قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر خانىم-قىزلار ئۇيغۇرلارنىڭ «گۈلچاي» ئەنئەنىسىنى جانلاندۇرماقتا

بىشكەكتىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فېرۇزە تەييارلىدى
2024.12.26
gul-chay-qirghizistan-03 گۈل چايغا قاتناشقان ئۇيغۇر مەھەللىلەردىكى ئاياللار كېڭىشىنىڭ رەھبەرلىرى. 2024-يىلى 25-دېكابىر، بىشكەك
RFA/Feruze

25-دېكابىر قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىدىكى «فەرىزات» تويخانىسىدا ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ «گۈلچاي» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتكە قارابالتا، بېلوۋودسك، توقماق، بېشكەك شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر مەھەللىلىرىدە ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى قاتناشتى. مەزكۇر پائالىيەت «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى ئاياللار كېڭىشىنىڭ سابىق رەئىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى تۇرسۇنئاي ئىسلامنىڭ تەشەببۇسىدا ئۇيۇشتۇرۇلدى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تۇرسۇنئاي ئىسلام خانىم مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاش ھەم داۋاملاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

پائالىيەت ئۇيۇشتۇرغۇچى تۇرسۇنئاي ئىسلام قازاقىستاندىن كەلگەن يالقۇن تاھىروۋ بىلەن بىللە. 2024-يىلى 25-دېكابىر، بىشكەك
پائالىيەت ئۇيۇشتۇرغۇچى تۇرسۇنئاي ئىسلام قازاقىستاندىن كەلگەن يالقۇن تاھىروۋ بىلەن بىللە. 2024-يىلى 25-دېكابىر، بىشكەك
RFA/Feruze

مەزكۇر پائالىيەت پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئۇيغۇر تىلىدا ئۆتكۈزۈلدى، ئۇيغۇر تىلىدا ئويۇنلار كۆرسىتىلدى. بۇنىڭ ئۈچۈن قازاقىستاندىن مەخسۇس مېھمانلار تەكلىپ قىلىندى. ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان دانىيار قۇناخۇنوۋ بىلەن يالقۇن تاھىروۋلار ئۇيغۇر تىلىدا خانىم-قىزلارغا كۆپلىگەن چاقچاق ۋە ئويۇنلارنى كۆرسىتىشتى. قىرغىزىستان خەلق ئارتىسى سۇلتان كەرىموۋ ۋە تونۇلغان ناخشىچى ئالىمجان روزىيېۋلار ئۇيغۇرچە جانلىق خەلق ناخشىلىرىنى ياڭرىتىپ، كۆپچىلىكنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سېلىشتى.

چاي مەدەنىيىتى ئۇيغۇر خەلقى ئۇزۇن تارىختىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئۆرپ-ئادەت ۋە ئەنئەنىلەردىن بىرىدۇر. چاي ئولتۇرۇشلىرىنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ، ھازىر ئوتتۇرا ئاسىيا، جۈملىدىن قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ساقلىنىپ قالغانلىرىدىن «تاتلىق چاي»، «ماقۇل چاي»، «تازىم چاي»، «كىچىك چاي» ۋە باشقىلارنى ساناپ ئۆتۈشكە بولىدۇ. رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان توقماق شەھىرى ئۇيغۇر ئاياللار بىرلىكىنىڭ ھۆرمەتلىك ئەزاسى رايخان رۇزىيېۋا خانىم، «گۈلچاي» ئەنئەنىسى ئۇيغۇرلار بۇرۇندىن داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن بىر مىراس، دەپ تەكىتلىدى.

19-ئەسىردە ياشىغان رۇسىيەلىك ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتچىسى مىخائىل پېۋسوۋ (Михаил Певцов) ئۆز كىتابلىرىدا ئۇيغۇرلارنى مۇنداق دەپ تەسۋىرلىگەن: «قەشقەرلىكلەر گۈل-چېچەكلەرنى بەك سۆيىدىغان خەلقتۇر. ئۇلارنىڭ ھويلا-ئاراملىرىدا ۋە باغلىرىدا ھەر تۈرلۈك گۈل-چېچەكلەرنى كۆرەلەيمىز. ئاياللار ھەمىشە گۈل-چېچەكلەر بىلەن ئۆزىنى زىننەتلەيدۇ، ئەرلەر بولسا بەزىدە گۈل-چېچەكلەرنى كۆكرىكىگە تاقىۋالىدۇ».

نوۋوپوكروۋكا مەھەللىسى ئاياللار كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئاسىيەم موللاباقىيېۋا سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 25-دېكابىر، بىشكەك

 نوۋوپوكروۋكا مەھەللىسى ئاياللار كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئاسىيەم موللاباقىيېۋا خانىم رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «گۈل» ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ئالاھىدە بىر مەنە ۋە مەزمۇن بېرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ، «گۈلچاي» ئەنئەنىسى توغرىسىدا ئۆزىنىڭ ئوي-پىكىرلىرى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.

پائالىيەت داۋامىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەدەبىياتى، ئۆرپ-ئادىتى، سەنئىتى، ئىجتىمائىي ھاياتى ۋە تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇنلىغان ئويۇنلار ۋە نومۇرلار كۆرسىتىلدى، مۇراسىم ئىنتايىن كۆتۈرەڭگۈ كەيپىياتتا ئۆتتى. مەزكۇر «گۈلچاي» غا قاتناشقان «تەڭرىتاغ سادالىرى» رادىيوسىنىڭ مۇخبىرى ھاشىموۋا نىلۇفەر نۇرتاي قىزى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان بۈگۈنكى «سوغۇق كۈنلەردە گۈلچاي مۇراسىمى بىزگە بىر باھارنى ئەسلىتىلگەن بىر پائالىيەتتۇر» دېدى.

ئالمۇتىدىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ناخشىچى. 2024-يىلى 25-دېكابىر، بىشكەك
ئالمۇتىدىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ناخشىچى. 2024-يىلى 25-دېكابىر، بىشكەك
RFA/Feruze

قىرغىزىستان ئوتتۇرا ئاسىيادا قازاقىستاندىن قالسىلا ئۇيغۇرلار بىر قەدەر كۆپ ئولتۇراقلاشقان بىر مەملىكەت. قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئۆز مىللىي كىملىكى، ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. ئۇلار يەنە قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق قوشنا ئەللەردىكى ئۇيغۇرلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى يەنىمۇ جانلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.