قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت فېستىۋالىدا ئۇيغۇر مىللىي ئەنئەنىلىرى يېڭىدىن جانلاندۇرۇلدى
2024.08.23
17-ئاۋغۇستتىن 20-ئاۋغۇستقىچە قىرغىزىستاننىڭ ئىسسىق كۆل ۋىلايىتىنىڭ تون يېزىسىدا ئۇيغۇر مەدەنىيەت فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلدى. فېستىۋال جەريانىدا ئۇيغۇر مىللىي ئەنئەنىلىرى يېڭىدىن جانلاندۇرۇلدى. فېستىۋال قاتناشقۇچىلىرى ئۈچۈن قاپاق بېزەش سەنئىتى ۋە ئۇيغۇر مىللىي ئۇسسۇللىرى كۆرسىتىلدى شۇنىڭدەك يەنە شېئىرىيەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى.
«ئىرپان فېست» دەپ ئاتالغان مەزكۇر فېستىۋال داۋامىدا فېستىۋال قاتناشقۇچىلىرى توقماق شەھىرى يېنىدىكى قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە قۇرۇلغان بۇرانا دەپ ئاتالغان مۇنارنى زىيارەت قىلدى. زىيارەت داۋامىدا قاتناشقۇچىلارغا قاراخانىيلار سۇلالىسى تارىخى قىسقىچە تونۇشتۇرۇلدى.
مەزكۇر فېستىۋالغا قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىلى گۇلبانۇ باقىيېۋا خانىم، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ قەدىمىي ماكانلارنى زىيارەت قىلىش ۋە مەزكۇر فېستىۋالدىن ئالغان تەسىراتلىرى ھەققىدە توختالدى.
شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، مەزكۇر فېستىۋالغا پەقەت ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، بەلكى يەنە رۇس ۋە تاتار مىللەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشتى. ئۇلار ئۆزبېكىستاندىن كەلگەن بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە بەك قىزىقىدىغانلىقىنى ئېيتىشتى شۇنىڭدەك ئۇيغۇر دىيارىدا داۋاملىق يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇم سىياسىتىدىن خەۋەردار بولغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.
«ئىرپان فېست» فېستىۋال داۋامىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان قاپاق بېزەش پائالىيىتى كىشىلەرنى بەك جەلپ قىلدى. چۈنكى بۇ ماھارەتلەرنى كۆرسەتكەنلەرنىڭ بىرى 10 ياشلىق ئەلۋىنا مەسىمجانوۋا ئىدى. ئەلۋىنا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، قاپاق بېزەشنى بوۋىسى ئۆگەتكەنلىكىنى ۋە ئۆزىنىڭ تۈرلۈك دەرىجىدىكى كۆرگەزمىلەرگە قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۆزبېكىستاندىن كەلگەن فېستىۋال ۋەكىلى دىلخۇمار خانىم رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر قاپاق بېزەش ماھارىتىدىن ئالغان ھېسسىياتلىرىنى بايان قىلدى.
ئۇيغۇر مەدەنىيەت فېستىۋالى داۋامىدا ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستاندىن كەلگەن فىرۇزە ۋە مۇقەددەس خانىملار فېستىۋالغا قاتناشقان خانىم-قىزلار ئۈچۈن ئۇيغۇر مىللىي ئۇسسۇل ماھارەتلىرىنى كۆرسەتتى. قازاقىستاندىن كەلگەن «دوستلۇق» مىللىي مۇزىكا ئانسامبىلى بولسا يىگىتلەر ئۈچۈن ساما ئۇسسۇل ئورۇنداپ ئۇلارغا بۇ ئۇسسۇلنى ئويناشنى ئۆگەتتى.
فېستىۋال داۋامىدىكى مۇھىم پائالىيەتلەرنىڭ بىرى شېئىرىيەت كېچىلىكىدۇر. مۇراسىمدا قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستاندىن كەلگەن شائىرلار ئۆز شېئىرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىشتى، ھەم «دىل ساز»، «دوستلۇق»، «ياشلار ئاۋازى»، «ئەلنۇرا» قاتارلىق سەنئەت ئىجادىي گۇرۇپپىلىرى ئۆزلىرىنىڭ سازلىرى ۋە ناخشىلىرىنى ياڭرىتىشتى.
قازاقىستاندىكى بايسېيىت يېزىسىدىن كەلگەن فېستىۋال ۋەكىلى گۈلەربۇۋى باراتوۋا خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ فېستىۋالنىڭ پىروگراممىسى ھەققىدە ئالاھىدە توختالدى. .
20-ئاۋغۇست «ئىرپان فېست» مەدەنىيەت فېستىۋالى تەنتەنىلىك ئاخىرلاشتى. فېستىۋال قاتناشقۇچىلىرىغا تەشكىلىي ھەيئەت تەرىپىدىن تۈرلۈك خاتىرە سوۋغاتلىرى تاپشۇرۇلدى. ۋەكىللەرمۇ بىر-بىرىگە سوۋغاتلار تەقدىم قىلىپ تەشكىلىي ھەيئەتكە ئۆز مىننەتدارلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى. مەزكۇر فېستىۋالغا قاتناشقان «چېۋەر قول» ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزاسى سانىيەم خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ فېستىۋال ئەھلى بىلەن قېرىنداشلىق ئورناتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
«ئىرپان فېست» فېستىۋالىنىڭ رەسمىي يېپىلىش مۇراسىمىدا نۇرغۇن نۇتۇقلار سۆزلەندى. فېستىۋال قاتناشقۇچىلىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ مىننەتدارلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى، فېستىۋال ئەھلى، بولۇپمۇ باشقا مىللەت ۋەكىللىرى ئاڭلىسۇن دەپ لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ شېئىرلىرىنى گۈلبوستان ۋېلياموۋا خانىم دېكلاماتسىيە قىلدى.
مەزكۇر ئۇيغۇر مەدەنىيەت فېستىۋالى بىرىنچى قېتىپ ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ، نۇرغۇن ئىجابىي ئىنكاسلارغا ئېرىشتى. «ئىرپان» ئۇيغۇر تەرەققىيات پروگراممىلىرىنى قوللاش فوندىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يۇنۇسجان ئىلاخۇنوف رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر فېستىۋالنىڭ ئۆز مەقسەتلىرىگە ئېرىشكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇنى كېلەركى يىلى تېخىمۇ كېڭەيتىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
قىرغىزىستان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار بىر قەدەر كۆپ جايلاشقان مەملىكەت. ئۇ، ئۇيغۇر دىيارى ۋە قازاقىستاندىن قالسىلا، ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان بىر مەملىكەت دەپ قارالماقتا. رەسمىي مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا قىرغىزىستاندا 60 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئاھالىسى ياشايدۇ. لېكىن، غەيرىي رەسمىي مەلۇماتلار، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرى بويىچە ئالغاندا بۇ دۆلەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى رەسمىي مەلۇماتلاردىن خېلىلا كۆپ، بولۇپمۇ جەنۇبتىكى ئوش ۋە جالال-ئاباد ۋىلايەتلىرىدىكى زور ساندىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى ئۆزبېك دەپ يازدۇرغان ئەھۋاللار كۆرۈلگەن. لېكىن، بىشكەك، چۇي ۋىلايىتى، قارارقول شەھىرى ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ تىلى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى خېلى ياخشى ساقلىغان. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش، ئۇيغۇر تىلىنى يېڭى ئەۋلادلارغا ئۆگىتىش ئىشلىرى كۈچەيمەكتە. قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىمۇ بۇ ئىشلارنى ئالاھىدە قوللىماقتا.