قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ 2024-يىلىدىكى پائالىيەت يەكۈنلىرى
2024.12.31
2024-يىل قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى مۇھاجىرەتتىكى بارلىق ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئالاھىدە بىر يىل بولدى. ئۆتكەن يىلى بۈيۈك تىلچى مەھمۇد كاشىغەرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 950-يىللىقى، 1944-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 80-يىللىقى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 20-يىللىقى قاتارلىق مۇھىم خاتىرە پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى.
قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى 2024-يىلى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزدى. قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ئۆتكەن بىر يىلدا يەنە نۇرغۇنلىغان خەلقئارا مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە، ئىلمىي يىغىلىشلارغا ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ئىجتىمائىي يىغىن ھەم مۇراسىملىرىغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ خەلقئارادا يەنىمۇ يۈكسىلىشىگە مەلۇم تۆھپە قوشتى.
قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى 2024-يىلى ئىككى چوڭ مۇراسىم ئۆتكۈزدى. بۇنىڭ بىرى، «ئىتتىپاق» گېزىتى نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى؛ يەنە بىرى، «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 35 يىللىقىدۇر. قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى دىلمۇرات ئەكبەروۋ ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ كەلگەن خەلقلەردىن بولغانلىقىنى، شۇ مەزگىللەردە مىللىي مەركەزلىرىنىڭ قۇرۇلغانلىقى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە زور ئىلگىرىلەشنى ھاسىل قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
ئىسسىق كۆل قىرغىزىستاندىكى تەبىئىي مەرۋايىت بولۇپ، ھەر يىلى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن نۇرغۇنلىغان ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. ئىسسىقكۆل ۋىلايىتىنىڭ قاراقول شەھىرى ئۇيغۇرلار بىر قەدەر كۆپ ئولتۇراقلاشقان جاي بولۇپ، ئۇلار يەردە ئۇيۇشتۇرۇلغان تۈرلۈك ئىلمىي ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ كەلمەكتە. قاراقول شەھىرىدە قۇرۇلغان «رېنېسسانس» ئۇيغۇر-ئۆزبېك مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ پىروفېسسورى سەيفۇللا ئابدۇللايېۋ ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 2024-يىلىنىڭ قاراقول شەھىرى ۋە ئىسسىقكۆل ۋىلايىتىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۈچۈن خۇشاللىنارلىق بىر يىل بولغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ، بۇ يىلنىڭ ئەڭ يارقىن سوۋغاتلىرىدىن بىرىنىڭ بۈيۈك تىلچى مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ «كىتابى جاۋاھىرى نەھۋ» ناملىق ئەسىرىنىڭ نەشر قىلىنىشى بولغانلىقىنى، شۇنداقلا مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ ئىجادىي ھاياتىغا بېغىشلانغان ئىلمىي مۇھاكىمىلەر بولۇپ ئۆتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
كېيىنكى يىللاردا قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئوش ۋە جالالئاباد ۋىلايەتلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش، ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇشتا ئاكتىپ پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا. جالالئاباد ۋىلايىتىدە قۇرۇلغان «ئىتتىپاق جەمئىيىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئەلىشىر ناسىراخۇنوۋ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، 2024 جالالئابادتا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس جەھەتتە بەشىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان مىللەت ئىكەنلىكىنى، ھالبۇكى 2024-يىللىق قىرغىزىستان مۇستەقىللىق بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن جالالئاباد شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا ئۇيغۇر مىللىي ئۇسسۇلىنىڭ بىرىنچى بولۇپ ئورۇندالغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ يەنە ئۇلۇغ تىلچى مەھمۇد كاشىغەرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 950 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ ئۇيغۇر جامائىتى ئۈچۈن چوڭ بىر شەرەپ بولغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ چۇ ۋىلايىتىدىكى ئەڭ ئاكتىپ ۋە ئەڭ جانلىق مەھەللىلىرىدىن بىرى قارابالتا شەھىرىدىكى ئۇيغۇر مەھەللىسىدۇر. ئۇلار شۇ جايدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى يەنىمۇ ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا. رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قارابالتا شەھەرلىك ئۇيغۇر جامائىتى ئاياللار كېڭىشىنىڭ رەئىسى گۈلنىسا تېمىروۋا خانىم، ئۆز مەھەللىسىنىڭ كۈچىنىڭ ئۆملۈكتىن كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ، 2024-يىلنىڭ ئەڭ يارقىن نۇقتىسى، قارابالتا شەھىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك «قىمىز» فېستىۋالىغا قاتنىشىپ، جۇمھۇرىيەت رەئىسىنىڭ تەقدىرنامىسىگە ئېرىشكەنلىكىدۇر، دېدى.
قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكى، تارىخى، تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلمەكتە. ئۇلار يەنە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا ئاكتىپلىق بىلەن ئەزا بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارادىكى ھەرىكەتلىرىگە ئاكتىپ قاتناشماقتا. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى 20 يىل جەريانىدا ئۇلار ئاكتىپلىق بىلەن قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ، ھەر يىللىق يىغىن ۋە پائالىيەتلىرىگە ئۆز ۋەكىللىرىنى ئەۋەتىپ تۇرماقتا. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 8-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى تۇرسۇنئاي ئىسلام خانىم رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 2024-يىل بەزى مەۋجۇت قىيىنچىلىقلار بىلەن بىرلىكتە خوشاللىقلارنىڭمۇ بارلىقىنى تىلغا ئالدى.
قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئېلى بىلەن بىۋاسىتە چېگرالىنىدىغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قوشنا مەملىكەت. دۆلەتنىڭ رەسمىي نوپۇس ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى قىرغىز، ئۆزبېك، رۇس ۋە تۇڭگانلاردىن كېيىن بەشىنچى ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. بۈگۈنكى قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى 19-ئەسىرلەردە پەرغانە ۋادىسىغا ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار، بەزىلىرى بۇ تۇپراقلاردا خېلى ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان سودا-تىجارەت بىلەن يەرلەشكەن ئۇيغۇرلار، يەنە بىر قىسمى 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا ئۇيغۇر دىيارىدىن كۆچۈپ چىققان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر.
2025-يىلى 12-يانۋار كۈنى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى 9-پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتاي ئۆتكۈزۈپ، جەمئىيەتنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەئىسىنى سايلاپ چىقىدۇ.