىيىملەرنى كىيگەن بىرمۇ ئۇيغۇرنى بىز كۆرمىدۇق. ئۇ جايدا ئۆز كىيىملىرىنى كىيگەن ئۇيغۇرلارنى زادىلا كۆرمەيسىز. قارىساق بۇ ھال تۇتقۇن يۇقىرى پەللىگە چىققان 2017-يىلىدىكى ۋەزىيەتنىڭ نەق ئۆزىنى ئەسلىتىدۇ. بىز يەنە قەشقەردىكى ئاساسلىق مەسچىتكە باردۇق. بىز بۇ جايدا خېلى ئۇزۇن ئايلىنىپ يۈرۈپ پەقەت ساياھەتچىلەرنىڭ كىرىپ-چىقىپ يۈرگەنلىكىنى كۆردۇق. ئەمما بىرمۇ ئىنساننىڭ مەسچىتكە كىرىپ ناماز ئوقۇغانلىقىنى كۆرمىدۇق. دەرۋەقە توپ-توپ ساياھەتچىلەردىن بىر كىشى ساياھەت جەريانىدا ناماز ئوقۇدى بولغاي. بۇ ھال بىزگە خېلى كۆپ نەرسىلەرنى ئېيتىپ بېرەلەيدۇ» .
زىيارەت جەريانىدا مۇخبىرلار گۇرۇپپىسى ئوقۇش يېشىدىكى توپ-توپ ئۆسمۈرلەرنى كۆرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا ئاق كۆڭلەك، كۆك ئىشتان شەكلىدىكى مەكتەپ فورمىسى كىيگەن. ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى «ياتاقلىق مەكتەپلەر» دە ئوقۇۋاتقان بۇ بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى قەيەردە ئىكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدىغان بولۇپ، شاھىتلار بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قاماقتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭ بىلەن «زۇلۇم ئاخىرلاشقان» ماكاندىكى تۇتقۇن قىلىنغان مىليونلارچە ئىنساننىڭ ئىز-دېرىكى ئاز-تولا بولسىمۇ ئايدىڭلاشقان. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا «ئاسمان خەۋەرلىرى» نىڭ مۇخبىرلىرىدىن توم چېشىر (Tom Cheshire) مۇنداق دەيدۇ. (ئاۋاز) «بولۇپمۇ 2017-يىلى يۇقىرى پەللىگە چىقىشقا باشلىغان زور تۇتقۇندا بىر مىليوندىن ئىككى مىليونغىچە ئۇيغۇر قامىلىپ كەتتى. ئەمما ئۇلارنىڭ ئېنىق سانى ھازىرغىچە نامەلۇم. خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ بۇ كىشىلەردىن زادى قانچىسىنىڭ <ئوقۇش پۈتتۈرۈپ> چىققانلىقىنى ئېيتقىنى يوق. بىز بۇ مەسىلىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن خىتاينىڭ شەرقىي قىسمىدىكى چىڭداۋ شەھىرىگە باردۇق. بۇ جايدا ئۇيغۇرلار كۆپلەپ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان بولۇپ، دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى تازىلاش دېگەندەك پاسكىنا ئىشلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇ ئىشچىلار خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدا ‹ئېكسپورت› قىلىنغان ئەمگەك كۈچلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ ئىشتا ھېچقانداق رازىلىقى ئېلىنمىغان. ئۇلارغا قىلچىلىكمۇ ھەرىكەت ئەركىنلىكى بېرىلمىگەن. ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەت بېكىتىپ بەرگەن گۇرۇپپا باشلىقى ئۇلارنى مىدىر-سىدىر قىلدۇرماستىن كونترول قىلىپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ گەپ-سۆز ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدە ئۆز كىملىكىنى نامايان قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ. بۇ دەل خېلېن سىمىت ئېيتقان ئۆز كىملىكىنى ئۇنتۇلدۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمىدۇر. خىتاي كومپارتىيەسى ھازىر دەل مۇشۇنى قىلىۋاتىدۇ. بۇ ئىشچىلار بولسا ئۆز پەرزەنتلىرىدىن ئايرىلغانلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى ھۆكۈمەت ياتاقلىق مەكتەپلەردە ئوقۇتۇۋاتىدۇ. بىز ئاشۇ شەكىلدە ئۆز پەرزەنتىدىن ئايرىلغان بىر كىشىنى تۈركىيەدە زىيارەت قىلغان ئىدۇق. ئۇ بىر كۈنى خىتايچە تىك-توكتا ئېلان قىلىنغان بىر ۋىدىيودىن ئۆزىنىڭ بالىسىنى تونۇۋاپتۇ. قارىسا ئۇنىڭ گۆدەك ئوغلى <مەن خىتاينى سۆيىمەن. قىزىل بايراق مېنىڭ بايرىقىم> دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىۋاتقان ئىكەن. شۇنىڭدەك بالىسى ھەر كۈنى خىتايچە تىلدا سۆزلەيدىكەن. بىز بۇ خىلدىكى ياتاقلىق مەكتەپلەرگىمۇ باردۇق. بىز بارغان جايلارنىڭ ھەممىسىدىلا مۇشۇنداق مەكتەپلەر بار ئىكەن. ئەمما بۇ ھەقتە بىزگە گەپ قىلىپ بەرگۈدەك بىرمۇ ئىنساننى تاپالمىدۇق. چۈنكى ھازىرمۇ چەتئەللىككە گەپ قىلىشقا پېتىنغۇدەك بىرمۇ ئادەم يوق ئىكەن. يەنە كېلىپ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى ھەممىلا جايدا ئۆزلىرى ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىشقا زورلايدىكەن. شۇڭا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارمۇ بۇ خىل بېسىم ۋە تەھدىتتىن خالىي بولالماي يۈرمەكتە ئىكەن» .
«ئاسمان خەۋەرلىرى» نىڭ دوكلاتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ھەر ساھەنىڭ زور دىققىتى قوزغىدى. «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» خىتاي بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفېي رېچاردسون (Sophie Richardson) بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇ قېتىمقى زىيارەتتە ئاشكارا بولغان رېئاللىقنىڭ ھەقىقەتەنمۇ دۇنيا ئۈچۈن بىر كۈچلۈك ئاگاھلاندۇرۇش بولىدىغانلىقىنى مۇنداق تەكىتلىدى:
«بۇ قېتىم ‹ئاسمان خەۋەرلىرى› نىڭ دوكلاتى بۇ رايوندىكى يېتەكچى شەخسلەرنى باش نىشان قىلغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى تەكشۈرۈشكە مۇستەقىل خەلقئارالىق تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرىنى ئەۋەتىشنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇ قەدەر مۇھىم بولۇۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم دەلىللەپ بەردى. روشەنكى، بۇ جايدىكى ھەقلەر دەپسەندىچىلىكى ھېلىھەم داۋام قىلماقتا. شۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتى دەۋاتقان ‹ھەممە ئىشلار ھازىر ئىزىغا چۈشتى› دېگەن گەپلەرگىمۇ قىلچىلىك ئىشەنگىلى بولمايدىغانلىقى ئايدىڭلاشتى. خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمۇ دەل مۇشۇ سەۋەبتىن مۇھىم بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ خىلدىكى تەكشۈرۈشلەرنى قوللىغان ھۆكۈمەتلەر بۇنىڭلىق بىلەنلا توختاپ قالماستىن بۇ تەكشۈرۈشلەرنىڭ نەتىجىسىنى (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قارمىقىدىكى) كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىگە سۇنۇشى لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلارنى بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارنى مۇستەقىل تەكشۈرۈشكە دەۋەت قىلىشى لازىم. بۇ ھال ھازىر بەكمۇ جىددىي ۋە تەخىرسىزدۇر. خۇددى بىر يىل، ئىككى يىل، بەش يىل ياكى ئون يىل ئىلگىرى قانداق جىددىي بولسا ھازىرمۇ شۇنداق جىددىي» .
ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەنگلىيەدىكى ۋەكىلى رەھىمە مەھمۇد «ئاسمان خەۋەرلىرى» نىڭ بۇ قېتىمقى نەق مەيدان زىيارىتىگە باشتىن-ئاياغ بىۋاسىتە مەسلىھەتچىلىك قىلغان ھەمدە ئۇنىڭ ئوڭۇشلۇق تاماملىنىشىغا زور ياردەملەردە بولغان شەخسلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ قارىشىچە، غەرب دۇنياسىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ئۇنتۇلۇپ كېتىشكە يۈزلىنىۋاتقاندا دۇنياغا داڭلىق بىر ئاخبارات ۋاسىتىسىنىڭ «ئۇيغۇرلار ھازىرمۇ زۇلۇم چېكىۋاتىدۇ» دېگەن مەزمۇندىكى بۇنداق بىر پروگراممىنى ئىشلەپ چىققانلىقى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.
مۇخبىرلار گۇرۇپپىسى زىيارەتكە بارغان باشقا ئورۇنلاردا تاشلاندۇق لاگېرلار كۆپلەپ كۆزگە چېلىقىدىغان بولۇپ، بۇ جايلارغا ئانچە يىراق بولمىغان دائىرىدىكى كېڭىيىۋاتقان تۈرمىلەر مۇخبىرلارنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ جايدىكى رېئاللىقنىڭ تاشقى دۇنياغا كۆرۈنمەس يەنە بىر يۈزىمۇ قىسمەن ئاشكارا بولغان.