«5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» قىرغىزىستاندا خاتىرىلەندى

بىشكەكتىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فېرۇزە تەييارلىدى
2024.02.06
Qirghizistan-5-fewral-04 5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش.2024-يىلى 5-فېۋرال، بىشكەك
RFA/Feruze

5-فېۋرال كۈنى قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار 1997-يىلى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە يۈز بەرگەن «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ 27 يىللىقىنى خاتىرىلەپ، ۋەتەن ئازادلىقى يولىدا قۇربان بولغان شېھىتلەرگە ئاتاپ خەتمە قۇرئان قىلدى.

خاتىرىلەش پائالىيىتى بىشكەك شەھىرىنىڭ ئالامېدىن 1-مەھەللىسىدىكى «مۇسلىم» ئاشخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ۋەكىللىرىنىڭ تەشەببۇسىدا ئۇيۇشتۇرۇلدى. يىغىنغا بىشكەك شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزا-رايونلاردىن كەلگەن جامائەت ۋەكىللىرى بولۇپ، 40 دىن ئوشۇق كىشى قاتناشتى.

مەزكۇر پائالىيەتكە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ۋاكالەتچىسى روزىمۇھەممەت ئابدۇلباقى رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ سۆزىدە 1997-يىلى غۇلجا شەھىرىدە يۈز بەرگەن قانلىق قىرغىنچىلىق ھەققىدە قىسقىچە توختالدى، ئاندىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىندى.

 «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى ئەكبەرجان باۋۇدۇنوف 5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ كېلىپ چىقىشى، جەريانى ۋە ئاقىۋەتلىرى ھەققىدە دوكلات بەردى. ئۇ، ئەينى ۋاقىتتا غۇلجا شەھىرىدە ئۇيغۇر ياشلىرىغا تەلىم-تەربىيەنى كۈچەيتىش ئۈچۈن «مەشرەپ» تەشكىللىگەن ئابدۇخېلىل مىجىت ۋە ئابدۇمېجىت ھەمراھ قاتارلىقلار ھەققىدىمۇ تەپسىلىي توختىلىپ ئۆتتى.

5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش.2024-يىلى 5-فېۋرال، بىشكەك
5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش.2024-يىلى 5-فېۋرال، بىشكەك
RFA/Feruze

ئەكبەرجان ئەپەندى دوكلاتىنىڭ ئاخىرىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ خەلقئارادا تونۇلغانلىقى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينى ئەيىبلەپ ئۇنىڭغا بېسىم كۆرسىتىۋاتقانلىقى، بۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئۈمىد بېغىشلايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش.2024-يىلى 5-فېۋرال، بىشكەك
5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش.2024-يىلى 5-فېۋرال، بىشكەك
RFA/Feruze

 پائالىيەت داۋامىدا يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرى تونۇشتۇرۇلدى. ئىختىيارىي سۆزگە چىققان «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى دىلمۇرات ئەكبەروف دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللاشنى تەكىتلىدى. جامائەت ئاقساقىلى غەيرەت جاھانوف بۇ خىل پائالىيەتلەرگە كۆپرەك ياشلارنى تەكلىپ قىلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

 مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقان يىگىت باشلىرىدىن بىرى ئەزىمجان مامىروف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ مەزكۇر پائالىيەتتىن تەسىرلەنگەنلىكىنى ئىزھار قىلدى.

ئىگىلىشىمىزچە، «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ 27 يىللىقى يەنە قىرغىزىستاننىڭ جالال-ئاباد شەھىرىدىمۇ خاتىرىلەندى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئېغىر تەھدىتلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقى جالال-ئاباد ئاھالىسىگە تونۇشتۇرۇلدى. گەرچە، جالال-ئابادتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئاز بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقى، ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.