قىرغىزىستاندا «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 15 يىللىقى خاتىرىلەندى

بىشكەكتىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فېرۇزە تەييارلىدى
2024.07.10
qirghizistan-5-iyul-01 جالالئاباد جامائىتىنىڭ ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 15 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى. 2024-يىلى 5-ئىيۇل، جالالئاباد
RFA/Feruze

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 15 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن پايتەخت بىشكەك ۋە جالالئاباد شەھەرلىرىدە يىغىلىپ، شېھىتلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ خەتمە قۇرئان پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

5-ئىيۇل كۈنى قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئالامېدىن 1- مەھەللىسىگە جەم بولۇپ «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 15 يىللىقىنى خاتىرىلىدى ۋە شېھىتلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ خەتمە قۇرئان ئوقۇدى. مەزكۇر پائالىيەت دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ۋەكىللىرى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا بىشكەك شەھىرى ۋە ئەتراپتىكى يېزىلاردىن كەلگەن 40 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر جامائەت ۋەكىللىرى قاتناشتى. مەزكۇر پائالىيەت قۇرئان تىلاۋەت بىلەن باشلاندى. بۇ پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلغان روزىمۇھەممەت ئابدۇلباقىيېۋ، «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا قىسقىچە دوكلات بەردى.

خاتىرىلەش پائالىيىتى داۋامىدا قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى«ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى دىلمۇرات ئەكبەروۋ سۆزگە تەكلىپ قىلىندى. ئۇ سۆزىدە، «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاتالمىش «خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى»دىن دۇنياۋى مەسىلىگە ئايلاندۇرغانلىقىنى تەكىتلىدى.

دىلمۇرات ئەپەندى سۆزىنىڭ داۋامىدا يەنە بۇ يىل ماي ئېيىدا گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن د ئۇ ق نىڭ 20-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەت  توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى، بولۇپمۇ بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ دۇنياۋى مەسىلە سۈپىتىدە چوڭ دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي مۇنبەرلىرىدە دائىم تىلغا ئېلىنىدىغان مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئاقساقالى غەيرەت جاھانوۋ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىدىكى پاجىئەلىك ۋەقەلەرنىڭ ئۇنتۇلماسلىقى لازىملىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇ يەنە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن ئازادلىقى يولىدىكى  كۈرەشلىرىنى ھېچ ۋاقىت توختىتىپ قويماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

روزىمۇھەممەد ئابدۇلباقىيېۋ رىياسەتچىلىك قىلماقتا. 2024-يىلى 5-ئىيۇل، بىشكەك
روزىمۇھەممەد ئابدۇلباقىيېۋ رىياسەتچىلىك قىلماقتا. 2024-يىلى 5-ئىيۇل، بىشكەك
RFA/Feruze

مەزكۇر پائالىيەتكە ئاياللار جامائىتىمۇ قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ غەم-قايغۇلىرى ۋە ئوي-پىكىرلىرىنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇلار نۆۋەتتە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ مەسىلىلەرنىڭ بىرىنىڭ بۇ ئانا تىل مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى، بۇنى ھەل قىلىشتا ئاتا-ئانىلار ھەم ئەر-ئاياللارنىڭ مەسئۇلىيەتلىرىنىڭ ئېغىرلىقىنى تىلغا ئالدى. رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان گۇلباھار ئەلىيېۋا خانىم، ئۇيغۇر ئېلىدىكى قېرىنداشلىرى ئۈچۈن قايغۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ھەرگىز ئۇنتۇماسلىقىنى، پەرزەنتلىرىنى ھەر ۋاقىت ئانا تىلدا سۆزلەشكە رىغبەتلەندۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 15 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى جالالئاباد شەھىرىدىكى «ئىتتىپاق جەمئىيىتى» نىڭ تەشكىللىشى بىلەن خەتمە قۇرئان شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى. خاتىرىلەش مۇراسىمغا جالالئاباد جامائىتى ۋە قىرغىزىستان خەلقلەر بىرلەشمىسى (ئاسسامبلېيەسى) نىڭ جالالئاباد شۆبىسىدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر ۋەكىللىرى قاتناشتى. رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئەلىشىر ناسىراخونوۋ ئەپەندى، بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ جالالئاباد شەھىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى تەرىپىدىن ئىمكانىيەت يار بەرگەن دائىرىدە ئۇيۇشتۇرۇلۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ۋەكىللىرى، بولۇپمۇ قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئۇنىڭ پىداكار ئەزالىرى ھەر يىلى بۇ تۈردىكى پائالىيەتلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن ئۆز ھەسسىلىرىنى قوشۇپ كەلمەكتە.  ئۇلارنىڭ قاتارىدا سابىق  رەئىس روزىمۇھەممەت ئابدۇلباقىيېۋ، سابىق رەئىس دىلمۇرات ئەكبەروۋ، سابىق رەئىس ئەسقەر قاسىموۋ، ئاياللار كېڭىشىنىڭ سابىق رەئىسى تۇرسۇنئاي ئىسلام، «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ تەھرىرات بۆلۈمىدىكى خادىملاردىن زۇمرەت روزىيېۋا، ئەكبەرجان باۋۇدۇنوۋ، رەھىمجان ھاپىزوۋ ۋە باشقىلارنى ساناپ ئۆتۈش مۇمكىن. ئىگىلىشىمىزچە، بۇ يىل دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ۋەكىل نامزاتلىقىغا 9 كىشى كۆرسىتىلگەن، رەسمىي ۋەكىللەر 28-ئىيۇل كۈنىدىكى سايلام ئارقىلىق تاللاپ چىقىلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.